تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز ساغلام، مۇقىم ئورمان ئېكولوگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ بارلىق تەبىئىي ئورمانلارنى قوغداپ، تەبىئىي ئورماننى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ساغلام، مۇقىم ئورمان ئېكولوگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «ئاپتونوم رايوننىڭ تەبىئىي ئورماننى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتقان.

«لايىھە»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2035 - يىلىغا بارغاندا، تەبىئىي ئورماننىڭ ساقلىنىش مىقدارى تۇراقلاشتۇرۇلۇپ، تەبىئىي ئورمان ئېكولوگىيە سىستېمىسى تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، ئورماننىڭ بۆلۈنۈش سۈپىتى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، تۈرلەرنىڭ كۆپ خىللىقى تېخىمۇ موللاشتۇرۇلىدۇ. مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، تەبىئىي ئورماننى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ساغلام، مۇقىم، ئىقتىدارى تولۇق بولغان ئورمان ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى ۋە مول ئورمان مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجى قاندۇرۇلۇپ، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا پۇختا ئېكولوگىيەلىك ئاساس سېلىنىدۇ.

«لايىھە»دە تۈزۈم قۇرۇلۇشى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، تەبىئىي ئورماننى باشقۇرۇش - قوغداش تۈزۈمى، ئىشلىتىلىش ئورنىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى، ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈزۈمى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەكىتلەندى. ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي ئورماننى قوغداش مەركىزى (ئاپتونوم رايونلۇق ئورمان باغچىسىنى باشقۇرۇش مەركىزى)نىڭ مۇدىرى ساۋ دىڭگۇي مۇنداق دېدى: «لايىھە»نىڭ چىقىرىلىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەبىئىي ئورماننى قوغدىشىنى تۈزۈملىشىش، قانۇنچىللىشىش يولىغا كىرگۈزىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز تەبىئىي ئورمانلارنى ئەسلىدىكى نوقۇل گەۋدىلىك قوغداشتىن ئومۇميۈزلۈك قوغداش، سىستېمىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشلىتىلىش ئورنىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، مەسئۇلىيەت ۋە ھوقۇقنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا ئۆزگەرتتى.

«لايىھە»دە بۇنىڭدىن كېيىن تەبىئىي ئورماننى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، جەمئىيەت قاتنىشىش، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئۆز ئۈستىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرىدىغان سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەت يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تەبىئىي ئورماننى قوغداش بويىچە مەمۇرىي باشلىق مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ۋە نىشان - مەسئۇلىيەتنى تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمى ئورنىتىش، ھەم تەبىئىي ئورمانلارنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولغان نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نەتىجە - ئۈنۈم بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، تەبىئىي ئورماننى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش نەتىجە - ئۈنۈمىنى تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى رەھبىرىي كادىرلار ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن (ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا) ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش تۈرلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەم رەھبىرىي كادىرلارنى ئۇنىۋېرسال باھالاشتىكى مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«لايىھە»دە تەبىئىي ئورماننى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، تەبىئىي ئورماننى قوغداش سىياسىتى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كۈچلۈك بولماي، قارىغۇلارچە تەدبىر بەلگىلەپ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛ تەبىئىي ئورماننى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماي، قىلىدىغاننى قىلماي، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛ تەبىئىي ئورمان بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋەقەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشى كۈچلۈك بولماي، تۈزىتىش، ئىجرا قىلىشى جايىدا بولماي، ئېغىر، زور تەسىر پەيدا قىلغانلارغا قارىتا، بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە قاتتىق جاۋابكارلىققا تارتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدىكى تەبىئىي ئورمانلار ئاساسلىقى تىيانشان، ئالتاي تېغى ۋە كوئېنلۇن تېغىغا تارقالغان بولۇپ، 1998 - يىلى تەبىئىي ئورماننى قوغداش قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش باشلانغان. 22 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي ئورماننى قوغداش قۇرۇلۇشىدا قۇرۇلۇش ۋە سېلىنما سالمىقى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلۇپ، جەمئىي 5 مىليارد 870 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، تەبىئىي ئورمان ئۈنۈملۈك قوغدالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.