تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

«بالىلار قەلىمىدىكى شىنجاڭ . تەسەۋۋۇردىكى 2035» 5-تۈركۈمدىكى تاللانغان ئەسەرلەر كۆرگەزمە قىلىندى

     شىنجاڭدىكى «كىچىك رەسسام»لارنىڭ قەلبىدە، 2035-يىلى ئۇلۇغ ۋەتەن، گۈزەل شىنجاڭ قانداق بولىدۇ؟ «学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە قانات يايدۇرغان ««بالىلار قەلىمىدىكى شىنجاڭ . تەسەۋۋۇردىكى 2035»  ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى رەسىم ئەسەرلىرىنى توپلاش پائالىيىتىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، پائال ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، بەس-بەستە ئەسەر ئەۋەتتى. بىز بىرلىكتە شىنجاڭدىكى «كىچىك رەسسام»لارنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى رەڭدار كەلگۈسىدىن ھۇزۇرلىنايلى.

«مېنىڭ يېشىل ئارزۇيۇم» (ئاپتور: شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجرىبە مەكتىپى 8- يىللىق 1-سىنىپتىن يۈ مېيرۈي؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ما شىنبو)
«لەيلىمە ئاپتوموبىل» (ئاپتور: شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3- باشلانغۇچ مەكتەپ 6- يىللىق 3-سىنىپتىن ۋاڭ زىچاڭ؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: خۇ خەييەن)
«بوشلۇقتىكى شەھەر» (ئاپتور: شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 98- باشلانغۇچ مەكتەپ 3- يىللىق 1-سىنىپتىن خاڭ جيايى؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: چېڭ خۇي)
«كەلگۈسىدىكى دېڭىز ئاستى ئوكسىگېن ئىشلەش زاۋۇتى» (ئاپتور: شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك بەخت ئوتتۇرا مەكتىپى  8- يىللىق 5-سىنىپتىن لى شياۋنىڭ؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: گو تيەنلى)
«ئاقىل كەلگۈسى» (ئاپتور: شىنجاڭ قومۇل شەھەرلىك 5- باشلانغۇچ مەكتەپ 5- يىللىق 7-سىنىپتىن ما زىيۈن؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: جياڭ شىنرۈي)
«2035 بالىلىقتىكى ئارزۇ» (ئاپتور: شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى شىخو شەھەرلىك 3- باشلانغۇچ مەكتەپ 3- يىللىق 1-سىنىپتىن ما جياخيۇ؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: دۇڭ شىن)
«يېشىل ماكان» (ئاپتور: شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى چاغانتوقاي ناھىيەلىك 1- باشلانغۇچ مەكتەپ 2- يىللىق 5-سىنىپتىن جاڭ چيەنشۆ؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ما يۈخۈي)
«دىنوزاۋا تىرىلدى» (ئاپتور: شىنجاڭ قىزىلسۇ قىزغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى 6- يىللىق 6-سىنىپتىن گۈلدانە كېرەم؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: لى لىڭ)

«كىچىك رەسسام»لار دەرھال قەلەمنى ئېلىپ ئىجادىيىتىڭلارنى باشلاڭلار!

ئەسەر توپلاش، كۆرگەزمە قىلىش ۋاقتى:

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە

 ئەسەر تەلىپى:

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە پەقەت رەسىم سىزىش تۈرىدىكى ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ، ئەسەرنىڭ شەكلى چەكلەنمەيدۇ. تاللانغان ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى قايتۇرۇلمايدۇ.

قاتنىشىش ئۇسۇلى:

بىرىنچى. ئەسەر توپلاش پائالىيىتىگە قاتناشقان رەسىم ئەسەرلىرى چوقۇم ئېلېكتىرونلۇق نۇسخا (سىكاننېرلانغان ياكى سۈرەتكە تارتىلغان) شەكلىدە پوچتا ساندۇقىغا يەتكۈزۈلۈشى كېرەك: xjxpt@126.com، ھۆججەت نامىغا ئەسەرنىڭ نامى، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە تېلېفون نومۇرى ئەسكەرتىلىدۇ.

ئىككىنچى. باھالاپ چىقىلغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ كەينىگە ئەسەرنىڭ نامى، ئاپتورنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، يېشى، مەكتەپ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە تېلېفون نومۇرى ئەسكەرتىلىدۇ ھەمدە ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلىدۇ: شىنجاڭ ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) جۇڭيا شىمالىي يولى 65-نومۇر ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجرىبە مەكتىپى، ما شىنبو (قوبۇل قىلىدۇ) ، تېلېفون: 13999265138.

«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.