تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھەيۋەتلىك گۈزەل يۆگىمە رەسىمىنى تىرىشىپ سىزىپ چىقايلى

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2021 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتە، جەزمەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك، بۇ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك يۆتكىلىشى.

2021 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئۇلۇغ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبىنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، بىز يەنە قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان چىدامچانلىق بىلەن پۇختا، ئەستايىدىل ھالدا غەيرەت قىلىپ ئىشلەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھەيۋەتلىك گۈزەل يۆگىمە رەسىمىنى تىرىشىپ سىزىپ، ئورتاق بېيىش نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. چەكسىز ئىپتىخارلىققا تولغان خىتاب، سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك تاپشۇرۇق كىشىلەرگە چوڭقۇر ئىلھام، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈچ ئاتا قىلىپ، كىشىلەرنى يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەشكە، قانچىكى جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەر بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى ئالدىنقى ۋەزىپە. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش قىلىپ، ئىجادىيلىققا، ئۆزگىچىلىككە ئىگە نۇرغۇن مۇھىم، زور تەدبىرنى قوللىنىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى مىسلىسىز، سالمىقى ئەڭ زور، نەپ يەتكۈزىدىغان نوپۇس ئەڭ كۆپ بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى تەشكىللەپ ئالغا سىلجىتتى. 2020 - يىلى، بىز ئېغىر نامراتلىق قورغىنىغا ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغاپ، يېڭىش ئەڭ تەس بولغان قاتتىق قىيىنچىلىقنى يەڭدۇق. سەككىز يىل سەرپ قىلىپ، ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى 100 مىليونغا يېقىن نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، 832 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتۇق، بىز يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە تاماملاپ، مۇتلەق نامراتلىق ۋە رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىقنى تۈگىتىپ، پۈتۈن دۇنيا يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان مۇھىم، زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈردۇق. رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەركەزلىك تۇتاش 14 ئالاھىدە نامرات رايونغا باردىم، يۇرتداشلارنىڭ يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشىدەك جاسارەت بىلەن ئىشلەۋاتقانلىقى، كەڭ نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆزىنى بېغىشلىغانلىقى دائىم كاللامدا ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ» دېدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا غەلىبىنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، پۈتۈن دۇنياغا پارتىيەنىڭ يۈز مىليونلىغان خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ياراتقان جاھان مۆجىزىسىنى نامايان قىلىپ بەردى.

«دېھقانچىلىق − جاھاندىكى ئۇلۇغ ئىش». تارىخ ۋە رېئاللىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، يېزا ئىگىلىكى دۆلەتنىڭ ئاساسى، ئاساس مۇقىم بولغاندىلا دۆلەت تىنچ - ئامان بولىدۇ. بىز يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىگە چوڭ تارىخ قارىشى ئارقىلىق مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك، پەقەت «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى چوڭقۇر چۈشەنگەندىلا، ئاندىن پارتىيەمىز، دۆلىتىمىز، مىللىتىمىزنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيمىز. جەزمەن شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە يەنىلا يېزىلاردا، ئەڭ كەڭ، ئەڭ چوڭقۇر ئاساس يەنىلا يېزىلاردا. يەنە شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، بىزگە ئوخشاش 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسقا ئىگە بۇنداق چوڭ دۆلەتتە، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تەييار، ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىشكە، پايدىلىنىشقا بولىدىغان تەجرىبە يوق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، گەرچە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى يەنىلا مۇستەھكەم ئەمەس، شەھەر، يېزىلارنىڭ رايون تەرەققىياتى ۋە كىرىم تەقسىماتىدىكى پەرق بىرقەدەر چوڭ، شەھەر، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى يېتەرلىك بولماسلىق يەنىلا جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى. دەل شۇنداق بولغاچقا، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ چوڭقۇرلۇقى، كەڭلىكى، قىيىنلىقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن قېلىشمايدۇ، جەزمەن يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىش، تېخىمۇ قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش ئارقىلىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

«يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىر تاختا چوڭ شاھمات، بۇ بىر تاختا چوڭ شاھماتنى ياخشى مېڭىش كېرەك.» بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئېچىلغان مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش تەييارغا ھەييار بولۇش ئەمەس، كۈتۈپ تۇرغىلى، ئاپىرىپ بەرگىلى بولمايدۇ، بىزنىڭ ئىشەنچنى چىڭىتىپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، جاپالىق، ئەمەلىي ئىشلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ بۇ تاختا چوڭ شاھماتنى ياخشى مېڭىشىمىزغا، بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى بېجىرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنتلەردىكى كەسىپلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتكەن ۋە ياخشىلىغاندىلا، ئاندىن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھەيۋەتلىك گۈزەل يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىققىلى بولىدۇ.

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، تارىخىي خاراكتېرلىك ۋەزىپە، يېزا - كەنتلەر چوڭ نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدىغان بىپايان زېمىن. پەقەت پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ ئېنىق نىشان، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر بىلەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىشى، دېھقانلارنىڭ باي - باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرسەكلا، چوقۇم يېڭى دەۋردىكى يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتەلەيمىز.

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 1 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.