تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، سىياسىي چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، سىياسىي چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش باش تېما قىلىندى، بەنزە خىزمىتى ۋە شەخسنىڭ ئىدىيە، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ ئانالىز قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىش كەسكىن قانات يايدۇرۇلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. يىغىندىن ئىلگىرى، ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسى يولغا قويۇش لايىھەسىنى مەخسۇس تۈزدى، پارتىيە گۇرۇپپىسى ئەزالىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى قاتارلىق مۇھىم يىغىن ۋە ھۆججەتلەرنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر - تەكلىپ ئېلىپ، سىردىشىش، سۆزلىشىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنى ئەستايىدىل يېزىپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى ئېچىشقا پۇختا ئاساس سالدى.

يىغىندا ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىشى بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»تا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 8 -، 9 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش - تۈزىتىشى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ ئالاقىدار تۈزىتىش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ۋە بۇ قېتىمقى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدىن ئىلگىرى پىكىر - تەكلىپ ئېلىش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. شۆھرەت زاكىر ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسىگە ۋاكالىتەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى، پارتىيە گۇرۇپپىسى ئەزالىرى بىر - بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى. كۆپچىلىك ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتا مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، كونكرېت، چوڭقۇر بولۇپ، ئۆزئارا تەنقىد قىلىشتا سەمىمىي بولۇپ، نېگىزنى تۇتۇپ چوڭقۇرلاپ تەھلىل قىلىپ، ئادەمنى كۆرۈش، ئىشنى بىلىش، ئىدىيەنى تونۇش، ئىنچىكە، تەپسىلىي، كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، كۈچنى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىشىپ غەيرەتكە كېلىش مەقسىتىگە يەتتى.

شۆھرەت زاكىر خۇلاسە سۆزى قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، سىياسىي چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، دائىم ئۆگىنىپ، دائىم يېڭىلاپ، دائىم ئۆزلەشتۈرۈپ، دائىم ئىلگىرىلەپ، كاللىنى تېخىمۇ ياخشى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، سىياسەت - پەرمانلىرىنىڭ راۋانلىقىغا، بۇيرۇق، تەلەپلىرىنىڭ جەزمەن ئىجرا قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى توغرا ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى ۋە سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەر ۋە جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.