ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى
«13 - بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى مۇقىم ئۆستۈردى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسى يەنىمۇ روشەنلەشتى.
ھوسۇل، ئۈنۈم ماس قەدەمدە ئاشتى
«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى باشتىن - ئاخىر گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، ھوسۇل مۇقىم ئېشىپ، سۈپەت ۋە ئۈنۈممۇ ئۈزلۈكسىز ئۆستى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش ئىستراتېگىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئېتىزنى يۇقىرى ئۆلچەملەشتۈرۈش، سۇ تېجەپ سۇغىرىش، پەن - تېخنىكىنى كېڭەيتىش قاتارلىق تۈرلەرنىڭ نۇقتىلىق ھالدا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلارغا مايىللىشىشىغا پائال تۈرتكە بولۇندى، بۇغداي، بولۇپمۇ كۈزگى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا كۈزگى بۇغداينىڭ ئەڭ يۇقىرى بىرلىك ھوسۇلىدا ئۇدا ئۈچ يىل يېڭى رېكورت يارىتىلدى، ئەڭ يۇقىرى مو بېشى ھوسۇل 832 كىلوگىرام بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى.
«ئەلا سورت ۋە ئىلمىي پەرۋىش تېخنىكىسىغا تايانغانلىقىمىز ئۈچۈن، 2020 - يىلى ئائىلىمىزنىڭ بۇغدايدىن ئالغان ئەڭ يۇقىرى مو بېشى ھوسۇلى 779 كىلوگىرامغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 84 كىلوگىرام يۇقىرى بولدى» دېدى گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ شىبېيۋەن بازىرى ليۇشۇخېزى كەنتىدىكى ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقان فېڭ رۇگاڭ.
نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا سۈپەتلىك ئۇرۇقنىڭ قاپلاش نىسبىتى %99تىن يۇقىرى بولدى، 2020 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سۈپىتى ئوخشاش بولمىغان بۇغداينىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ سېتىۋېلىش يەككە باھاسى 0.1 يۈەندىن 0.5 يۈەنگىچە ئاشتى، نۇرغۇن دېھقان ئائىلىسى كۈزگى بۇغداي + ئېڭىز ئورنىغا سىلوس قونىقى تېرىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، مو بېشى كىرىمىنى 1000 يۈەندىن ئاشۇردى، بۇ، ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولدى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
پاختا ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە، شىنجاڭنىڭ كېۋەز كۆلىمى، بىرلىك ھوسۇلى، ئومۇمىي ھوسۇلى، تاۋار مىقدارى، يۆتكەپ چىقىرىش مىقدارى ئۇدا 26 يىل مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا مۇقىم تۇردى، سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسىلىق ئورنى سىجىل مۇستەھكەملەندى. «13 - بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا مەركەزلەشتى، كېۋەز تېرىشقا قىسمەن باب كېلىدىغان رايون ۋە خەۋپ - خەتىرى بار كېۋەز رايونلىرى كېۋەز تېرىشتىن چېكىندۈرۈلۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا مېۋە بىلەن كېۋەزنى كىرىشتۈرۈپ تېرىش كۆلىمى يەنىمۇ ئازايتىلىپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشنى كۆلەملەشتۈرۈش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كېۋەز تېرىشتە ئوخشاش ئېكولوگىيەلىك رايوندا «بىر ئاساسلىق، ئىككى قوشۇمچە» بولغان ئۇرۇق سېلىش ئەندىزىسى سىجىل كېڭەيتىلىپ، 10 مىڭ مودىن ئاشىدىغان ئېتىزلاردا ئاساسلىق تېرىلىدىغان كېۋەز سورتىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى %75كە يەتكۈزۈلدى، ئاساسلىق تېرىلىدىغان كېۋەز سورتىنىڭ سانى بەش يىل ئىلگىرىكى 200 نەچچىدىن 60 نەچچىگە ئازايتىلىپ، سورتى كۆپ، قالايمىقان، ئارىلاش بولۇش ۋەزىيىتى ئۆزگەرتىلىپ، پاختا سۈپىتىنىڭ بىردەكلىكى ئۆستۈرۈلدى.
ھېسابلىنىشىچە، 2020 - يىلى ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن مول ھوسۇل ئېلىشنىڭ پايدىسىدا، ئاشلىق، پاختا كىرىمىنىڭ شىنجاڭدىكى دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك كىرىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى يەنىمۇ ئېشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلاشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىگەن.
يېشىل تەرەققىيات ئۈنۈمى ھەسسىلەپ ئاشتى
«13 - بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭ يېشىل تەرەققىيات ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، يېشىل يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، بايلىق، مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى بىلەن لايىقلاشقان، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيە بىلەن ئۆزئارا ماسلاشقان يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
«ئوغۇتنى دەرەخ تاجىسىنىڭ ئاستىدىكى تۇپراققا سالغاندا، ئوغۇتنى تېجەپلا قالماي، يەنە ھوسۇلنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.» خوتەن ناھىيەسى لايقا يېزىسى تۆۋەن لايقا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئېلىتوختى مەمەت مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئوغۇتنى ھەمىشە دەرەخ غولىنىڭ ئاستىغا دۆۋىلەپ قويغاچقا، ئىسراپ بولۇپلا قالماي، يەنە مۇھىتنى بۇلغاپ ياڭاقنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كەتكەنىدى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىملىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھازىر ئائىلىمىزنىڭ ياڭاق ئۆستۈرۈش سۈپەت ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.
