تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

«بالىلار قەلىمىدىكى شىنجاڭ . تەسەۋۋۇردىكى 2035» 9-تۈركۈمدىكى تاللانغان ئەسەرلەر كۆرگەزمە قىلىندى

    شىنجاڭدىكى «كىچىك رەسسام»لارنىڭ قەلبىدە، 2035-يىلى ئۇلۇغ ۋەتەن، گۈزەل شىنجاڭ قانداق بولىدۇ؟ «学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە قانات يايدۇرغان ««بالىلار قەلىمىدىكى شىنجاڭ . تەسەۋۋۇردىكى 2035»  ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى رەسىم ئەسەرلىرىنى توپلاش پائالىيىتىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، پائال ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، بەس-بەستە ئەسەر ئەۋەتتى. بىز بىرلىكتە شىنجاڭدىكى «كىچىك رەسسام»لارنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى رەڭدار كەلگۈسىدىن ھۇزۇرلىنايلى.

«تېز سۈرئەتلىك يولدا مېڭىش» (ئاپتور: قەشقەر ۋىلايىتى قەشقەر شەھىرى شەرقىي شەھەر 7- تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپى 8- يىللىق 1-سىنىپتىن نازىلە ئابدۇكېرىم؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: جىن جۈەنجۈەن)
«قەشقەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بېكىتى» (ئاپتور: قەشقەر ۋىلايىتى قەشقەر شەھىرى شەرقىي شەھەر 4- تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپى 9- يىللىق 21-سىنىپتىن ئائىشە ھەزرەتئېلى؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: لى خياخاۋ)
«رەڭدار شەھەر» (ئاپتور: قەشقەر ۋىلايىتى يېڭى شەھەر ناھىيەسى بايى ئوتتۇرا مەكتىپى 9- يىللىق 1-سىنىپتىن گۈلباھار مۇختەر؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: چېن كەيلى)
«كۆپ ئىقتىدارلىق مۇھىت تازىلىغۇچ» (ئاپتور: قەشقەر ۋىلايىتى قەشقەر شەھەرلىك شىنگۇاڭ باشلانغۇچ مەكتىپى 5- يىللىق 5-سىنىپتىن مۇنىرە ئىبراھىم؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: جاڭ ۋېيجۈن)

«كەلگۈسىدىكى دېڭىز ئاستى شەھىرى» (ئاپتور: قەشقەر ۋىلايىتى قەشقەر شەھەرلىك ياڭگۇاڭ باشلانغۇچ مەكتىپى 5- يىللىق 9-سىنىپتىن شى فاڭجىڭ؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: جاڭ گاڭخۇا)
«ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياشانغانلار ساناتورىيەسى» (ئاپتور: قەشقەر ۋىلايىتى قەشقەر شەھەرلىك ياڭگۇاڭ باشلانغۇچ مەكتىپى 5- يىللىق 9-سىنىپتىن سۈي يىتىڭ؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: جاڭ گاڭخۇا)

«رەڭدار قەشقەر» (ئاپتور: قەشقەر ۋىلايىتى قەشقەر شەھەرلىك 10- باشلانغۇچ مەكتەپ 5- يىللىق 1-سىنىپتىن ليۇ شىنيى؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: گو مېيليەن)

«بوشلۇق كىتاب بازىرى» (ئاپتور: قەشقەر ۋىلايىتى قەشقەر شەھەرلىك 10- باشلانغۇچ مەكتەپ 1- يىللىق 11-سىنىپتىن ۋاڭ شو؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ليۇ جيې)

«كىچىك رەسسام»لار دەرھال قەلەمنى ئېلىپ ئىجادىيىتىڭلارنى باشلاڭلار!

ئەسەر توپلاش، كۆرگەزمە قىلىش ۋاقتى:

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە

 ئەسەر تەلىپى:

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە پەقەت رەسىم سىزىش تۈرىدىكى ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ، ئەسەرنىڭ شەكلى چەكلەنمەيدۇ. تاللانغان ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى قايتۇرۇلمايدۇ.

قاتنىشىش ئۇسۇلى:

بىرىنچى. ئەسەر توپلاش پائالىيىتىگە قاتناشقان رەسىم ئەسەرلىرى چوقۇم ئېلېكتىرونلۇق نۇسخا (سىكاننېرلانغان ياكى سۈرەتكە تارتىلغان) شەكلىدە پوچتا ساندۇقىغا يەتكۈزۈلۈشى كېرەك: xjxpt@126.com، ھۆججەت نامىغا ئەسەرنىڭ نامى، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە تېلېفون نومۇرى ئەسكەرتىلىدۇ.

ئىككىنچى. باھالاپ چىقىلغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ كەينىگە ئەسەرنىڭ نامى، ئاپتورنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، يېشى، مەكتەپ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە تېلېفون نومۇرى ئەسكەرتىلىدۇ ھەمدە ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلىدۇ: شىنجاڭ ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) جۇڭيا شىمالىي يولى 65-نومۇر ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجرىبە مەكتىپى، ما شىنبو (قوبۇل قىلىدۇ) ، تېلېفون: 13999265138.

«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.