تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئاشلىق بىخەتەرلىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەيلى

− مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئاشلىق بىخەتەرلىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش باشتىن - ئاخىر دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ئاشلىق بىخەتەرلىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يىلمۇيىل چىڭ تۇتۇش كېرەك. بۇ ئېنىق تەلەپ بىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلىشىمىزگە نىسبەتەن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

«ئاشلىق جاھاندىكى ئاۋام پۇقرالارنىڭ ھاياتلىقى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ، دۆلەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقىدۇر.» بىر دۆلەت مەۋقەنى ئاشلىق بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىنى تەمىنلەشكە قويغاندىلا، ئاندىن ئاشلىق بىخەتەرلىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلىيەلەيدۇ، بۇ ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ۋەزىيەتنى كونترول قىلالايدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر مۇقىم بولۇشىنى ساقلاشتا، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم تەمىنلەشنىڭ تۆھپىسى زور. 2020 - يىلى دۆلىتىمىز ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە تارىخىي خاراكتېرلىك «ئۇدا 17 يىل مول ھوسۇل ئېلىش»نى ئىشقا ئاشۇردى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 1 تىرىليون 339 مىليارد جىڭ بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 11 مىليارد 300 مىليون جىڭ كۆپىيىپ، %0.9 ئاشتى، مەھسۇلات مىقدارى ئۇدا ئالتە يىل 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلىدى. ئومۇمەن ئېيتقاندا، دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە يىلمۇيىل مول ھوسۇل ئېلىندى، ئاشلىق زاپىسى يېتەرلىك، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا تامامەن ئىقتىدارىمىز بار، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بىزگە ئوخشاش 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسى بار چوڭ دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇللۇق ئورنىغا ھەرقانداق ۋاقىتتا سەل قاراشقا ۋە ئۇنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، قولدا ئاشلىق بولسا، كۆڭۈلدە ھودۇقۇش بولمايدۇ، دېگەن گەپ ھەرقانداق ۋاقىتتا ھەقىقەت.» دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بىر مەڭگۈلۈك تېما بولۇپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا بۇ كىرىچنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. تاشقى مۇھىتتا چوڭقۇر ئۆزگىرىش يۈزبېرىۋاتقان مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»نىڭ تۇراقلاشتۇرغۇچلۇق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئۆزىنىڭ تاماق قاچىسىنى مەھكەم تۇتقاندىلا، ئاندىن ھەر خىل خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئاساس سالغىلى بولىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىزنىڭ تاماق قاچىمىزدا ئاساسلىقى جۇڭگو ئاشلىقى بولۇشى كېرەك.» ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. تېرىلغۇ يەر ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ جان تومۇرى، چوڭ مۈشۈكئېيىقنى قوغدىغانغا ئوخشاش تېرىلغۇ يەرنى قوغداپ، 1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قاتتىق قوغداپ، قەتئىي تۈردە تېرىلغۇ يەرنى «يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش»نى توسۇپ، «ئاشلىقتىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش»نىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئەڭ كۈچلۈك بولغان قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئەڭ قاتتىق بولغان تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكى كەسىپ بەلبېغى قۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېتىز - ئېرىق، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ قارا تۇپراقنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، قارا تۇپراقنى قوغداشنى بىر چوڭ ئىش سۈپىتىدە تۇتۇپ، قارا تۇپراقتىن ياخشى پايدىلىنىش ۋە ئۇنى ياخشى ئاسراش كېرەك. ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھوسۇلنى ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ چىقىش يولى پەن - تېخنىكىدا، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ئۇرۇقلۇق ئاساس. ئۇرۇقلۇق مەنبەسىدىكى «گالنى بوغىدىغان» تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، بىر مەيدان ئۇرۇقچىلىقتا قەد كۆتۈرۈش جېڭى قىلىشقا ئىرادە باغلاش كېرەك.

ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاشنىڭ ئاچقۇچى دېھقانلارنى ئاشلىق تېرىپ پۇل تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتا. ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارغا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، سېتىۋېلىش، ساقلاش، تەڭشەش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تولۇق تەننەرخ ۋە كىرىم سۇغۇرتىسى دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تىجارەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى ياخشى يېتىشتۈرۈپ، مۇۋاپىق كۆلەملىك تىجارەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپلەشكەن، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلىنىشىنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ يېمەكلىك ئىستېمال قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆسمەكتە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتا ھەم سانىغا كاپالەتلىك قىلىش، ھەم كۆپ خىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سورت يېتىشتۈرۈش، ئەلالاشتۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، سۈپەتلىك ماركا بەرپا قىلىش ۋە ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىشقا تۈرتكە بولۇپ، تىرىك چوشقا ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، كەسىپلەرنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسىدىن ئىبارەت بۇ كوزىرنى ياخشى ئويناپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىمپورتىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ سىرتقا چىقىشىنى قوللاپ، ئاچقۇچلۇق ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنلىرىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.

ئامبار ئاشلىققا تولسا، جاھان خاتىرجەم بولىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى كېرەك. ئاشلىقنى ئادەتتىكى تاۋار دەپ قاراپ، ئىقتىسادىي ھېساباتنىلا قىلىپ، سىياسىي ھېساباتنى قىلماسلىققا، كۆز ئالدىدىكى ھېساباتنىلا قىلىپ، ئۇزاق مەزگىللىك ھېساباتنى قىلماسلىققا بولمايدۇ، ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى، ئاساسلىق سېتىش رايونى، ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش تەڭپۇڭ رايونلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆلەمگە كاپالەتلىك قىلىش، مەھسۇلات مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى بار، تاماق قاچىسىنى تەڭ كۆتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى بىللە زىممىگە ئېلىش كېرەك. بۇ دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى! ئاشلىق بىخەتەرلىكىدە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، «ئاشلىق»قا ئۆلكە باشلىقى مەسئۇل بولۇش، شۇجىمۇ مەسئۇل بولۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتساقلا، بىز چوقۇم ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.