«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ تېرىقچىلىقىدا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىش مىقدارىدا ئۇدا تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلدى. دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش، خىمىيەلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوسۇلى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مەھسۇلاتى بىخەتەر، بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئۆسۈملۈك ئاسراش تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىلدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسلىق زىرائەتلەرنىڭ يېشىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە قاپلىنىش نىسبىتى %30تىن ئاشتى، كەسىپلەشكەن بىرتۇتاش ئالدىنى ئېلىش، بىرتۇتاش تىزگىنلەش بويىچە قاپلىنىش نىسبىتى %38تىن ئاشتى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى قوغداش بىلەن سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى ۋە خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ ئورنىغا ئورگانىك ئوغۇت ئىشلىتىش ھەرىكىتىمۇ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تۇپراقنى ئۆلچەپ رېتسېپلىق ئوغۇتلاش، شاخ - شۇمبىلارنى ئېتىزغا قايتۇرۇش، مەھەللىۋى ئوغۇتنى ئوكسىگېنلىق يىغىپ تەييارلاش قاتارلىق تۇپراقنىڭ ئورگانىك ماددىسىنى ئاشۇرۇش ۋە يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى ئاشۇرۇشقا دائىر بىر قاتار يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئەندىزىلەر نۇقتىلىق كېڭەيتىلىپ، خىمىيەۋى ئوغۇتتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلۈپ، دېھقانلارنىڭ ئىلمىي ئوغۇتلاش ئېڭى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2020 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئورگانىك ئوغۇت ئىشلىتىش مىقدارى 59 مىليون 425 مىڭ 700 توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %2.76 ئاشقان، 3 مىليون 324 مىڭ مو يەردە يېشىل ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاپ تېرىقچىلىق قىلىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە مۇۋاپىق بولمىغان ئوغۇتلاش ھادىسىلىرى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، يېزىلارنىڭ دائىرىلىك، مەنبەلىك بۇلغىنىشى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىنىپ، خىمىيەۋى ئوغۇت نۆل ئېشىش خىزمەت نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى
«13 - بەش يىل»دىن بۇيان، كۆلەملەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، ئۆلچەملەشكەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شەكلى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشقا ئۈزلۈكسىز قەدەم قويغانلىقىنىڭ مۇھىم بەلگىسىگە ئايلاندى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا يەرلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىنىشىنىڭ پائال ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ يەر ھوقۇق - مەنپەئىتى ۋە پايدىسىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىش بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
«يەر ئوبوروتى ۋە كۆلەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پايدىسىدا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.» ئاۋات ناھىيەسى شىنخۇيچېڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرلەشمىسىنىڭ كېڭەش باشلىقى لېي يەنگاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: پاختىنى كۆلەملەشتۈرۈپ، تۈجۈپىلەشتۈرۈپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مو بېشى ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى 380 يۈەن تۆۋەنلەتكىلى، مو بېشى مەھسۇلاتىنى 120 كىلوگىرام ئاشۇرغىلى، پاختا ئىشلەپچىقىرىشتا مو بېشى كىرىمىنى 1100 يۈەندىن كۆپرەك ئاشۇرغىلى، ئۈنۈمنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ يېزا ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، دۆلەت چۈشۈرگەن 35 مىليون 620 مىڭ مو يېزا كوللېكتىپ تېرىلغۇ يېرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاپ كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتى ۋەزىپىسى تاماملىنىپ، 1 مىليون 806 مىڭ 100 دېھقان ئائىلىسىگە يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى كىنىشكىسى تارقىتىپ بېرىلىپ، ئائىلىلەر ھۆددىگە ئالغان تېرىلغۇ يەرنىڭ ئوبوروتى ئىشەنچلىك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئائىلىلەر ھۆددىگە ئالغان تېرىلغۇ يەرنىڭ ئوبوروت كۆلىمى 10 مىليون 600 مىڭ مودىن ئېشىپ، ئائىلىلەر ھۆددىگە ئالغان تېرىلغۇ يەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %36ىنى ئىگىلەپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شەكلى تېز ئومۇملاشتى.
يەر ئوبوروتى خىزمىتىنىڭ سىجىل ئالغا سىلجىتىلغانلىقىنىڭ پايدىسىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ئومۇمىي سانى 28 مىڭدىن ئاشتى، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئەزالىرى ۋە تۈرتكە بولغان ئەزا بولمىغانلار سانى ئومۇمىي دېھقانلار ئائىلىسى سانىنىڭ %38ىنى ئىگىلىدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە يېڭىچە تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كىچىك دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تۈگۈنگە ئايلاندى.