تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىكلەر مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات-مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىڭىشىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 1-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات-مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى تەتقىق قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات-مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى، تارىخ بىلەن رېئاللىقنى، دۆلەت ئىچى بىلەن خەلقئارانى بىرلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىشنىڭ نەزەرىيە ئاساسى، تارىخىي ئاساسى، رېئال ئاساسىنى ئىلمىي تەھلىل قىلدى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ يېڭى تەلىپىنى سىستېمىلىق شەرھلەپ بايان قىلدى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈش، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

بىرىنچىدىن، ئىدىيەۋى تونۇشنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش جەريانىغا مۇجەسسەملەنگەن نەزەرىيە لوگىكىسى، تارىخ لوگىكىسى، رېئاللىق لوگىكىسىنى چوڭقۇر تونۇپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي ئورنىنى، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپىنى، ئىقتىسادنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى يول تاللاشنى ئىلمىي، دەل جايىدا ئىگىلەپ، غەيرەت ۋە ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادە ۋە جاسارەتنى ساقلاپ، «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاكتىپچانلىق، تەشەببۇسكارلىق، ئىجادچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى دەل جايىدا ئىگىلەش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى يېتەكلەپ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى كۈتۈۋالغان يېڭى باسقۇچ ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى تەلەپنى ئىلمىي ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى يېڭى پۇرسەت، يېڭى خىرىسقا دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر بىلەن قاراپ، قوزغىتىشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆز ئىشىمىزنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، بەلگىلەنگەن نىشاننى قەتئىي بوشاشماي ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. مۇكەممەل، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك؛ مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ دەل جايىدا بولغان ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، پەسەيتىپ ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال سىڭىشىش كېرەك. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەدە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش»نى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئېھتىياج تەرەپلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىپ، ئىستېمالنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، مەبلەغ سېلىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش كېرەك.

بەشىنچىدىن، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تۈپ كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك. «ئىككى چوڭ ۋەزىيەت»نى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى»نى ئىگىلەپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئىقتىدار، ئىستراتېگىيەلىك نەزەر، كەسىپ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قەتئىي تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي قانۇن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىستېما قارىشى، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، ئاساسنى كۈچەيتىش يۆنىلىشىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي قانۇن خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.