قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى">
تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنى بۈگۈن ئېچىلدى

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى

− ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى 4- يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

باھار كېلىپ قار - مۇزلار ئېرىدى، پۈتۈن تەبىئەت يېڭى تۈسكە كىردى. بۈگۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنى داغدۇغىلىق ئېچىلدى. «14 - بەش يىل» باشلانغان، يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۈمىدى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئالغان پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - چارە كۆرسىتىدۇ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ. بىز يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

ئۆتكەن بىر يىلنى ئەسلىسەك، سەپىرىمىز جاپا - مۇشەققەتكە تولغان بولسىمۇ، كۈرەش نەتىجىلىرىمىز كۆرۈنەرلىك بولدى. بۇ ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يول باشلاپ رولچى بولغانلىقىنىڭ پايدىسىدىن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ پايدىسىدىن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ پايدىسىدىن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ شەخسىيەتسىز ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ پايدىسىدىن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ پايدىسىدىن بولغان، شۇنداقلا بۇنىڭغا ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى، ھەمدە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يۈرەك قېنى ۋە ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، كەڭ كادىرلار، ئامما، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى زاتلارنىڭ چوڭ جەڭ، چوڭ سىناققا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىشى، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىشى، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلىشى، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىشى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن.

ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى تولۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھەر ساھەنىڭ ئورتاق تونۇشىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بازىسىدا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش يولىدا، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئەقىل - چارە كۆرسىتىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپلا قالماي، ئەمەلىي ئىشلەپ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، پائال نەتىجە يارىتىش ھالىتى بىلەن ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئۈچۈن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش خىسلىتىنى نامايان قىلىپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىشتەك قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

2021 - يىلى دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدىكى ئالاھىدە مۇھىم خاراكتېرگە ئىگە بىر يىل، بۇ بىر يىلدا بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالىمىز، بىز «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزىمىز ۋە يولغا قويىمىز، بىز ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ قەدەم تاشلاپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايمىز. بۇ ئاچقۇچلۇق تارىخىي تۈگۈن نۇقتىدا تۇرغاندا، مەسئۇلىيەت ئېغىر، زور، بۇرچ شەرەپلىك، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇشقا تېخىمۇ توغرا كېلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ سىياسىي تەشكىلات ۋە دېموكراتىيە شەكلى بولۇشتىكى ئۈنۈم ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

ئېغىر مەسئۇلىيەت ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، بۇرچ زىممىمىزدە. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىيىن كۈنلەردە بىللە بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ ياخشى پۈتەيلى!

يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا تىلەكداشمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.