تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيلى

− مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش − دۆلەتنىڭ تۈپ تەدبىرى. جۇڭگونى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا، يېزا ئىگىلىكىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش شەرت؛ جۇڭگونى گۈزەللەشتۈرۈشتە، يېزىلارنى گۈزەللەشتۈرۈش شەرت؛ جۇڭگونى بېيىتىشتا، دېھقانلارنى بېيىتىش شەرت.

دۆلىتىمىز پات ئارىدا «14 - بەش يىل» مەزگىلىگە كىرىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنىڭ مۇھىم تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىنى باشلايدۇ، ئەمدىلا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتكە: «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى يېڭى مۇساپىدە يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم، ئۇنى بىردەممۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، جەزمەن چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش كېرەك، دەپ ئېنىق سىگنال بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر، بارلىققا كەلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش پۈتۈن ۋەزىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، يېتەكچى ئىدىيەسى، ئومۇمىي تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزاھلاپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بەردى. بۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن - يەتمىگەنلىكتە مۇھىمى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا قاراش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنىڭ قانداق بولۇشىدا، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش سۈپىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىدە چوڭ جەھەتتىن «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىگە قاراش كېرەك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشتا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىجادىي خاراكتېرگە، ئۆزگىچىلىككە ئىگە نۇرغۇن مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى مىسلىسىز، سالمىقى ئەڭ زور، نەپ يەتكۈزىدىغان نوپۇس ئەڭ كۆپ بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى تەشكىللەپ ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا باشلىدى. سەككىز يىل سىجىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، بىز يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاپ، پۈتۈن دۇنيا يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان مۇھىم، زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدۇق. ھازىر، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسى كۆز ئالدىمىزدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدە ئالغا قاراپ يېڭى چوڭ بىر قەدەم تاشلاندى. ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلىنىدىغان تارىخىي ئۆتكەلدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىسى تاماملانغان ۋەزىيەتتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۇنيادا داۋالغۇش، ئۆزگىرىشنى كەسكىنلەشتۈرۈۋاتقان ئالاھىدە پەيتتە يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، تەسىرى چوڭقۇر، ئۇزاق، پۈتۈن پارتىيە جەزمەن بۇ خىزمەتنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇشى كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە يەنىلا يېزىلاردا، ئەڭ كەڭ، ئەڭ چوڭقۇر ئاساس يەنىلا يېزىلاردا». جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتە جەزمەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كېرەك. تارىخ ۋە رېئاللىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، يېزا ئىگىلىكى دۆلەتنىڭ ئاساسى، ئاساس مۇقىم بولغاندىلا دۆلەت تىنچ بولىدۇ. بىز يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىگە چوڭ تارىخ قارىشى ئارقىلىق مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك، پەقەت «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى چوڭقۇر چۈشەنگەندىلا، ئاندىن پارتىيەمىز، دۆلىتىمىز، مىللىتىمىزنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيمىز. جەزمەن شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، گەرچە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى يەنىلا مۇستەھكەم ئەمەس، شەھەر، يېزىلارنىڭ رايون تەرەققىياتى ۋە كىرىم تەقسىماتىدىكى پەرق بىر قەدەر چوڭ، شەھەر، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى يېتەرلىك بولماسلىق يەنىلا جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى. دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئاساسىنى ياخشى ساقلاش − ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەت ئېچىشتىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ». بىزگە ئوخشاش 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسقا ئىگە چوڭ دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ياخشىلىنىشقا يۈزلەنسە، پۈتۈن ۋەزىيەتنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش بىزنىڭ دۇنيا چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇشىمىزدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، شۇنداقلا بىزنىڭ ئىچكى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى ئۆزگىرىشكە ماسلىشىپ، تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلىشىمىزدىكى ھەل قىلغۇچ قەدەم. ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىنى ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشكە قويغاندا، يېزىلاردا غايەت زور بوشلۇق بارلىققا كېلىپ، چوڭ نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، پۇرسەت ئېڭى، خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ماسلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىشى، دېھقانلارنىڭ باي - باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى ياخشى باشلىشى، قەدەمنى ياخشى ئېلىشى كېرەك.

كېلەر يىلى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلىنىدىغان بىرىنچى يىل. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا بۇرچ شەرەپلىك، ۋەزىپە مۈشكۈل. بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، «14 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.