تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات مەبلىغىنى باشقۇرۇش چارىسىنى چىقاردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات مەبلىغىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، مەبلەغنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىشلىتىشنى ئالغا سىلجىتىش، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى، يېزا نازارىتى بىرلىكتە «ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات مەبلىغىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى تۈزگەن. بۇنىڭدىن كېيىن، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات مەبلىغىدە بىۋاسىتە ياردەم پۇلى بېرىش، ئاۋۋال قۇرۇپ ئاندىن تولۇقلاش، ياردەم پۇلى ئورنىغا مۇكاپات بېرىش، كېپىل بولۇپ ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق شەكىللەر قوللىنىلىپ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا مەدەت بېرىلىدىكەن.

«چارە»دە ئېيتىلغان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات مەبلىغى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون مالىيەسى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان ئورتاق مالىيە ئىش ھوقۇقى يۆتكىمە چىقىم مەبلىغىنى كۆرسىتىدۇ.

مەركەزنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات مەبلىغى ئاساسلىقى تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش چىقىمى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى چىقىمى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتى ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتى چىقىمى، يېزا ئىگىلىك تىجارەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش چىقىمى، يېزا ئىگىلىك كەسىپ تەرەققىيات چىقىمى، مەركەز بېكىتكەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتىنى قوللايدىغان باشقا نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى چىقىمى جەھەتتە، ئاساسلىقى ئىلغار، قوللىنىشچان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىشقا، ھەمدە بىراك قىلىپ يېڭىلاش ۋە ئالاقىدار يېڭىلىق يارىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى قوللاشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتى ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتى چىقىمى جەھەتتە، ئاساسلىقى نۇقتىلىق زىرائەتلەرنىڭ يېشىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، سۈپەتلىك بولۇشى، قۇرغاق يەرلەردە سۇ تېجەيدىغان يېزا ئىگىلىكى، مېۋە - چېۋە، كۆكتات، چايغا ئىشلىتىلىدىغان ئورگانىك ئوغۇتنى خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، سۈپەتلىك ئۇرۇققا ياخشى ئۇسۇلنى ئىشلىتىش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەرنى قوللاشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ يېزا ئىگىلىك تىجارەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش چىقىمى جەھەتتە، ئاساسلىقى يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت قىلىش، يۇقىرى ساپالىق دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانى قاتارلىق جەھەتلەرنى قوللاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات مەبلىغى ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات چىقىمى، چارۋىچىلىق تەرەققىيات چىقىمى، ئاپتونوم رايون بېكىتكەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان باشقا نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

يېزا ئىگىلىك كەسىپ تەرەققىيات چىقىمى ئاساسلىقى ئەۋزەل، خاس كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى، سۈتچىلىكنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى ۋە چارۋا، ئۆي قۇشلىرى ساغلام باقمىچىلىقى، دۆلەتنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى ۋە يېزا ئىگىلىك كەسپىدىكى كۈچلۈك بازار قاتارلىق يېزىلاردىكى 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، جۇغراپىيەلىك بەلگىگە ئىگە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەرنى قوللاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

«چارە»دە مۇنداق بەلگىلەندى: يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات مەبلىغىنىڭ قوللاش ئوبيېكتى ئاساسلىقى دېھقان، چارۋىچىلار، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرى ھەمدە تۈر ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇن ۋە شەخسلەر بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.