− مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلىنىدىغان تارىخىي ئۆتكەلدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش پۈتۈن پارتىيە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك چوڭ ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور مەسىلە.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك، بۇ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك يۆتكىلىشى. باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشكە قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى قەتئىي ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىر تۈرلۈك تارىخىي خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، نامرات ئاممىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشى، بىرلىكتە ياخشى كۈن كەچۈرۈشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى مىسلىسىز، سالمىقى ئەڭ زور، نەپ يەتكۈزىدىغان نوپۇس ئەڭ كۆپ بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى تەشكىللەپ ئالغا سىلجىتتى. سەككىز يىل سىجىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، بىز يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە تاماملىدۇق، ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قالپىقى ئېلىۋېتىلدى، مۇتلەق نامراتلىق ۋە رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق تۈگىتىلىپ، 100 مىليونغا يېقىن نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پۈتۈن دۇنيا يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان مۇھىم، زور غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ مۇھىم، زور غەلىبە بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە كۈچەيتتى؛ بۇ مۇھىم، زور غەلىبە پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، پۈتۈن دۇنياغا پارتىيەمىزنىڭ 100 مىليونلىغان خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ياراتقان جاھان مۆجىزىسىنى نامايان قىلىپ بەردى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالپاقنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. كېيىنكى قەدەمدە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىپ، يېزا - كەنتلەردىكى كەسىپ، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىلات قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.» «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا تارىخىي خاراكتېرلىك يۆتكەلگەن بولسىمۇ، يەنە شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈش كېرەككى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان خېلى بىر قىسىم ئائىلىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولدى، لېكىن كىرىم سەۋىيەسى يەنىلا يۇقىرى ئەمەس، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئاساسى يەنىلا بىرقەدەر ئاجىز، بەزىلىرى ئازراقلا خەۋپ - خەتەر، ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلسە دەرھال نامراتلىشىپ كېتىشى مۇمكىن؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلاردا كەسىپلەر ئومۇميۈزلۈك جانلاندى، لېكىن تېخنىكا، مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار، بازار قاتارلىقلارنىڭ تىرەك بولۇشى يەنىلا كۈچلۈك ئەمەس، بەزى جايلاردا ھەتتا ياردەم بېرىش - يۆلەش كادىرلىرى چېكىنسىلا، كەسىپلەر ۋەيران بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپە ئالدىدا، پەقەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر، تېخىمۇ جاپاغا چىداپ تىرىشىش ئارقىلىق خىزمەتتە بوشلۇق قالدۇرماسلىق، سىياسەتتە بوشلۇق قالدۇرماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنىڭ تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىشى، دېھقانلارنىڭ باي - باياشات بولۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشتە، جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاسانلا قايتا نامراتلىشىپ كېتىدىغان، نامراتلىشىپ كېتىدىغان نوپۇسقا قارىتا دائىملاشقان كۆزىتىپ ئۆلچەشنى يولغا قويۇپ، كىرىم سەۋىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى مۇستەھكەملەش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق كۆزىتىپ ئۆلچەپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر ئارىلىشىش، بالدۇر ياردەم بېرىش - يۆلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، داۋاملىق دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارغا قارىتا كەسىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەشنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ، تېخنىكا، ئەسلىھە، ماركېتىڭ قاتارلىقلاردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، كەسىپنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. باشقا جايغا كۆچۈرگەندىن كېيىنكى داۋاملاشما يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يانداش ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت باشقۇرۇشنى ياخشىلاپ، كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ مۇقىم تۇرالايدىغان، ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان، تەدرىجىي بېيىيالايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيەلەرگە قارىتا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان كۈندىن باشلاپ بەش يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىل تەسىس قىلىشنى قارار قىلدى. ئۆتكۈنچى مەزگىلدە، ئاساسلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش سىياسەتلىرىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. ھازىر بار بولغان ياردەم بېرىش - يۆلەش سىياسەتلىرىنى تۈرلەر بويىچە ئايرىپ، ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەپ، تەڭشەشنىڭ رىتىمى، سالمىقى، ۋاقىت چېكىنى مۇۋاپىق ئىگىلەپ، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قوللاشتىن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا سىلىق، مۇقىم ئۆتۈشنى پەيدىنپەي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
«غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش تەس ئەمەس، غەلىبىنى ساقلاپ قېلىش، غەلىبە مېۋىسىنى مۇستەھكەملەش تېخىمۇ تەس.» بۇ يىل «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»نىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى - تاشقى قىسمىدىكى خەۋپ - خەتەر، خىرىس كۆپەيدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ۋەزىپىسى ئېغىر. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيلى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى)