تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى تۇڭلۇن بىلەن تېلېفونلاشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپ بويىچە لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى تۇڭلۇن بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، خەلقىگە ۋاكالىتەن تۇڭلۇننىڭ لائوس پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: لائوس پارتىيەسىنىڭ 11 - قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلىپ، پارتىيەنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا دائىر بىر قاتار يېڭى پىكىر يولى، يېڭى تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، لائوسنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. يولداش تۇڭلۇن باشچىلىقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك لائوس پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، لائوستىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، 11 - قۇرۇلتايدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو - لائوس تاغ - دەريالىرى تۇتاش، دوستانە قوشنا دۆلەتلەر، كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، سوتسىيالىزم يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش جۇڭگو - لائوس مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى. ھازىر، جۇڭگو - لائوس مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن يەر شارىۋى يۇقۇمنىڭ ئۈستىلىنىش تەسىرى ئالدىدا، جۇڭگو تەرەپ لائوس تەرەپ بىلەن بىرلىكتە يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - لائوس ئىقتىساد كارىدورى ۋە جۇڭگو - لائوس تۆمۈريولى قاتارلىق چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - لائوسنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت، ياشلار، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئادىمىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ لائوس تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى داۋاملىق قوللايدۇ، پائال ئويلىشىپ لائوس تەرەپكە بىر تۈركۈم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى بىلەن ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ لائوس تەرەپ بىلەن خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىيات، گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. شى جىنپىڭ تۇڭلۇننىڭ يېڭى، مۇھىم خىزمەت ئورنىدا يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

تۇڭلۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ لائوس پارتىيەسىنىڭ 11 - قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا مەن بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىغا ئىنتايىن رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ يولداش باش شۇجىنىڭ لائوس - جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە لائوس - جۇڭگو ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقى ۋە ئەنئەنىۋى دوستانە مۇناسىۋىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. بۇ قېتىمقى لائوس پارتىيەسىنىڭ 11 - قۇرۇلتىيىدا بىر قاتار مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، لائوس پارتىيەسى پىرىنسىپلىققا ئىگە ئومۇميۈزلۈك يېڭىلاش لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى يېتەكلەپ بىر قاتار يېڭى غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، لائوسنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقا پۇختا ئاساس سالىدۇ. لائوس تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ لائوسنىڭ تەرەققىياتىدىكى ھەرقايسى مەزگىللەردە، جۈملىدىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا لائوس تەرەپنى قىممەتلىك مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ، لائوس - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ھەرىكەت پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ، ھەرقايسى قاتلاملىق دوستانە ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. لائوس تەرەپ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقىنىڭ چوقۇم ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بەلگىلەنگەن كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ.

تېلېفونلاشقان ۋاقىتتا، شى جىنپىڭ تۇڭلۇن بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - لائوس دوستلۇق يىلىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى، يۈرۈشلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو - لائوس دوستلۇقىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.