تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «14- بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «14- بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ قاتناشتى   ياڭ شىن رىياسەتچىلىك قىلدى

1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياڭ شىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، ئۆتكەن بىر يىلدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى، مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر شەرھلەپ بايان قىلىپ، كۈچلۈك سىياسىي نازارەتچىلىك ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم مىزان. قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: 2020 - يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكى، يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە يېڭى نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى قەدەم تاشلاندى. چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلانغان تۇنجى يىل، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ پارتىيە قۇرغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، نازارەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش، ئىجرا قىلىش، ئىلگىرى سۈرۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

بىرىنچىدىن، سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، قەتئىي، كەسكىن تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئاخىرغىچە ئىزچىللاشتۇرۇش، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش، تەربىيەلەش، ئومۇملاشتۇرۇش، تەتقىق قىلىش - مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاش، تۇتاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش، بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىشتە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان قىلىش بويىچە چۆچۈتۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چىرىكلىشەلمەيدىغان قىلىش بويىچە قەپەسنى چىڭىتىپ، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇش ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، «تۆت خاھىش»نى سىجىل تۈزىتىپ، تۈزەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ پەيدا بولۇشى، يامرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ئورۇن، مۇھىم تۈگۈن ۋە ئاجىز ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ، نىشانلىق تۈزىتىپ، تۈزەپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىل تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى تۈپتىن ياخشىلاش ئارقىلىق جەمئىيەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

بەشىنچىدىن، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تۈزەش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى سىجىل تۈزەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى سىجىل تۈزەپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇرۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەنسىرەۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، «ئۈچ تۈرلۈك ئىسلاھات»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشتىكى چەكلىمە ۋە نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، دىققەتنى «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىق»لارغا قارىتىلغان نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، كۈندىلىك نازارەتچىلىكنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، نۆۋەت ئالمىشىش ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، پارتىيە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلايدىغان، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار دېلو ئارقىلىق ئىبرەت قىلىش، دېلو ئارقىلىق تەربىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېلو ئارقىلىق مېخانىزم ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېلو ئارقىلىق تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ھېچقانداق ئالاھىدە ئىمتىيازى بولماسلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى بوشاشتۇرماسلىق، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىشتا توختاپ قالماسلىق، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، رەزىللىكنى جازالاشتا يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا، شەمشەرنى ئېگىز كۆتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، تولۇق قاپلاش، قىلچە يول قويماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، توسۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى كۈچەيتىپ، ئۇزاققىچە چۆچۈتۈپ، چىرىكلىكنى جازالاش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق بولۇپ، ئاخىرغىچە قاتتىق بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى باشتىن - ئاخىر مەسئۇلىيەتنى قەلبكە پۈكۈش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ھەرىكەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك؛ پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ شۇجىلىرى بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، بەنزە ئەزالىرى«بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»نى ئادا قىلىشى كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار تىرىشچان، پاك بولۇشتا ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشى، ئۈلگە بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرى نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك ۋە دۆلەت رېۋىزىيەسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك، دائىملىق ياخشى تۇتۇشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن مۇقەددەس بۇرچنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. تەشكىلىي كاپالەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ قوللاپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى بازغانچىنىڭ جەزمەن بېلى چىڭ بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ سىياسىي ساپاسى يۇقىرى، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، كەسىپلەشكەن، ئىقتىدارى كۈچلۈك، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، كۈرەش قىلىشقا ماھىر ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە پاك - دۇرۇس بولۇش قىممەت ئىدىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىغا ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە ھەممە ئادەم كۆڭۈل بۆلىدىغان، ھەممە ئادەم قاتنىشىدىغان، ھەممە ئادەم قوللايدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

ياڭ شىن ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «قەتئىي تەۋرەنمەي ئىننتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش» دېگەن تېمىدا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايون، بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ شۇجىلىرى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.