تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «14-بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «14-بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

1-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو شىمىگۇ رايونىنىڭ چىداۋان تەۋەلىك رايونى خۇيجەن مەھەللىسىگە كېلىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق خىزمەت ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى.

(ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 1-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يېغىۋاتقان قارغا قارىماي ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، «14-بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نانچىلىق مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى «سانائەت + ساياھەت + مەدەنىيەت» ئىدىيەسى بىلەن زامانىۋىلاشقان زاۋۇت بەرپا قىلدى. چېن چۈەنگو باغچە رايونىنىڭ مەسئۇلى ۋە ھەر مىللەت سودىگەرلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، سۇپا قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش، مەھسۇلات سېتىش، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: 1-، 2-، 3-كەسىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، كەسىپ كۆلىمىنى زورايتىپ، كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، كىچىككىنە ناننى چوڭ كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

شىمىگۇ رايونىنىڭ چىداۋان تەۋەلىك رايونى خۇيجەن مەھەللىسىدە چېن چۈەنگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، پارتىيە قۇرۇلۇشى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق خىزمەت ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلقنى كۆزلەش ئىشىدا كىچىك ئىش يوق، نۇرغۇن خىزمەتلەر ئاساسىي قاتلامدا، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە، كەڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىنچىكە، كىچىك ھالقىلارغا كۈچ سەرپ قىلىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، چىن قەلبى، چىن ھېسسىياتى، پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەر مىللەت ئامما ئەڭ تەقەززا بولۇۋاتقان، ئەڭ غەم قىلىۋاتقان، ئەڭ ئارزۇ قىلىۋاتقان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

چېن چۈەنگو شىنجاڭ يىندولەن ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى پاي چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، تېخنىكا يېڭىلاش، دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى ۋە بازار ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زامانىۋى پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ، جۇڭيى تېبابىتى مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ ئەنئەنىۋى تېببىي دورىگەرلىكنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكىنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى ئۆزگىچە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇپ، «تۆت بالدۇر» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت تەرەپ مەسئۇلىيىتى»نى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئادەم، ماددىي ئەشيالارغا قارىتا تەڭ ئالدىنى ئېلىش، تەڭ تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە بوشاشماسلىق، تەدبىردە بوشاشماسلىق، مېخانىزمدا بوشاشماسلىق، مەسئۇلىيەتتە بوشاشماسلىقنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، مۇقىملىق پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىناق، مۇقىم جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، سانائەت ئاساسىنى كۈچەيتىش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئون چوڭ كەسىپنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۈچەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى كېڭەيتىپ، تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى كۈچەپ زورايتىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئون تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشنى كۆپ يوللار ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، قەتئىي ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، جارۇللا ھېسامىدىن، ليۇ سۇشې قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.