تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

«بالىلار قەلىمىدىكى شىنجاڭ . تەسەۋۋۇردىكى 2035» 10-تۈركۈمدىكى تاللانغان ئەسەرلەر كۆرگەزمە قىلىندى

     شىنجاڭدىكى «كىچىك رەسسام»لارنىڭ قەلبىدە، 2035-يىلى ئۇلۇغ ۋەتەن، گۈزەل شىنجاڭ قانداق بولىدۇ؟ «学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە قانات يايدۇرغان ««بالىلار قەلىمىدىكى شىنجاڭ . تەسەۋۋۇردىكى 2035»  ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى رەسىم ئەسەرلىرىنى توپلاش پائالىيىتىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، پائال ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، بەس-بەستە ئەسەر ئەۋەتتى. بىز بىرلىكتە شىنجاڭدىكى «كىچىك رەسسام»لارنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى رەڭدار كەلگۈسىدىن ھۇزۇرلىنايلى.

«چاقپىلەك تاماشا باغچىسى» (ئاپتور: شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 59- باشلانغۇچ مەكتەپ 5- يىللىق 4-سىنىپتىن ما كەيچى؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ليۇ جيې)
«سىرلىق يول» (ئاپتور: شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 83- باشلانغۇچ مەكتەپ 6- يىللىق 1-سىنىپتىن سەي ۋېنفېي؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: خەن جۈەن)
«ماشىنا ئادەم ساياھەت يېتەكچىسى» (ئاپتور: شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك شۆليەنخۇا باشلانغۇچ مەكتىپى 5- يىللىق 3-سىنىپتىن ليۇ شۆكې؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ياڭ زىخۇي)
«شەھەر ئالەم كېمىسى» (ئاپتور: شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13- ئوتتۇرا مەكتەپ 7- يىللىق 8-سىنىپتىن شن نىڭۋېي؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ما لىنلىن)
«گۈزەل 2035- يىلى» (ئاپتور: شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى سانجى شەھەرلىك 8- باشلانغۇچ مەكتەپ 4- يىللىق 5-سىنىپتىن شيۇڭ زىخەن؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: يەن جيا)
«دېڭىز ئاستى شادلىق باغچىسى» (ئاپتور: شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى دۆربىلجىن ناھىيەلىك تاڭچاڭ باشلانغۇچ مەكتىپى 4- يىللىق ئوقۇغۇچىسى دىدار قايرات؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: جاڭ سۈيسۈي)
«بېلىق كۆلچىكى تازىلىغۇچ» (ئاپتور: شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەلىك 7- باشلانغۇچ مەكتەپ 3- يىللىق 4- سىنىپتىن فېڭ شىۋېن؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ۋاڭ لىپىڭ)
«كەلگۈسى شەھەر» (ئاپتور: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا شەھەرلىك 30- باشلانغۇچ مەكتەپ 3- يىللىق 3-سىنىپتىن شى شۇنشىن؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ما يۇڭبىڭ)

«كىچىك رەسسام»لار دەرھال قەلەمنى ئېلىپ ئىجادىيىتىڭلارنى باشلاڭلار!

ئەسەر توپلاش، كۆرگەزمە قىلىش ۋاقتى:

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە

 ئەسەر تەلىپى:

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە پەقەت رەسىم سىزىش تۈرىدىكى ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ، ئەسەرنىڭ شەكلى چەكلەنمەيدۇ. تاللانغان ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى قايتۇرۇلمايدۇ.

قاتنىشىش ئۇسۇلى:

بىرىنچى. ئەسەر توپلاش پائالىيىتىگە قاتناشقان رەسىم ئەسەرلىرى چوقۇم ئېلېكتىرونلۇق نۇسخا (سىكاننېرلانغان ياكى سۈرەتكە تارتىلغان) شەكلىدە پوچتا ساندۇقىغا يەتكۈزۈلۈشى كېرەك: xjxpt@126.com، ھۆججەت نامىغا ئەسەرنىڭ نامى، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە تېلېفون نومۇرى ئەسكەرتىلىدۇ.

ئىككىنچى. باھالاپ چىقىلغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ كەينىگە ئەسەرنىڭ نامى، ئاپتورنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، يېشى، مەكتەپ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە تېلېفون نومۇرى ئەسكەرتىلىدۇ ھەمدە ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلىدۇ: شىنجاڭ ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) جۇڭيا شىمالىي يولى 65-نومۇر ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجرىبە مەكتىپى، ما شىنبو (قوبۇل قىلىدۇ) ، تېلېفون: 13999265138.

«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.