تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى   نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 1-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى تارىخ بىلەن رېئاللىقنى تۇتاشتۇرۇش، خەلقئارا بىلەن دۆلەت ئىچىنى باغلاش، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش جەھەتتىن يېڭى دەۋردە نېمە ئۈچۈن دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولغا قويۇلىدۇ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى قانداق يولغا قويۇش كېرەك قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلگەن مۇھىم، زور نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى، ماركسىزملىق قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ مىزانى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى يېتەكچى ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئەمەلىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ قانۇنچىللىق سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي شىنجاڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى قانۇنچىللىق يولىدا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى تۇتۇپ، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىدىن پايدىلىنىپ خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، جىنايەتكە زەربە بېرىپ، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك. يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىك ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھات ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قوغداش، ئاممىۋى سەھىيە، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك نىزام چىقىرىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ قانۇنچىللاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تولۇق قويۇپ بېرىش كېرەك؛ مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق ئىسلاھاتنى قوغداش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كۈچ سەرپ قىلىپ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە شەھەر-يېزىلارنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، شەھەر رايونى جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، شەھەر-يېزىلارنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، ئۇنى تۈگىتىپ، تىنچ-ئامان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قانۇنچىللىق يولىدا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇننى قاتتىق، ئۆلچەملىك، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى چەكلەش ۋە نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي خەلق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇنغا رىئايە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى قانۇنچىللىق تەشۋىق-تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، پۈتۈن جەمئىيەت ئىش بېجىرىشتە قانۇنغا ئاساسلىنىدىغان، مەسىلىگە يولۇققاندا قانۇننى ئىزدەيدىغان، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا قانۇندىن پايدىلىنىدىغان، زىددىيەتنى تۈگىتىشتە قانۇنغا تايىنىدىغان قانۇنچىللىق مۇھىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇستەھكەم، كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا بولغان بىرتۇتاش رەھبەرلىكى، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە رەھبەرلىكىنى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىق»لارنىڭ ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن قانۇنچىللىققا ھۆرمەت قىلىپ، قانۇندىن ئەيمىنىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىدىن پايدىلىنىپ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. قانۇنچىللىق خىزمىتى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق مەخسۇس قوشۇنىنىڭ ئىنقىلابىيلىشىشى، مۇنتىزىملىشىشى، كەسىپلىشىشى، كەسپىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن مۇلازىمىتى خىزمەتچىلىرىنى توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە كەسىپ بىلەن سەمىمىي شۇغۇللىنىش، جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىدىكى ئورنىنى توغرا تېپىپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ھەر ۋاقىت قەلبىگە پۈكۈپ، زىممىگە ئېلىپ، قانۇنچىللىققا ئېتىقاد قىلىپ، قانۇنچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىن تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.