تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

نوپۇزلۇق تارماقلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىغا ئائىت يەتتە چوڭ مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇردى

كىملەر ۋاكسىنا ئەملەتسە بولىدۇ؟ قەيەرگە بېرىپ ۋاكسىنا ئەملىتىدۇ؟ ئەكس تەسىرى بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟...

نوپۇزلۇق تارماقلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىغا ئائىت يەتتە چوڭ مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى دۇڭ رۇيفېڭ، مۇ تيېچېڭ

كىملەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەتسە بولىدۇ؟ قەيەرگە بېرىپ ئەملىتىدۇ؟ بىخەتەرلىكى قانداق؟ باھاسى قانداق؟

ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە قارىتا، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى نوپۇزلۇق ئىنكاس قايتۇردى.

كىملەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەتسە بولىدۇ؟

«قىش، ئەتىياز پەسلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، بىر قىسىم نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردۇق.» گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش گۇرۇپپىسى ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەخسۇس بەنىنىڭ مەسئۇلى، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زېڭ يىشىن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر توپىدىكى «ئەملەشكە تېگىشلىكلىرىگە تولۇق ئەملەش»نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز، ئومۇمەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتەلەيدۇ.

دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى سۈي گاڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى ۋاكسىنا ئەملەش تەدبىرى بولسا، «ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» لايىھەسى: بىرىنچى قەدەمدە، ئاساسلىقى بىر قىسىم نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان بولۇپ، ئىمپورت قىلىنغان سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇش، پورتلاردا كارانتىن قىلىش، پاراخوتلاردا يول باشلاش، ئاۋىياتسىيە - ئايروپىلان خىزمىتى، خام، يېڭى يېمەكلىكلەر بازىرى، ئاممىۋى قاتناش، داۋالاش - كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يۇقۇملىنىش خەۋپى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان خىزمەتچى خادىملار ھەمدە خەۋپ - خەتىرى ئوتتۇراھال، يۇقىرى بولغان دۆلەت ياكى رايونلارغا بېرىپ خىزمەت قىلىدىغان، ئوقۇيدىغان خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىككىنچى قەدەمدە، ۋاكسىنىنىڭ قوشۇمچە شەرت بىلەن تەستىقلىنىپ بازارغا سېلىنىشى ياكى رەسمىي تەستىقلىنىپ بازارغا سېلىنىشىغا ئەگىشىپ، ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تەدرىجىي ئاشۇرۇلۇپ، ئەملەشنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، تەدرىجىي ھالدا ھەرقايسى كىشىلەر توپى ئارىسىدا ئىممۇنىتېت توسۇقى بەرپا قىلىنىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ دۆلەت ئىچىدە تارقىلىشى توسۇلىدۇ.

ۋاكسىنا قانداق ئەملىتىلىدۇ، قەيەرگە بېرىپ ئەملىتىلىدۇ؟

سۈي گاڭ مۇنداق دېدى: ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ۋاكسىنا ئەملەش ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسى تەۋەلىكتىكى سەھىيە مۇلازىمەت مەركەزلىرى، يېزا - بازارلىق شىپاخانىلار ياكى ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلاردا تەسىس قىلىنىدۇ، ھەرقايسى جايلاردىن تەۋەلىكتىكى ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىلىرى، ۋاكسىنا ئەملىيەلەيدىغان ئورۇنلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىش تەلەپ قىلىندى، بۇ، ئورنى، مۇلازىمەت ۋاقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئەگەر ۋاكسىنا ئەملەش بىر قىسىم مەركەزلىك ئورۇنلارغا چېتىلسا، بىر قىسىم ۋاقىتلىق ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىلىرى تەسىس قىلىش، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش ئويلىشىلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ياكى شەخسلەرگە قەيەرگە بېرىپ ئەملىتىش، قايسى ۋاقىتتا بېرىپ ئەملىتىش، ئالدىن كېلىشىش ئۇقتۇرۇش قىلىنىدىكەن.

سۈي گاڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئامما ئۆزى تۇرۇشلۇق تەۋەلىكتىكى يەرلىك سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى ياكى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرىدىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ، شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ئېلان قىلىش سۇپىلىرىغا دىققەت قىلىشىنى سورايمىز.

