تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز بەش دەرىجىلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيا، پىراكتىكانت ئاراشجاپ پامانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى نۇقتىلىق ئۆستۈرۈپ، نۆۋەتتە كەنت دەرىجىلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمەت سۇپىسى بىلەن تولۇق قاپلاش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىغان، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ئوبلاست(شەھەر)، ناھىيە(شەھەر، رايون)، كوچا(يېزا - بازار)، مەھەللە(مەمۇرىي كەنت)دىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇلغان.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر، يېزىلاردا مەھەللە(مەمۇرىي كەنت) ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمەت پونكىتىدىن 11 مىڭ 735ى قۇرۇلۇپ، قاپلاش نىسبىتى %99.8كە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا كەنت دەرىجىلىك (مەھەللە) ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمەت پونكىتىدىن 6230ى قۇرۇلۇپ، قاپلاش نىسبىتى %100كە يەتكەن.

كۇچا شەھىرىنىڭ ئالاقاغا بازىرى باغۋەن كەنتىدىكى قاھار ئەمەر كەنت دەرىجىلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ياردەمچىسى. ئۇنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، ئۇ توردا تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئالاقىدار مۇلازىمەتلەر بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلىگەن. بۇ يىل كەنتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمەت سۇپىسىغا تايىنىپ، 300دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن شىنجاڭدا قاھارغا ئوخشاش كەنت دەرىجىلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ياردەمچىلىرىدىن 10 مىڭدىن كۆپرەكى بار، ئۇلار پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان بولۇپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دەل جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەشنى ئالغا سىلجىتىش، ئاساسىي قاتلام ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ.

«ھازىر، كەنت دەرىجىلىك مۇلازىمەت سۇپىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى جېنجياڭ مۇنداق دېدى: كەنت دەرىجىلىك مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىنىڭ تولۇق قاپلىشىغا ئەگىشىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ «سىياسەتنى سۈرۈشتۈرۈشتە كەنتتىن چىقماسلىق، خىزمەت ئىزدەشتە كەنتتىن چىقماسلىق، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇشتا كەنتتىن چىقماسلىق، ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى ئېلىشتا كەنتتىن چىقماسلىق»ى تەدرىجىي ئىشقا ئېشىپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

بەش دەرىجىلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىغا تايىنىپ، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز «ئالاقە تورى + ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى»نى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى، تۈرلۈك خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۈچۈن ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، بازار ئۇدۇللاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇردى. 2020 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تۈرلۈك تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىدىن 1047 مەيدان قېتىم ئۆتكۈزۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە توردا تەكلىپ قىلىش 796 مەيدان قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ، 248 مىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنى ئېلان قىلىنىپ، 79 مىڭ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتى.

«بىز كەسپىي يېتەكچى، كەسپىي ئۇچۇر ئانالىزچىسى، ئىگىلىك تىكلەش يېتەكچىسى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان مەخسۇس تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز.» لى جېنجياڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە بەش دەرىجىلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە خىزمەت قوشۇنىنىڭ كەسپىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.