تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش ئۆتتى، ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشنىڭ تەڭ جانلىنىش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى

ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى:

يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش ئۆتتى، ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشنىڭ تەڭ جانلىنىش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش پەن - تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ئىچى ئالدىراشلىققا تولغانىدى، ئىشچىلار ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» نۇقتىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ يانداش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېنېرگىيە تۈرلىرىنى مۇقىم ئالغا سىلجىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەۋاتاتتى.

ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى شىنجاڭ تىرانسفورموتور زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا غايەت زور تىرانسفورموتورنىڭ زاپچاسلىرى رەتلىك تىزىلغانىدى، ئىشچىلار شىنجاڭ قەشقەر 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىنىڭ ئاساسىي تىرانسفورموتورىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى مەھسۇلاتى ۋە شىزاڭ داگۇ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 500 كىلوۋولتلۇق ئاساسىي تىرانسفورموتورىنى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان بولۇپ، بېيجىڭ − تاڭشەن تۆمۈريولى، نەنتۇڭ مېتروسى، شېنجېن مېتروسىنى تەمىنلەيدىغان يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلارمۇ جىددىي لايىھەلىنىۋاتاتتى.

ئىشلەپچىقىرىش - ياساش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى لى جېڭجيې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان بۇ بىر تۈركۈم مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە چوڭ يولى قۇرۇلۇشىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، لايىھەلەش، ئىشلەپچىقىرىش، سىناق قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ ھەممىسىدە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىنىپ، مەھسۇلاتنى قەرەلىدە تاپشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

زاكازنى سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا تاماملاش ئۈچۈن، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى سانجى ئېلېكتىرلىك ئاپتوماتىك كونترول قىلىش ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ يۈننەن ئېلېكتىر تورى، شىنجاڭ نېفىتلىكى، لۇڭجى پېيى قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيە يورۇقلۇق ۋولت ساھەسىدىكى تۈرلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىر تورى، نېفىت، نېفىت - خىمىيە، رەقەملەشكەن كونترول قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى تۈرلەرگە قارىتا ئىشلەپچىقىرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئالدىن ياخشى ئىشلىدى.

2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى خەلقئارا قۇرۇلۇش شىركىتى گامبىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن 23 مىليون 50 مىڭ دوللارلىق توك يەتكۈزۈش، بېسىم ئۆزگەرتىش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرى توختامى ئىمزالىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يىراق بولغان ئانگولادىكى تۈر بۆلۈمىدە، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتىنىڭ خادىملىرى تۈر قۇرۇلۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بارماقتا ئىدى. بۇ تۈر پۈتۈنلەي تاماملىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى تەخمىنەن 350 مىڭ كىشىگە يورۇقلۇق ئېلىپ كېلىپ، شۇ جاينىڭ توك بىلەن تەمىنلەش مۇھىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، لىدىر خۇاڭ خەنجيې مۇنداق بىلدۈردى: 2020 - يىلى ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى كادىرلىرى، ئىشچى - خىزمەتچىلىرى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشنىڭ تەڭ جانلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ يىل شىركەت يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتقا قىلىپ، يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سانائەت ئالاقە تورى، 5G تېخنىكىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەر بىلەن جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، تىجارەت، بىخەتەرلىك، سۈپەت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا سوۋغا تەقدىم قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.