تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتەيلى

− ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى ئۈچۈن ئېنىق ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى، مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمى ۋە 2021 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا تېزدىن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، «14 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش كېرەك.

2021 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، بىز ھەم مۇھىم تارىخىي پۇرسەتكە دۇچ كېلىمىز، ھەم غايەت زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا دۇچ كېلىمىز، لېكىن ئومۇمەن ئېيتقاندا، پۇرسەت خىرىستىن كۆپ. ئۇزاقتىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە، بىر قاتار ئالاھىدە قوللاش سىياسەتلىرىنى بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. شىنجاڭنىڭ ئۆزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، رايون ئەۋزەللىكى روشەن، بايلىقنى ئايلاندۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، مۇقىملىق پايدىسى سىجىل قويۇپ بېرىلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پۈتۈن زېھنى بىلەن قۇرۇلۇش قىلىش، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تەرەققىياتنى كۆزلەش ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، بىز ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، كىرىزىس ئىچىدىن پۇرسەت ئىزدەپ، يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك.

ئورۇنلاشتۇرما قىلىش بىر ئۈلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش بولىدۇ. يۇقۇمنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تاشقى مۇھىتتا ساقلانغان نۇرغۇن ئېنىقسىزلىققا قارىتا، كېلەر يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنىڭ قانداق ئەمەلىيلىشىشى ناھايىتى زور دەرىجىدە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈك بولۇش - بولماسلىقىغا باغلىق. ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە شۇنچە چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە ئۇنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى پۈتۈن ۋەزىيەتنى تولۇق ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ئىشقا سېلىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك. سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ ئىقتىدار، سەۋىيەنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى كەسىپلىشىش ئىقتىدارى، ئىقتىساد چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلەش ئىقتىدارى، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئەڭ زور دەرىجىدە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ ھەقىقىي تۈردە ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئەمەلىي ئىشلەش يۆنىلىشى تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئەڭ زور دەرىجىدە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ھەقىقىي تۈردە زېھنىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك؛ ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، تەشۋىقات خىزمىتىنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي كۆزلىمىنى ئۈنۈملۈك يېتەكلەش، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك.

ئومۇمەن ھەممە ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى مۇقەررەركى كەسىپنى قەدىرلەش، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشتىن بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشىمۇ مۇقەررەركى كەسىپنى قەدىرلىمەسلىكتىن بولىدۇ. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەقىقىي تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، تەلەپلىرىنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىلمىي تەقسىملەپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت ۋە جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى كۆرگىلى بولىدىغان، تۇتقىلى بولىدىغان، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك كونكرېت ھەرىكەت لايىھەسىگە ئايلاندۇرۇشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاشقا تۈرتكە بولىدىغان كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدىكى تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇنداشقا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىپ، «14 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.