تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى (2020 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقاتتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى

«قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى (2020 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى (2020 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«يىرىك پىلان»نىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى قانۇنچىللىق يولىدا ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش.

«يىرىك پىلان»نىڭ ئومۇمىي نىشانى: قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇشتا، قانۇننى قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ ئىلمىي، مۇكەممەل، بىرلىككە كەلگەن بولۇشىنى، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئادىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نوپۇزلۇق بولۇشىنى، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنىڭ ئۈنۈملۈك چەكلىنىشى ۋە نازارەت قىلىنىشىنى، خەلقنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ تولۇق ھۆرمەتلىنىشى ۋە كاپالەتلەندۈرۈلۈشىنى، قانۇنچىللىق ئېتىقادىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تۇرغۇزۇلۇشىنى جەزمەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش.

2025 - يىلىغا بارغاندا، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، ئاساسىي قانۇننى يادرو قىلغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى ئېنىق، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى كۈنسېرى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، ئۆزئارا ماسلىشىدىغان، ئۆزئارا چەكلەيدىغان قانۇن يۈرگۈزۈش ھوقۇقىنى يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى تېخىمۇ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك قىلىنىپ، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىدا مۇھىم، زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

2035 - يىلىغا بارغاندا، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەت ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلۈپ، خەلقنىڭ باراۋەر قاتنىشىش، باراۋەر تەرەققىي قىلىش ھوقۇق - مەنپەئىتى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

«يىرىك پىلان» جەمئىي توققۇز قىسىمغا بۆلۈنگەن. بىرىنچى، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىپ، ياخشى قانۇن ئارقىلىق ياخشى ئىدارە قىلىنىدىغان قانۇنچىل جۇڭگونى تىرىشىپ قۇرۇش. ئىككىنچى، ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولغا قويۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە نوپۇزىنى قەتئىي قوغداش. ئۈچىنچى، مۇكەممەل بولغان قانۇننى قېلىپلاشتۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ياخشى قانۇن ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياخشى ئىدارە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش. تۆتىنچى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان قانۇنچىللىقنى يولغا قويۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش. بەشىنچى، پۇختا بولغان قانۇنچىللىق نازارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىش. ئالتىنچى، كۈچلۈك بولغان قانۇنچىللىق كاپالىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ مۇستەھكەم ئارقا تىرىكىنى پۇختىلاش. يەتتىنچى، مۇكەممەل بولغان پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش. سەككىزىنچى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش. توققۇزىنچى، پارتىيەنىڭ قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى تولۇق ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش.

«يىرىك پىلان»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار بۇ يىرىك پىلاننىڭ روھى ۋە تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇش لايىھەسى تۈزۈپ، ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك. مەركەز دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يىرىك پىلاندىكى تۈرلۈك ۋەزىپە، تەدبىرلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.