سۈي گاڭ شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ۋاكسىنا ئەملىتىدىغان چاغدا شۇ جاينىڭ ئۇقتۇرۇشىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسلىنىش، مەسىلەن، كىملىكنى ئېلىۋېلىش، ۋاكسىنا تىزىملاش خاتىرىسىنى ياخشى قالدۇرۇش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، چوقۇم ئادەتتە داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىشتىكى تەلەپ بويىچە، شەخسىي مۇداپىئە قاتارلىقلارنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ۋاكسىنا ئەملىتىش بىخەتەرمۇ - ئەمەسمۇ؟

گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش گۇرۇپپىسى ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەخسۇس بەنى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى تېببىي دورا - سەھىيە پەن - تېخنىكا تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جېڭ جۇڭۋېي مۇنداق دېدى: 7 - ئايدىن بۇيان، ئۆزى خالاش، ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش، قوشۇلۇش ئالدىنقى شەرتىدە، دۆلىتىمىز يۇقىرى خەۋپ - خەتىرى ئاشكارىلانغان كىشىلەر توپىغا جىددىي ۋاكسىنا ئەملىدى، نۆۋەتتە جەمئىي 1 مىليون ۋاكسىنا قېتىمدىن ئارتۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى جىددىي ئەملەش خىزمىتى تاماملاندى. ئەكس تەسىرنى قاتتىق كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ئىز قوغلاپ كۆزىتىش ئارقىلىق، ئېغىر ئەكس تەسىر كۆرۈلمىدى.

ئوخشاش مەزگىلدە، جىددىي ئىشلىتىلىدىغان ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنىنى چېگرا سىرتىدا Ⅲ قارارلىق كىلىنىكىلىق سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلدى، ھازىرغىچە جەمئىي 75 مىڭ ئادەم، 150 مىڭ ۋاكسىنا قېتىم ۋاكسىنا ئەملەندى، تەتقىقاتتا ئېغىر بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى كۆرۈلمىگەنلىكى ئىسپاتلاندى.

ۋاكسىنا ئەملەتكەندىن كېيىن ئەكس تەسىر كۆرۈلسە قانداق قىلىش كېرەك؟

دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى تېببىي مەمۇرىيەت - تېببىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ رېۋىزىيە مەخسۇس خادىمى جياۋ ياخۇي مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ۋاكسىنا ئەملەشتە كۆزىتىلگەن دائىم كۆرۈلىدىغان ئەكس تەسىرلەر ئاساسلىقى باش ئاغرىش، قىزىش، ۋاكسىنا ئەملىگەن ئورۇندا قىسمەن قىزىرىش ياكى قاتتىق مونەك پەيدا بولۇش، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى كىشىلەردە كۆرۈلگەن يۆتىلىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، مۇنداق بىرقانچە تەدبىر قوللىنىلغان: بىرىنچىدىن، ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىلىرىدىن ھەم ۋاكسىنا ئەملەش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىش ھەم داۋالاش - قۇتقۇزۇش شەرتلىرىنى ھازىرلاش تەلەپ قىلىنغان؛ ئىككىنچىدىن، ھەرقايسى جايلاردىن ۋاكسىنا ئەملەش ئورۇنلىرىنى بىرقانچە رايونغا ئايرىپ، ئىككىنچى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلارنى مەسئۇلىيەت رايونىدىكى بىرقانچە ۋاكسىنا ئەملەش ئورنىنىڭ داۋالاش كاپالىتى خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىش تەلەپ قىلىنغان. شۇنداقلا ۋاكسىنا ئەملەتكۈچىلەرگە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا تېببىي خادىملارغا تەن سالامەتلىك ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلىپ، ۋاكسىنا ئەملەتكەندىن كېيىن ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىسىدا 30 مىنۇت تۇرۇش ئەسكەرتىلگەن.

جياۋ ياخۇي يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ ئەكس تەسىرى بىلەن تاسادىپىي بىرىكىش رېئاكسىيەسىنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك. تاسادىپىي بىرىكىش رېئاكسىيەسى ۋاكسىنا ئەملەتكۈچىنىڭ دەل باشقا بىر قىسىم كېسەللىكلەرنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى ياكى كېسەللىك قوزغىلىشنىڭ ئالدىنقى مەزگىلى ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ۋاكسىنا ئەملەتكەندە، بۇ كېسەللىكمۇ تاسادىپىي توغرا كېلىپ ئوخشاش بىر ۋاقىتتا قوزغىلىپ قالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ۋاكسىنا ئەملەش، ۋاكسىنا سۈپىتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق بولۇپ، ئەكس تەسىرگە كىرمەيدۇ.

ۋاكسىنا ئەملىتىپ بولغاندىن كېيىن قانچىلىك ۋاقىتقىچە ئۈنۈمى بولىدۇ؟

زېڭ يىشىن مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ پەيدا بولغىنىغا تېخى بىر يىلمۇ بولمىغاچقا، ۋاكسىنىنىڭ قانچىلىك ۋاقىت قوغدىيالايدىغانلىقىغا تېخى يەكۈن چىقارغىلى بولمايدۇ، لېكىن نۆۋەتتىكى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ۋاكسىنىنىڭ قوغداش مۇددىتىنىڭ يېرىم يىلدىن يۇقىرى بولۇشىدا مەسىلە يوق.

