تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇ يىل «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى ئون چوڭ ئەمەلىي ئىش» بېكىتىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ شى خەۋەر قىلىدۇ: شەھەر ئاھالىلىرىدىن خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت ئەمەلىي ئىش توغرىسىدىكى پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاشكارا توپلاش ئاساسىدا، 99 مىڭ 36 پىكىر - تەكلىپ ئىچىدىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت 2021 - يىللىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى ئون چوڭ ئەمەلىي ئىشنى بېكىتكەن. مۇخبىر بۇنى 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئېچىلغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 16 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىدىن ئىگىلىدى.

ئون چوڭ ئەمەلىي ئىش ئايرىم - ئايرىم ھالدا: ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى قۇرۇلۇشى، كوچىلارنى تۈزەش قۇرۇلۇشى، ھاجەتخانا ئىنقىلابى قۇرۇلۇشى، ئاممىۋى قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، ئىگىلىك تىكلەشكە يۆلەك بولۇش قۇرۇلۇشى، مەھەللىلەرنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش قۇرۇلۇشى، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى قولايلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمىتى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى، بىۋاسىتە سېتىپ خەلققە قولايلىق يارىتىش قۇرۇلۇشى، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت.

تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنىڭ پۇختا ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت كۆپ قېتىم مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشقا تەشكىللەپ، يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مەبلەغ مەنبەسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يولغا قويۇش قەدەم - باسقۇچلىرىنى رەتكە سېلىپ، ھەربىر تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشىنى ياخشى قىلىش، پۇختا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۇدا ئۈچىنچى يىلى قانات يايدۇرغان خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى ئاشكارا توپلاش پائالىيىتى ئىكەن، توپلاش مەزمۇنى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجتىمائىي كاپالەت، مۇھىتنى قوغداش، سەھىيە - ساغلاملىق، شەھەر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش، شەھەر قاتنىشى، تۇرالغۇ كاپالىتى، مائارىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، نامراتلارنى يۆلەش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك، ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت قاتارلىق 17 تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ يىل جەمئىي 99 مىڭ 36 پارچە پىكىر - تەكلىپ توپلىنىپ، بۇلتۇرقى 21 مىڭ 234 پارچىدىن تەخمىنەن 3.6 ھەسسە ئېشىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قاتنىشىش نىسبىتى، تاپشۇرغان پىكىر - تەكلىپ سانى بىردەك زور دەرىجىدە ئاشقان. ئىستاتىستىكا قىلىش، تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئامما ئومۇميۈزلۈك ئىنكاس قىلغان، كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى يۇقىرى، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ بولغان ئورتاق مەسىلىلەرگە قارىتا، بىر - بىرلەپ رەتلەپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، 2021 - يىللىق «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى ئون چوڭ ئەمەلىي ئىش» ئىلمىي بېكىتىلگەن.

[ئۇلانما]

خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى ئون چوڭ ئەمەلىي ئىش

ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى قۇرۇلۇشى

ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن 10 مىڭنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنى باشقۇرۇش، تىجارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاقىل ئاپتوموبىل توختىتىش ئەندىزىسىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كونا شەھەر رايونى، كونا ئولتۇراق رايون، سودا چەمبىرىكى، دوختۇرخانا، مەكتەپ قاتارلىق رايونلاردا ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىش پىلانلاندى

كوچىلارنى تۈزەش قۇرۇلۇشى

پۈتۈن شەھەردىكى 2938 تارماق يول (كوچا)غا قارىتا كوچىلارنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرى تەكشى بولماسلىق، يول يۈزى ئوڭغۇل - دوڭغۇل بولۇش، مۇھىت تازىلىقى پاكىز بولماسلىق، يول چىراغ - يورۇتۇش ئەسلىھەلىرى كونىراپ كېتىش، كەمچىل بولۇش، لىنىيە تورى قېلىپلاشمىغان بولۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش پىلانلاندى. مەھەللە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىدە «كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش» ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، كوچىلارنى تۈزەش ۋە لىنىيە بويىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىتنى ئەلالاشتۇرۇش خىزمىتى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىلىپ، شەھەر مەمۇرىيىتى يانداش ئەسلىھەلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مەھەللە، كوچا مۇھىتى دەرىجىسىنى سىجىل ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇنىدۇ

