تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2020 - يىلى شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك تىرانسپورت مىقدارى 174 مىليون 800 مىڭ توننىغا يەتتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2020 - يىلى شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك تىرانسپورت مىقدارى 174 مىليون 800 مىڭ توننىغا يېتىپ، 2019 - يىلىدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا %15.1 ئاشقان.

جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يۈك تىرانسپورت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شىڭ مۇنداق دېدى: 2020 - يىلى، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، قوماندانلىق قىلىپ، تىرانسپورتنى تەشكىللەش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، باشقۇرۇش تەۋەلىكى دائىرىسىدىكى 11 لىنىيەدە 5000 توننىلىق سۆرەش مۇقىم سانىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، 26 بېكەت - نۇقتا، 53 مەخسۇس لىنىيەدە يول بىلەن كارخانىنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى ھەم ئادەتتىكى يولۇچىلار پويىزىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولدا يۈرۈشكە تەشكىللەپ، يولۇچىلار پويىزىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۈك تىرانسپورت يول ئىقتىدارىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، كۆمۈر، مېتال رۇدىسى، خىمىيەۋى ئوغۇت، پاختا قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق يۈكنىڭ توشۇلۇش مىقدارىنى مۇقىم ئاشۇردى.

شىنجاڭ ئىچىدە توشۇش تېزلىتىلدى، شىنجاڭ سىرتىغا توشۇش كۆپەيتىلدى. 2020 - يىلى، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى شىنجاڭ سىرتىدىكى مال مەنبەسىنى تەشكىللەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىچكىرى رايونلارغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان يۈك تىرانسپورت پويىزلىرىنىڭ قاتناش سانىنى كۆرۈنەرلىك كۆپەيتتى. «نۆۋەتتە، ئىچكىرى رايونلارغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان پويىز كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 15 ئەتراپىدا بولماقتا»دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ.

ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئەشيا ئوبوروت تورى توقۇغانسېرى زىچلاشتى. 2020 - يىلى، شىنجاڭ تۆمۈريولى ئەشيا ئوبوروت بازىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئورۇنلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاقسۇ، قاراماينىڭ شىمالى قاتارلىق 13 ئەشيا ئوبوروت بازىسىنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇپ، شەرقىي جۇڭغارنىڭ شىمالىدىكى 18 تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مۇلازىمەت زەنجىرىنى ئۇزارتتى. شىخەنزىدە، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئىككى تۆمۈريول يۈك قاچىلاش، چۈشۈرۈش لىنىيەسىنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، تيەنيې تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسىنىڭ يۈك تىرانسپورت ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئۆستى. «2020 - يىلى، تيەنيې (گۇرۇھى) تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى كارخانىنىڭ ئۆز ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە شىخەنزە ئەتراپىدىكى باشقا كارخانىلارغا 5 مىليون 600 مىڭ توننا يۈك توشۇپ بەردى» دېدى شىنجاڭ تيەنيې (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يەن جيەن.

يېڭى تۆمۈريول لىنىيەسىدە قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، تۆمۈريولنىڭ تىرانسپورت ئىقتىدارى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇلدى. ئالتاي - كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈر يولىدا قاتناشنىڭ باشلىنىشى كۆكتوقاي ناھىيەسى ئۈچۈن مېتال رۇدىسىنى سىرتقا توشۇيدىغان قولايلىق يول ئېچىپ بەردى، 2020 - يىلى پۈتۈن بىر يىلدا، كۆكتوقاي ۋوگزالى 4 مىليون 800 مىڭ توننا مېتال رۇدىسى توشۇپ، پۈتۈن يىللىق پىلاندىكى توشۇش مىقدارىدىن 1 مىليون 800 مىڭ توننا ئاشۇردى؛ 2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، چىڭخەي يەنخۇنىڭ كالىيلىق ئوغۇتى كۇچاغا توشۇلۇپ پىششىقلىنىپ بىرىكمە ئوغۇتقا ئايلاندۇرۇلدى، شىنجاڭنىڭ تەييار ماي، پولات ماتېرىيال، ئەينەك، ئۇن قاتارلىق ماللىرى چىڭخەي، شىزاڭغا توشۇلدى، گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىپ بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يۈك تىرانسپورت مىقدارى 300 مىڭ توننىدىن ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.