تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار 19 مىليون 593 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى

ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۇنشيا، پىراكتىكانت ئاراشجاپ پامانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2020 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى دەل جايىدا يولغا قويغان بولۇپ، 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ياشانغانلار ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار 19 مىليون 593 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، 2019 - يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 692 مىڭ 700 ئادەم قېتىم كۆپەيگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى فەن ئەييىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2020 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامراتلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، يېڭى كەسىپ ھالىتىدىكى كەسىپكارلار قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى تۈرگە ئايرىپ ياخشى ئىشلىگەن؛ بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، باج قاتارلىق تارماقلارنىڭ سانلىق مەلۇماتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان كارخانىلار، شىنجاڭ نوپۇسىدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان شەخسلەرنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ، كارخانا، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش سالمىقىنى ئاشۇرغان. «2020 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىز زور كۈچ بىلەن يولغا قويغان كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى <كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، كېچىكتۈرۈش> سىياسىتى كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى سۇغۇرتىغا پائال قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇردى» دېدى فەن ئەييىن.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش دائىملاشقان ۋەزىيەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپىدە «يۈز كۆرۈشمەي» بېجىرىش مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئورۇنلار ۋە سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاممىنى ئالدى بىلەن شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت توردا بېجىرىش زالى، شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت APPسى، بانكا - ئىجتىمائىي كاپالەت ئالاقە سۇپىسى قاتارلىق يوللاردىن پايدىلىنىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپىنى «توردا بېجىرىش، يان تېلېفوندا بېجىرىش»كە يېتەكلىدى. 2020 - يىلى 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تەخمىنەن 4 مىليون 850 مىڭ ئادەم قېتىم توردا بېجىردى. بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى يىراقتىن ئىش بېجىرىش، ئارقا سۇپىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنىڭ ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن 29 مىليارد 712 مىليون يۈەننى ئۇدا يەتتە ئاي مۇددەتتىن بۇرۇن تارقاتتى.

2020 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى ھۆكۈمەت ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش سىياسىتىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامرات شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنى ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بويىچە سۇغۇرتىلاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق سۇغۇرتىلاشنى ئىشقا ئاشۇردى، 60 ياشتىن ئاشقان نامراتلارغا تارقىتىشقا تېگىشلىك كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلىنى تولۇق تارقاتتى.

«بىز <ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش، يۈزكۆرۈشمەي ئىش بېجىرىش>تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە قولايلىقلىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز» دېدى فەن ئەييىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.