تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى باسقۇچتىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيلى

خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە يەنىلا يېزىلاردا، ئەڭ كەڭ، ئەڭ چوڭقۇر ئاساس يەنىلا يېزىلاردا. كېلەر يىلى دۆلىتىمىز «14 - بەش يىل» مەزگىلىگە كىرىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدۇ. بۇ مۇھىم تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنى ئېچىشنىڭ پۇرسىتى مۇھىم، ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، بۇ دەل پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتكە چىقىرىلغان ئېنىق سىگنال: «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم، ئۇنى بىردەممۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، جەزمەن چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېزلىتىش توغرىسىدا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچى ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىشى، دېھقانلارنىڭ باي - باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش قىلىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى مىسلىسىز، سالمىقى ئەڭ زور، نەپ يەتكۈزۈلىدىغان نوپۇس ئەڭ كۆپ بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى تەشكىللەپ ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى باشلاپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلاردا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى ئۇدا ئالتە يىل 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى سەۋىيەدە مۇقىملاشتى، دېھقانلارنىڭ كىرىمى 2010 - يىلىدىكىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك قاتلاندى، يېزىلاردا خەلق تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، يېزا - كەنتلەرنىڭ قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى. نامرات رايونلاردا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولۇپ، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنى قىيىن ئەھۋالدا قويۇۋاتقان مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا مۇھىم، زور تۆھپە قوشۇلدى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشقا پۇختا ئاساس سېلىندى.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىدۇ، دۇچ كېلىدىغان ئىچكى - تاشقى مۇھىتتا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلىنىدىغان تارىخىي ئۆتكەلدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىسى تاماملانغان ۋەزىيەتتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۇنيادا داۋالغۇش، ئۆزگىرىشنى كەسكىنلەشتۈرۈۋاتقان ئالاھىدە پەيتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېزلىتىش پۈتۈن پارتىيە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر مۇھىم، زور مەسىلە. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشى كېرەككى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتە يېزا - كەنتلەرنى جەزمەن گۈللەندۈرۈش كېرەك. گەرچە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى يەنىلا مۇستەھكەم ئەمەس، شەھەر - يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى يېتەرلىك بولماسلىق يەنىلا جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى. تاشقى مۇھىتتا تېخىمۇ كۆپ مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق كۆرۈلدى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئاساسىنى ياخشى ساقلاش − ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەت ئېچىشتىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ». جەزمەن پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تەشكىلىي سىستېمىسى، تۈزۈم سىستېمىسى، خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىشى، دېھقانلارنىڭ باي - باياشات بولۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

نەچچە ئون يىللىق، بولۇپمۇ يېقىنقى سەككىز يىللىق سىجىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە تاماملاپ، پۈتۈن دۇنيا يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان مۇھىم، زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈردۇق. ھازىر، بىزنىڭ بۇرچىمىز يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، بۇ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك يۆتكىلىشى. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش - ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۆتكۈنچى مەزگىلدە تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ سىلىق، مۇقىم ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلگەن رايونلاردىكى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكىدە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئەڭ قاتتىق بولغان تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارغا تولۇقلىما بېرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك.

كېلەر يىلى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلىنىدىغان بىرىنچى يىل، شۇنداقلا پارتىيەمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. بارلىق خىزمەتلەرنى ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇش كېرەك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.