تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نىشان-ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، «14-بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان قىسمەن ساھەلەردىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يوقلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

نىشان-ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، «14-بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

نۇرلان ئەبىلمەجىن يوقلاشقا ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى

2-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسى، ئاخبارات-نەشرىيات ساھەسى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى، چياۋمىنلار بىرلەشمىسى، تاشقى دوستلۇق ساھەسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسى، دىن ساھەسى، ئالاھىدە تەكلىپلىك زاتلار ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 2-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى ئۈرۈمچى شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسى، ئاخبارات-نەشرىيات ساھەسى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى، چياۋمىنلار بىرلەشمىسى، تاشقى دوستلۇق ساھەسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسى، دىن ساھەسى، ئالاھىدە تەكلىپلىك زاتلار ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن، شۈ خەيرۇڭ، ليۇ سۇشې، ماغاۋ سېيىتقامزا، مۇتەللىپ ئوبۇل قاتارلىقلار قاراپ چىقىش ياكى مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

ئۈرۈمچى شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىدە كەيپىيات قىزغىن ئىدى، ياسىن سىدىق، گۈلنار ئابدۇكېرەم، ليۇ يەندۇڭ، ما يۈجۇڭ، ليۇ خۇي، خې شياۋيى قاتارلىق ۋەكىللەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. سۆزنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، چېن چۈەنگو سۆز قىلىپ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلانغان تۇنجى يىل، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ پارتىيە قۇرغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. بىز قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تونۇش كېرەك، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى دۆلىتىمىز زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، تۈپ ئاساسىي مەقسەت، مەسىلە يۆنىلىشى، كۈلپەت ئېڭىنى چىقىش قىلغان ھالدا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. ئىلىم-پەن روھى بىلەن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك، ئىجادىي تەرەققىيات، ماس تەرەققىيات، يېشىل تەرەققىيات، ئوچۇق تەرەققىيات، ھەمبەھرە تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن تەپەككۇر قىلىش، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك پىلانلاش، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، پۈتۈن گەۋدە خاراكتېرلىك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىغا قارىتا چىقىرىلغان سىستېمىلىق پىلانلاش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى كەم-كوتسىز دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئەمەلىيەتچىل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 1-، 2-، 3-كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» قاتارلىق نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلى بىلەن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى سىياسىي ئىقتىدار، ئىستراتېگىيەلىك نەزەر، كەسىپ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنى ساھەلەر بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرە يىغىن مەيدانىدا، گاۋ خۇاڭگاڭ، مەمەت جۈمە، ئامىنە ۋارخان، چېن يىڭ، خەن مىڭيۈەن قاتارلىق ئەزالار ئىلگىرى-كېيىن سۆز قىلدى. چېن چۈەنگو بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن خاتىرە قالدۇردى، پات-پات كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە-تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. يېڭى بىر يىلدا، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ئىدىيەۋى-سىياسىي يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى تىرىشىپ قوزغىتىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەرنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. ۋەزىپىنى ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئالاقىلىشىش دائىرىسى كەڭ بولۇش، يوللىرى راۋان بولۇش، ئىختىساسلىقلار يىغىلغان بولۇش، ئەقىل-كۈچ توپلانغان بولۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پائال تۈردە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، ۋەزىپە-مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى قوغداش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېر ئورنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدىيە، سىياسىي قۇرۇلۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ۋەزىپە-مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ تەكلىپ بېرىشتىكى «كۈچەش نۇقتىسى» ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىكى «بىرىكىش نۇقتىسى»نى توغرا تېپىش كېرەك؛ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە سىياسىي كېڭەشنى چۈشىنىش، كېڭىشىشنى بىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر بولۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىش، ئەخلاق-پەزىلەتكە ئەھمىيەت بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدىكى سۇبيېكتلىق رولىنى، ئۆز خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى، ساھە، ئامما ئارىسىدىكى ۋەكىللىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.