تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش

− ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر خوۋ خەنمىننى زىيارەت

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت سىستېمىسىدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بايراقنى كۆتۈرۈش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىش بۇرچ، ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇردى. «13 - بەش يىل»غا نەزەر سالساق، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تەرەققىياتىدا قانداق مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؟ كەلگۈسىدە شىنجاڭ قانداق قىلىپ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويىدۇ؟ يېقىندا، مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر خوۋ خەنمىننى زىيارەت قىلدى.

«سەككىز يېڭى» مەدەنىيەت - ساياھەت ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى

«<13 - بەش يىل> مەزگىلىدىكى بەش يىل مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان بەش يىل، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ روھىي قىياپىتىدىكى ئۆزگىرىش ئەڭ چوڭ بولغان بەش يىل بولۇپ، ئۇنى <سەككىز يېڭى> بىلەن خۇلاسىلەشكە بولىدۇ.» خوۋ خەنمىن مۇنداق دېدى: بۇ «سەككىز يېڭى» − زامانىۋى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى يېڭى سەۋىيەگە يەتتى، نادىر سەنئەت ئەسەرلىرى ئىجادىيىتىدە «ئېگىزلىك»تىن «يۇقىرى پەللە»گە ھالقىشتا يېڭى يۈكسىلىش قولغا كەلتۈرۈلدى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مىراسلىرىنى تەتقىق قىلىش، قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا يېڭى ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭى قەدەم تاشلاندى، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسىپلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، مەدەنىيەت - ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى يېڭى ئېشىشقا ئېرىشتى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ماركىسىنىڭ تونۇلۇش دائىرىسى يېڭىدىن كېڭەيتىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يېڭى يۈكسىلىشكە ئېرىشتى.

بۇ بەش يىلدا، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتنى قاپلىغان بەش دەرىجىلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت تورى شەكىللەندۈرۈلدى، ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈش، ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، مەدەنىيەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر تۈركۈم نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلار ئارقا - ئارقىدىن پۈتۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى، مەدەنىيەت بازارلىرى يەنىمۇ ساپلاشتۇرۇلدى، تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى.

بەش يىلدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 102 كەسپىي سەنئەت ئۆمىكى قۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىنى قاپلىغان تۈرلىرى تولۇق سەنئەت سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلدى؛ سەنئەت ئىجادىيىتىدە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، «قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئۇسسۇل قەدىمى» «ئانار گۈلى ئېچىلدى» «ئالتۇنرەڭ توغراق» قاتارلىق ئاساسىي مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ئاكتىپ كۈچنى ئۇرغۇتىدىغان زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر رېئال تېمىدىكى ئەسەرلەر مىللەت روھىنى ئىلھاملاندۇردى ۋە جانلاندۇردى؛ ئاساسىي قاتلامدا ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيەتلىرى جانلاندى، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك يۇرت - ئۆمەكلىرى جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» «تۆت بىر تۈركۈم» بويىچە ئاساسىي قاتلامدا 20 نەچچە مىڭ مەيدان ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنى قويۇپ، 6 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئاممىنى مەنپەئەتلەندۈردى.

«13 - بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قانۇن بويىچە قوغداش سەۋىيەسى ئۈنۈملۈك ئۆستى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، باشقۇرۇش سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە مۇكەممەللەشتى، يىپەك يولى ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتىدا سۆز قىلىش ھوقۇقى كۈنسېرى كۈچەيدى، كۆرگەزمە قىلىپ پايدىلىنىش ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەللەشتى، «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى + ساياھەت»نىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولدى.

«<13 - بەش يىل> مەزگىلى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى مىسلىسىز زور تەرەققىي قىلغان مەزگىل. بولۇپمۇ 2018 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكنى ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپ ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم موتور قىلىپ، تېز ئېشىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى» دېدى خوۋ خەنمىن.

شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە يىرىك پىلان يېتەكچى قىلىنىپ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، خاس ساياھەتچىلىكتە يېڭى تەرەققىيات قولغا كەلتۈرۈلدى، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى. 2016 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مىقدارى 60 مىليون ئادەم قېتىمدىن كۆپىيىپ 210 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %36.76 بولدى، ساياھەت كىرىمى 102 مىليارد 200 مىليون يۈەندىن كۆپىيىپ 363 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى مۇقىملىقىنىڭ پايدىسى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ پايدىسى، كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكى تولۇق نامايان قىلىندى.

«ئۈچكە كۈچەش» ئارقىلىق، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىدۇ

«<14 - بەش يىل> مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت ئىشلىرىنىڭ زور تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرىدۇ، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىككە ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، يېڭىلىق يارىتىشچانلىقنى نامايان قىلىپ، ئەمەلىيەتچانلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، <14 - بەش يىل> مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى پىلانلىشىمىز كېرەك» دېدى خوۋ خەنمىن.

«شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ تەربىيەلەش، يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشنى كۆرسىتىدۇ» دېدى خوۋ خەنمىن.

«شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، نادىر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشىمىز، سۈپىتى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك؛ ئاممىغا يۈزلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغان مەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك؛ چەت ئەلگە يۈزلىنىپ، جۇڭگو ھېكايىسى، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

خوۋ خەنمىن مۇنداق دەپ قارىدى: «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش»تا «ئۈچكە كۈچەش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك: جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كېڭەيتىشكە، ئومۇملاشتۇرۇشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ئاممىۋى مەدەنىيەت بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاممىۋى مەدەنىيەت بازىسىدىن ياخشى پايدىلىنىش توغرىسىدىكى پىكىرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىنى «كۆرەلەيدىغان» «ئاڭلىيالايدىغان» «قاتنىشالايدىغان» قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ كۆرۈش سېزىمى ئوبراز قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان بىر تۈركۈم مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، ئەنئەنىۋى بايرام مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، ئاممىۋى رەقەملىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت بەش جەھەتتىكى خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

خەلق مەركەز قىلىنغان بىر تۈركۈم نادىر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۈچەپ بارلىققا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. نادىر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، نادىر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى يارىتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت يۇرت - ئۆمەكلىرى ئىسلاھاتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەت كۈچلىرىنى توپلاپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش، كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. نادىر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى ئىستراتېگىيەسى قۇرۇلۇشى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش قۇرۇلۇشى، تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇشىمىز كېرەك.

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەپ كۈچەيتىشىمىز كېرەك. غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى، بېشبالىق قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى، ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى قاتارلىق چوڭ خارابىلەرنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ۋە پەن تەتقىقات خىزمىتىنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىپ، قىزىل، تۇيۇق تاشكېمىر توپى قاتارلىق ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇھىم، زور تارىخىي مەسىلىلەر تەتقىقات تۈرلىرىنى قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك. كۈسەن قەدىمىي شەھىرى، كىروران قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق ئالتە ئورۇندىكى خارابە باغچىسى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم مەدەنىيەت - ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، قىزىل ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچا - رايونلىرى قاتارلىق مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرما تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم مۇزېي، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خارابىلىرىنى توردا «بۇلۇت كۆرگەزمە قىلىش» ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كىتاب - ژۇرناللىرى «بۇلۇت كۆرۈش»نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق تارىخنى بايان قىلىدىغان ئاممىباب ئوقۇشلۇقلارنى تۈزۈپ، باش تېمىلىق كۆرگەزمە پىلانلاپ، تەشۋىقات - تەربىيە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، تەسىر كۈچكە ئىگە مەدەنىيەت - ساياھەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى يارىتىشىمىز كېرەك.

مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت چوڭ ئىش ياخشى ئىشلىنىدۇ

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا، مەدەنىيەت ئاساسىغا باي بىر تۈركۈم دۇنيا دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى ۋە ئىستىراھەت رايونلىرىنى قۇرۇپ، مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى روشەن بولغان بىر تۈركۈم دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەت، ئىستىراھەت شەھەرلىرى ۋە كوچا - رايونلىرىنى بەرپا قىلىپ، قىزىل ساياھەت ۋە يېزا - كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «بۇ تەلەپ بويىچە، بىز شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش يىرىك پىلانى ۋە مەدەنىيەت - ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ئىچكى ئىستېمالنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، <شىنجاڭ ياخشى جاي> مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرما سۈپەتلىك ماركىسىنى يەنىمۇ يارىتىپ، بازار ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭى، مۇلازىمەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىيەت - ساياھەت بازىرى مۇھىتى ۋە تۈزۈم مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلىشىمىز كېرەك» دېدى خوۋ خەنمىن.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن يولغا قويىدۇ. ئېسىل مەنزىرە رايونلىرى ۋە ساياھەت لىنىيەلىرىنى كۈچەپ ئاچىدۇ. ھەرقايسى جايلارنىڭ دۇنيا مىراسلىرى، دۆلەت داڭلىق مەنزىرە رايونى، تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق شەھەر، داڭلىق بازار، داڭلىق كەنت، تارىخىي مەدەنىيەت كوچا - رايونى، مەدەنىيەت ئىستىراھەت باش تېما باغچىسى، ئېسىل مەنزىرە رايونى، دۆلەت ساياھەت ئىستىراھەت رايونى، پۈتۈن رايون ساياھىتى ئۈلگە رايونى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىپ قۇرۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ مەنبەلىك ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسىنى يادرو قىلغان جەلپكار بۇيۇملارنى بەرپا قىلىپ، خاس ساياھەت مەنزىلگاھى سىستېمىسى بەرپا قىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلىدۇ. ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىگە بولغان مەبلەغ سېلىنمىسى ئاشۇرۇلۇپ، ساياھەت ئېسىل مەنزىرە رايونى، دۆلەت ساياھەت ئىستىراھەت رايونى، ئۆزى ھەيدەيدىغان ئاپتوموبىل، تۇرالغۇ ئاپتوموبىل بارگاھى، يېزا - كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنت، ساياھەت مەنزىرە يولى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتى لىنىيەسى قاتارلىق ساياھەتچىلىكتىكى يادرولۇق جەلپكار بۇيۇملار ساياھەتچىلىك ئۇل ئەسلىھەلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، سۇ، توك، يول، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ساياھەت ھاجەتخانىسى ۋە ساياھەت مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

كەلگۈسىدە، شىنجاڭ بىر تۈركۈم مەدەنىيەت - ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى نۇقتىلىق بەرپا قىلىدۇ، بولۇپمۇ قىش پەسىللىك ساياھەت، قىزىل ساياھەت، يېزا - كەنت ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتى مەھسۇلاتلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، بىر تۈركۈم مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ساياھەت تاۋارلىرىنى ئېچىپ، خاس ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، رەقەملىك مەدەنىيەت - ساياھەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرما سۈپەتلىك ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ.

«بىز تەبىئىي ئېكولوگىيە ۋە خاس مەدەنىيەتنى چۆرىدەپ، دۆلەت دەرىجىلىك، دۇنيا دەرىجىلىك بىر تۈركۈم داڭلىق ساياھەت سۈپەتلىك ماركىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ روشەن بەلگىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ ئومۇمىي ئوبرازىنى ئۆستۈرىمىز؛ <شىنجاڭ ياخشى جاي>نى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلغان، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ كۆپ قاتلاملىق، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى قاپلىغان داڭلىق ماركا سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ مەنزىلگاھ ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسىنى بەرپا قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ ساياھەت ئوبرازى سۈپەتلىك ماركىسىنى ئايدىڭلاشتۇرىمىز؛ ساياھەت ئوبرازىنى چىڭ ئىگىلەپ مەھسۇلات ئېچىش ۋە تەشۋىق قىلىش، سېتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نىسپىي مۇقىم بولغان شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئومۇمىي ئوبرازى ۋە تەشۋىق قىلىش، سېتىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرىمىز» دېدى خوۋ خەنمىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.