تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

«بالىلار قەلىمىدىكى شىنجاڭ . تەسەۋۋۇردىكى 2035» 4-تۈركۈمدىكى تاللانغان ئەسەرلەر كۆرگەزمە قىلىندى

    شىنجاڭدىكى «كىچىك رەسسام»لارنىڭ قەلبىدە، 2035-يىلى ئۇلۇغ ۋەتەن، گۈزەل شىنجاڭ قانداق بولىدۇ؟ «学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە قانات يايدۇرغان ««بالىلار قەلىمىدىكى شىنجاڭ . تەسەۋۋۇردىكى 2035»  ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى رەسىم ئەسەرلىرىنى توپلاش پائالىيىتىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، پائال ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، بەس-بەستە ئەسەر ئەۋەتتى. بىز بىرلىكتە شىنجاڭدىكى «كىچىك رەسسام»لارنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى رەڭدار كەلگۈسىدىن ھۇزۇرلىنايلى.

«چۆلنى بوستان قىلىش» (ئاپتور: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 5- ئوتتۇرا مەكتىپى 8- يىللىق 4-سىنىپتىن يۈ چىڭمياۋ؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: لى لىتىڭ)
«گۈزەل شىنجاڭ مېنىڭ ئائىلەم» (ئاپتور: شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجرىبە مەكتىپى 7- يىللىق 3-سىنىپتىن ۋاڭ يۈەنيۈ؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: لى جۈنخۇا)
«بوشلۇق ئاپتوبۇسى» (ئاپتور: شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 42- باشلانغۇچ مەكتەپ 3- يىللىق 3-سىنىپتىن لياڭ چاۋجۈن؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: يې زىچىڭ)
«سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» (ئاپتور: ئۈرۈمچى شەھەرلىك 83- ئوتتۇرا مەكتەپ 5- يىللىق 4-سىنىپتىن مېڭ جياتۇڭ؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: جېڭ شياۋخۇي)
«ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولى» (ئاپتور: ئۈرۈمچى شەھەرلىك 104- ئوتتۇرا مەكتەپ 8- يىللىق 4-سىنىپتىن يىن شۈشىن؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: لى ۋەن)
«گۈزەل ماكان» (ئاپتور: شىنجاڭ قومۇل شەھەرلىك 14- ئوتتۇرا مەكتەپ 7- يىللىق 1-سىنىپتىن لۇ جۈنكى؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: خۇاڭ ۋېنجىڭ)
«2035 ئۇچار ئاپتوبوبىل» (ئاپتور: شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم  ئوبلاستى جىمىسار ناھىيەلىك 4- باشلانغۇچ مەكتەپ 5- يىللىق 2-سىنىپتىن لچى مىڭلياڭ؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: جاڭ خۇا)
«تەسەۋۋۇر 2035» (ئاپتور: شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك 1- باشلانغۇچ مەكتەپ 2- يىللىق 3-سىنىپتىن مياۋ رۈيفېڭ؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ئايقىن ئۇكۇڭباي)

«كىچىك رەسسام»لار دەرھال قەلەمنى ئېلىپ ئىجادىيىتىڭلارنى باشلاڭلار!

ئەسەر توپلاش، كۆرگەزمە قىلىش ۋاقتى:

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە

 ئەسەر تەلىپى:

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە پەقەت رەسىم سىزىش تۈرىدىكى ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ، ئەسەرنىڭ شەكلى چەكلەنمەيدۇ. تاللانغان ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى قايتۇرۇلمايدۇ.

قاتنىشىش ئۇسۇلى:

بىرىنچى. ئەسەر توپلاش پائالىيىتىگە قاتناشقان رەسىم ئەسەرلىرى چوقۇم ئېلېكتىرونلۇق نۇسخا (سىكاننېرلانغان ياكى سۈرەتكە تارتىلغان) شەكلىدە پوچتا ساندۇقىغا يەتكۈزۈلۈشى كېرەك: xjxpt@126.com، ھۆججەت نامىغا ئەسەرنىڭ نامى، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە تېلېفون نومۇرى ئەسكەرتىلىدۇ.

ئىككىنچى. باھالاپ چىقىلغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ كەينىگە ئەسەرنىڭ نامى، ئاپتورنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، يېشى، مەكتەپ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە تېلېفون نومۇرى ئەسكەرتىلىدۇ ھەمدە ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلىدۇ: شىنجاڭ ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) جۇڭيا شىمالىي يولى 65-نومۇر ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجرىبە مەكتىپى، ما شىنبو (قوبۇل قىلىدۇ) ، تېلېفون: 13999265138.

«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.