تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىسلاھاتنىڭ خىزمەت چوڭ ۋەزىيىتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «14-بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

ئىسلاھاتنىڭ خىزمەت چوڭ ۋەزىيىتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «14-بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 17 - قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2020 - يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى» «ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ياسىمىچىلىقنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» «ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ، ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «ئاممىۋى مەدەنىيەت ساھەسىدە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مالىيەنىڭ ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئايرىش ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 17 - قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات بىلەن تەرەققىياتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ياسىمىچىلىقنىڭ يۇغۇرۇلۇپ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ مائارىپ، ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىش ھوقۇقى، چىقىم مەسئۇلىيىتى ۋە مالىيە كۈچىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇقىم تۈزۈم ئورنىتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنى كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېڭى تەلىپىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تۈزۈم سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈملەرنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، مۇھىم، زور تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقا چېتىلىدىغان، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولغان ئىسلاھاتلارنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىنى كۈچەپ تۈگىتىش كېرەك. ئىسلاھاتنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاپ، نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق دائىرىگە تۈرتكە بولۇشنى كېڭەيتىش كېرەك. ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە تەتقىقاتنى گەۋدىلىك ياخشى قىلىپ، شىنجاڭدىكى پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، تۈزۈمنىڭ كېڭىيىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، سىياسەتلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈشنى ۋە تۈزۈمنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، مەسئۇلىيەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، تۈزۈم - مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.