تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا دومىنىكا زۇڭلىسى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى بىلەن تېلېفونلاشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى كەچتە دومىنىكا زۇڭلىسى سكەيرىت بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن دومىنىكانىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، باراۋەر ئاساستا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ياخشى دوستلار. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 17 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو - دومىنىكا مۇناسىۋىتىدە زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قوللىدى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكى، داۋالاش، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ياخشى بولدى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى. جۇڭگو تەرەپ دومىنىكا تەرەپنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى دىپلوماتىيەدىكى ئالدىنقى يۆنىلىش قىلغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، دومىنىكانىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قۇربىنىڭ يېتىشىچە داۋاملىق ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو - دومىنىكا دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى چوقۇم تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن دومىنىكا قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتەك چوڭقۇر دوستلۇقنى نامايان قىلدى. جۇڭگو تەرەپ دومىنىكا تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن قوللاپ، دومىنىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ياردەم ۋە مەدەت بېرىپ، ۋاكسىنىنى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى ئىشلىتەلەيدىغان، ئىشلىتىشكە قۇربى يېتىدىغان ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ، ۋاكسىنىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە سېتىۋالالايدىغان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگو تۆھپىسىنى قوشىدۇ. جۇڭگو - دومىنىكا ئىككى تەرەپ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قەتئىي قوللاپ، ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا بىرلىكتە تۈرتكە بولىدۇ.

سكەيرىت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دومىنىكا - جۇڭگو ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، چوڭ - كىچىك دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى ئۈلگىگە ئايلاندى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، دومىنىكا ۋە باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قىممەتلىك ياردەم بەردى. جۇڭگو تەرەپ دومىنىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى داۋالاش ماددىي ئەشيا ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە ۋاكسىنىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئومۇملىشىشى ۋە سېتىۋالالايدىغان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا ۋەدە بەردى. جۇڭگو دۇنياغا ئۈلگە بولدى، ئۇ دومىنىكانىڭ ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان ھەقىقىي دوستى. دومىنىكا تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى قوللاپ، ھەرقانداق كۈچنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، شياڭگاڭغا ئالاقىدار، تەيۋەنگە ئالاقىدار قاتارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگو بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرىدۇ. دومىنىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ يەر شارىۋى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتا رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، دومىنىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ھەمدە كارب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى كەچتە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كەڭ كۆلەملىك تارقالغاندىن بۇيان، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداپ، يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەم ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشتى. جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ جۇڭگونىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنى پائال قوللىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئاۋۋالقىدەكلا قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو دۆلەت ئىچى يۇقۇمىنى باشلامچىلىق بىلەن كونترول قىلىپ ھەم ئىقتىسادنىڭ قايتا جانلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە پايدىلىق شارائىت ياراتتى. بىز ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىپ، تۈرلۈك تەييارلىق كۆرۈش خىزمەتلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە پائال تۈرتكە بولدۇق. نۆۋەتتە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەيدان - سارايلىرى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، مۇسابىقىنى تەشكىللەش خىزمىتى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى، مۇسابىقە مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش سىجىل جانلاندى، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ۋە مىراس خىزمىتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. بىز بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ئومۇملىشىشى، تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدۇق. ئىشىنىمەنكى، ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، جۇڭگو تەرەپ تۈرلۈك تەييارلىق كۆرۈش ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە تاماملاپ، ئومۇميۈزلۈك تەييارلىقنى ياخشى قىلىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تولۇق مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايدۇ. بېيجىڭ خەلقئارادىكى يازلىق ۋە قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزگەن بىردىنبىر «قوش ئولىمپىك شەھىرى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكىتىگە ئۆزگىچە تۆھپە قوشىدۇ.

باخ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا قالتىس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىقتىسادنى باشلامچىلىق بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم موتورغا ئايلاندى، مەن بۇنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىپ، ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىدى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى جۇڭگو تەرەپنىڭ بىر نۆۋەتلىك يېشىل، ھەمبەھرە، ئوچۇق، پاك بولغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك، ئېسىل، بىخەتەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ. بۇ، قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقان 300 مىليون جۇڭگولۇقنىڭ ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپلا قالماي، خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنىمۇ كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئولىمپىك روھىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىپ، تەنتەربىيە ھەرىكىتىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو خەلقىنىڭ چاغىنىنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن! جۇڭگو خەلقىنىڭ يېڭى بىر يىلدا يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.