تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى بۇرچ - ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشتىكى ئىقتىدار ۋە سەۋىيەنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى بۇرچ - ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشتىكى ئىقتىدار ۋە سەۋىيەنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە «پارتىيەنىڭ تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدا»نى چوڭقۇر ئۆگەندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتىنى پۈتۈن ۋەزىيەت خىزمىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتىنى چۆرىدەپ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئېلان قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى زور دەرىجىدە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. «پارتىيەنىڭ تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدا»دا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈمى مەركەزلىك نامايان قىلىنغان بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن نوپۇزلۇق ئەسەر. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە «پارتىيەنىڭ تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدا»غا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى بۇرچ - ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە «پارتىيەنىڭ تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدا»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى نىزامى»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بايراقنى كۆتۈرۈش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە قۇرۇش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيەسى ئاممىۋى پىكرىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم بولغان ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتىنى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاۋاتقان، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان بەختلىك تۇرمۇشىنى مەردانىلىك بىلەن تەشۋىق قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بايرىقى روشەن ھالدا پارتىيە تەشۋىقاتنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئىدېئولوگىيەنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىش ۋە بىرتۇتاش پىلانلاپ يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك، ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ئىقتىدارى يۇقىرى ۋە كۈچلۈك، ئەمەلىيەتچىل، يېڭىلىق يارىتالايدىغان، غەلىبىلىك جەڭ قىلالايدىغان تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.