ھاجەتخانا ئىنقىلابى قۇرۇلۇشى

مۇھىت ئاسراش ھاجەتخانىلىرى مۇۋاپىق كۆپەيتىلىدۇ. ئاممىۋى ھاجەتخانىلارنى ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ئاممىۋى ھاجەتخانىلارنىڭ بەلگە، كۆرسەتمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مۇھىت ئاسرايدىغان ئاممىۋى ھاجەتخانىلارنىڭ ئېچىلىشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ تولۇق ئېچىلىشى، ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇكەممەل بولۇشى، مۇھىتىنىڭ پاكىز بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلققە قولاي ساقچى پونكىتى، مېھمانخانا (مېھمانساراي)، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى تور نۇقتىلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھاجەتخانىلارنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى، ئاممىغا يەنىمۇ قولايلىق شارائىت يارىتىلىدۇ

ئاممىۋى قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى

ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىدىن 28نى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەپ، يېڭىدىن سەككىز لىنىيە ئېچىپ، 48 بېكەت تەسىس قىلىپ، يېڭىدىن يەتتە ئاممىۋى قاتناش باش ۋە ئاخىرقى بېكىتى، توختىتىش - ئاسراش مەيدانى قۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى سېتىۋېلىپ تولۇقلاپ، پۈتۈن يىلدا باش ۋە ئاخىرقى بېكەتتە ئۈچ نۆۋەتچى ئاپتوبۇسنىڭ دەل ۋاقتىدا يولغا چىقىش نىسبىتىنى %98كە يەتكۈزۈش پىلانلاندى

ئىگىلىك تىكلەشكە يۆلەك بولۇش قۇرۇلۇشى

ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرىدىغان بىر قاتار سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالغا سىلجىتىلىپ، پۈتۈن يىلدا يېڭىدىن 6000 كىشىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، 15 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، جەمئىيەتتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ مۇقىم، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇنىدۇ

مەھەللىلەرنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش قۇرۇلۇشى

94 مەھەللىنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئەسلىھەسىنى يېڭىدىن قۇرۇپ (ئۆزگەرتىپ)، ئىجتىمائىيلاشقان تىجارەت نىسبىتىنى %70تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈپ، ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ۋە ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش پىلانلاندى

ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى قولايلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى

تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى «دەرھال بېجىرىش، توردا بېجىرىش، يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش، بىر قېتىمدىلا بېجىرىش»قا تۈرتكە بولۇنۇپ، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش»، «ئەڭ تېز بولغاندا بىر قېتىم يەتكۈزۈش» مۇلازىمىتى ياخشى ئىشلىنىدۇ. يىل ئىچىدە بىر گەۋدىلەشكەن توردىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىنى پۈتۈن شەھەردىكى بارلىق باشقۇرۇش كومىتېتلىرى (كوچا، يېزا - بازار) ۋە مەھەللە (كەنت)لەردە ئىشلىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر دەرىجىلىك ئەمەلىي ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سورۇنلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمىتى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى

يۇلتۇز دەرىجىلىك مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بەرپا قىلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، مۈلۈك مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش كارخانىلارنىڭ جەمئىيەت ئىناۋەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى، ئىناۋەت دەرىجىسى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، مۇناسىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ مۈلۈك باشقۇرۇش سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ

بىۋاسىتە سېتىپ خەلققە قولايلىق يارىتىش قۇرۇلۇشى

يېڭىدىن 120 مەھەللە كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى، خەلققە قولايلىق كالا - قوي گۆشىنى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى ھەمدە مەھەللە كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىك بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىنىڭ باھاغا چەك قويۇشنى ئىجرا قىلغان ئاپتوماتىك كۆكتات سېتىش ماشىنىسىنى يېڭىدىن تەسىس قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرى، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىش پىلانلاندى

ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش قۇرۇلۇشى

مەيدان - سارايلارنى ئېچىۋېتىش، يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، ھۆكۈمەت باشقۇرىدىغان ئاممىۋى تەنتەربىيە مەيدان (مەيدان - ساراي)لىرىنى ئېچىۋېتىش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇنۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى، ئاممىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ؛ «تەنتەربىيە ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى» تارقىتىلىپ، ھەر مىللەت ئامما تەنتەربىيە چېنىقىش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇلۇپ، تەنتەربىيە ئىستېمالى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؛ ئىش ئارىلىقى (ئىشتىن بۇرۇن) گىمناستىكىسى ۋە كۈندىلىك بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەتلىرى كېڭەيتىلىپ، ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مۇسابىقە پائالىيەتلىرى كەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشقا پائال يېتەكلىنىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.