زېڭ يىشىن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، دۆلىتىمىز بىر قىسىم ۋاكسىنىلارنى I قارارلىق، II قارارلىق كىلىنىكىلىق سىناق قىلىشنى باشلىدى، بۇنىڭغا نۇرغۇن پىدائىي قاتناشتى، زىيارەت قىلىش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ پىدائىيلاردا ئانتىتېلا ھېلىھەم مەۋجۇت ئىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن داۋالاش ئاپپاراتلىرىمۇ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ دوختۇرخانىدىن چىققان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئاغرىقلىرىنى زىيارەت قىلغان. شېنجېن شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىققان 400دىن ئارتۇق ئاغرىقنى زىيارەت قىلىش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەڭ بالدۇر دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىقتا ئون ئايدىن كېيىنمۇ ئانتىتېلا يەنىلا مەۋجۇت بولغان.

تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىغا ئوخشاش يىلدا بىر قېتىم ئەملىتىش كېرەكمۇ؟ زېڭ يىشىن مۇنداق دېدى: تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئۆزگىرىشى تېز بولغاچقا، ۋاكسىنا ھەر ۋاقىت تەڭشىلىپ تۇرىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنىڭ قوغداش مۇددىتىنىڭ بىر يىل بولغانلىقىدىن ئەمەس. ھازىرقى ئەھۋال بويىچە مۆلچەرلىگەندە، يېرىم يىل ياكى بىر يىلدىلا قايتىدىن يەنە ۋاكسىنا ئەملىتىشنىڭ ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس.

جۇڭگو كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ ئىممۇنىتېت يىرىك پىلان باش مۇتەخەسسىسى ۋاڭ خۇاچىڭ مۇنداق دېدى: گېن تەرتىپىنى تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشى نورمال دائىرىدە بولۇپ، ۋاكسىنا ئۈنۈمىگە بولغان تەسىرىنى بايقىمىدۇق.

ۋاكسىنىنىڭ باھاسى قانداق بولىدۇ؟

جېڭ جۇڭۋېي بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق بىلدۈردى: ۋاكسىنا باھاسىدا ئالدى بىلەن كارخانىلار سۇبيېكت قىلىنىدۇ، لېكىن بىرقانچە پىرىنسىپقا يەنىلا جەزمەن ئەمەل قىلىش كېرەك، بىرىنچىسى، ئاممىۋى مەھسۇلاتلىق خۇسۇسىيىتى پىرىنسىپى. ئاممىۋى مەھسۇلاتلىق خۇسۇسىيىتى بولغان ئىكەن، ئەڭ ئاخىرقى باھا بېكىتىشنىڭ ئاساسى دەل تەننەرختۇر.

جېڭ جۇڭۋېي مۇنداق دېدى: ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى ۋە ئىشلىتىلىش كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ۋاكسىنا باھاسىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. ۋاكسىنا قوشۇمچە شەرت بىلەن تەستىقلىنىپ بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، مۇناسىپ باھا مېخانىزمى شەكىللىنىدۇ.

ۋاكسىنا ئەملەتكەندىن كېيىن يەنە شەخسىي مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى قىلىش كېرەكمۇ؟

زېڭ يىشىن مۇنداق دېدى: ھازىرغا قەدەر، ھېچقانداق ۋاكسىنىنىڭ قوغداش نىسبىتى %100كە يەتكىنى يوق، شۇڭا ۋاكسىنا ئەملەتكەندىن كېيىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى ئازايتماسلىق كېرەك، شۇندىلا بىخەتەرلىككە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ۋاكسىنا ئەملەتكەندىن كېيىن، يەنىلا كۆپچىلىكتىن شەخسىي مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق ساقلاشنى تەلەپ قىلىمىز، بۇ، ماسكا تاقاش، قولنى پات - پات يۇيۇش، ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئارىلىق ساقلاش قاتارلىق ياخشى ئادەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

سۈي گاڭ مۇنداق دېدى: شەخسىي مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى قىلىشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جەريانىدا، جۈملىدىن كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيىتىدە ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. نۆۋەتتە ئالدى بىلەن بىر قىسىم نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا ۋاكسىنا ئەملەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ۋاقتىنچە ۋاكسىنا ئەملەنمىگەن باشقا ئاممىنىڭ ئەنسىرىشى ھاجەتسىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.