تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

مىڭدىن ئارتۇق كۈل رەڭ تۇرنا چەرچەن ناھىيەسى چەرچەن دەرياسىغا ماكانلاشتى

1-ئاينىڭ 21- كۈنى، چەرچەن ناھىيە بازىرىغا تەخمىنەن 20 كىلومېتىر كېلىدىغان قوشساتما يېزىسىدىكى قوناقلىقتا، مىڭدىن ئارتۇق كۈل رەڭ تۇرنا بۇ يەردە توختاپ ئوزۇقلۇق ئىزدىمەكتە.

  ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ ۋەندې، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ لې فوتوسى، خەۋىرى): 1-ئاينىڭ 21-كۈنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى چەرچەن ناھىيەسىنىڭ چەرچەن دەرياسى ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان كۈل رەڭ تۇرنىنىڭ ماكانلاشقانلىقىنى بايقىدى، مۇخبىر ناھىيە بازىرىغا تەخمىنەن 20 كىلومېتىر كېلىدىغان قوشساتما يېزىسىدىكى قوناقلىقتا يېقىن ئارىلىقتىن كۈل رەڭ تۇرنىنىڭ ئۇچۇۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىنى سۈرەتكە تارتتى، توپ-توپ كۈل رەڭ تۇرنىلار گاھ قانات قېقىپ ئېگىز ئۇچۇپ، گاھ تاقلىشىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەپ، قانغۇچە كۆڭۈللۈك ئويناشتى، بۇ تۇرنىلارنىڭ سانى تەخمىنەن 1000دىن ئاشىدىغان بولۇپ، توپلىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، قوناقلىقنى بىردەمدىلا ئادەتتىن تاشقىرى ئاۋاتلاشتۇرۇپ، ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى نامايان قىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چەرچەن ناھىيەسى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ياۋايى ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر تۈر توپىنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، بۇ يەرنىڭ مول ئېكولوگىيەلىك بايلىقى پەسىل قۇشلىرىنى يېتەرلىك يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەپ، پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆچۈش سەپىرىدىكى مۇھىم ئۇچۇش يولى ۋە ئېنېرگىيە تولۇقلاش ئۆتىڭى بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.