تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جاپا - مۇشەققەتكە دۇچ كەلگەندە باتۇرلۇق - قەيسەرلىك ئاندىن نامايان بولىدۇ، ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2021 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىسى ئالمىشىدۇ، كۈنلەر بىر - بىرىنى قوغلىشىپ توختىماي ئۆتۈپ تۇرىدۇ. بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىدە، بىز 2020 - يىلى بىلەن خوشلىشىپ، 2021 - يىلىنى كۈتۈۋالدۇق.

«جاپا - مۇشەققەتكە دۇچ كەلگەندە باتۇرلۇق - قەيسەرلىك ئاندىن نامايان بولىدۇ، ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن». يېڭى يىلنىڭ ئالدىنقى كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ 2021 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلىپ، «ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قەتئىي باش ئەگمەي، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داستانىنى پۈتۈش» جەريانىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، «ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى»گە نەزەر سېلىپ، «تاغ - دەريالارنىڭ تېخىمۇ گۈزەللىككە تولۇشى، دۆلەتنىڭ تىنچ - ئامان، خەلقنىڭ خاتىرجەم بولۇشى»، «ھەممەيلەننىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق، خەيرلىك بولۇشى، تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل بولۇشى»غا تىلەكداشلىق بىلدۈردى، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى «داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىش»قا ئىلھاملاندۇردى. جاراڭلىق سۆزلەر، مەردانە خىتاب، سەمىمىي غەمخورلۇق، چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان تىلەك ئېلېكتىر دولقۇنى ۋە تور ئارقىلىق تەرەپ - تەرەپكە تارقىلىپ، كەڭ ئورتاق سادا قوزغاپ، سانسىزلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى مەردانە چوڭ قەدەم تاشلاپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە يۈرۈش قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.

2020 - يىلى ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى. بۇ بىر يىلنى ئەسلىسەك، سەپىرىمىز جاپا - مۇشەققەتكە تولغان بولسىمۇ، كۈرەش نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، سانسىزلىغان كىشى ھاياتى ئارقىلىق بۇرچنى ئادا قىلىشقا ئاتلىنىپ، سەمىمىي مۇھەببىتى ئارقىلىق ئاۋامنى قوغداپ، تامچە كۈچتىن قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھاياتلىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ كېسەل بىلەن كۈرەش قىلىش تارىخىدا يەنە بىر باتۇرانە ئۇلۇغ ئىشنى ياراتتى. چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى ئالدىدا، بىز توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. «13 - بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشتىن «14 - بەش يىل»نى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاشقىچە؛ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چوڭقۇر يولغا قويۇشقىچە؛ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا مەنپىيدىن مۇسبەتكە ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقىچە؛ ئېغىر كەلكۈن - ھۆلچىلىك ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇشتىن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا «ئۇدا 17 يىل مول ھوسۇل ئېلىش»قىچە؛ خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنىڭ جۇش ئۇرۇپ قانات يېيىشىدىن مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا تۈرلىرى، مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلاردىن ئارقا - ئارقىدىن خۇش خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشىغىچە... رەئىس شى جىنپىڭ بۇ بىر يىللىق تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چوڭقۇر خۇلاسىلىدى ھەم چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن: «پايانسىز جۇڭگو زېمىنى ئىشەنچكە تولۇپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، چىدامچانلىققا تولۇپ، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى» دەپ ماختىدى. 2020 - يىلى، بىز خەلق رازى بولغان، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان، تارىخ بېتىگە يېزىشقا بولىدىغان جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدە ئالغا قاراپ يېڭى بىر چوڭ قەدەم تاشلىدۇق.

رەئىس شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا: «بىز كۈرەش قىلىش ئارقىلىق توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، تاغ - دەريالارنى بېسىپ ئۆتتۇق» دېدى. غايەت زور بېسىمغا ئۇچرىغان خەتەرلىك پەيتتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە يېتەكلەپ، بۇ ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە يىلدا ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتتى. 2021 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. «100 يىللىق مۇساپە قاينام - تاشقىنلىققا تولدى، 100 يىللىق ئەسلىي مەقسەت ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى.» تارىخنى ئەسلىسەك، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، مىڭلىغان قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈش داۋامىدا ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، كۈرمىڭلىغان مۇشەققەتلەردىمۇ قەتئىي بوشاشماي، كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغاندا قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، دۆلەت خەۋپتە قالغاندا قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، نامرات، قالاق مەزگىلدە جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، دەۋر تەرەققىي قىلغاندا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان جاھان مۆجىزىلىرىنى كەينى - كەينىدىن ياراتتى. ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار ئىشلارنى كۆڭۈلگە پۈكۈش دەل 100 يىللىق سالاپەت. يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا، بىز ئەسلىي مەقسەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان ئۆزىنى بېغىشلاش روھى، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىدىغان جان تىكىپ ئىلگىرىلەش روھى، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىدىغان چىدامچانلىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولىدىغان، مەغرۇرلۇق، ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىدىغان سەگەك كاللىنى مەڭگۈ ساقلاپ، خەۋپ - خەتەردىن قورقمايدىغان، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش چىدامچانلىقىنى مەڭگۈ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئورۇنداش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا. 2021 - يىلىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز «14 - بەش يىل» مەزگىلىگە كىرىدۇ، بۇ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىدىغان بىرىنچى بەش يىل بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. «ئىككى 100 يىل»نىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى مۇساپىنى باشلاپ، يەلكەننى ئېچىپ قايتا ئاتلىنىش، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئىشەنچى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن دولقۇن يېرىپ قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلىشىگە موھتاج. خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: «يول ئۇزۇن، كۈرەش داۋاملىشىدۇ». ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدى ھەم داۋاملىق ئىسپاتلايدۇكى، جۇڭگو خەلقى ئۇلۇغ خەلق، باتۇر خەلق، چوقۇم كىشىلەر يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان جاھان مۆجىزىلىرىنى داۋاملىق يارىتالايدۇ!

ئويمان - دۆڭلەرنى تۈزلەپ داغدام يول ئېچىش، قانچە جاپالىق، خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. ئالغا ئىلگىرىلەش يولى ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ، لېكىن پەقەت جاپا - مۇشەققەتكە دۇچ كەلگەندە، باتۇرلۇق - قەيسەرلىك ئاندىن تېخىمۇ نامايان بولىدۇ؛ پەقەت چىن نىيەت بىلەن قىلىنغان ئىش ئاندىن تېخىمۇ قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. يېڭى بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغاندىلا، يۈز مىليونلىغان خەلق بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلىگەندىلا، بىز چوقۇم ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى بارلىققا كەلتۈرەلەيمىز!

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.