تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

خەلق رازى بولغان، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان، تارىخ بېتىگە يېزىشقا بولىدىغان جاۋاب قەغىزى

− مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«خەلق رازى بولغان، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان، تارىخ بېتىگە يېزىشقا بولىدىغان جاۋاب قەغىزى تاپشۇردۇق»، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، بىر يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بېرىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، 2020 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، 2021 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بىزنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «14 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىشىمىز ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ يىل يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى. كەسكىن، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت، مۈشكۈل، ئېغىر دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى، بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ۋەزىيەتكە توغرا ھۆكۈم قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تەستە قولغا كەلگەن نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. دۆلىتىمىز پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئىقتىسادنىڭ مۇسبەت ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان بىردىنبىر ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىپ، كۈچلۈك خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى، قەتئىي ئېلاستىكلىقىنى نامايان قىلدى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا مۇھىم، زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە مۇھىم بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، خەلق تۇرمۇشى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى. ئىنتايىن پايدىسىز شارائىتتا بۇنداق ۋەزىنلىك جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇرالىغانلىقىمىز بىزگە ئوخشاش 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسقا ئىگە مۇشۇنداق چوڭ دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىنتايىن قالتىس ئىش بولۇپ، ئۇنى تارىخ بېتىگە يېزىشقا تامامەن بولىدۇ!

ئىشنى باشلىماق قىيىن، لېكىن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، كىشىلەر يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئەمەلىيەت يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يول باشلاپ رولچى بولغاچقا، مىليونلىغان خەلق بىرنىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئىلگىرىلەش يولىدا كۆرۈلگەن تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى چوقۇم يېڭەلەيدۇ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى چوقۇم تېخىمۇ كۈچلۈك ئالغا سىلجىتالايدۇ.

بۇ يىل «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل. بەش يىل سىجىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا يېڭى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەر پات ئارىدا تاماملىنىدۇ. ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ، ئىنسانلارنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تارىخىدا مۆجىزە يارىتىلدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى يەنە يېڭى چوڭ پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسى كۆز ئالدىمىزدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدە ئالغا قاراپ يېڭى چوڭ بىر قەدەم تاشلاندى، سوتسىيالىستىك جۇڭگو تېخىمۇ ھەيۋەتلىك قىياپەت بىلەن دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈردى. ھازىر، خەلق ئاممىسى پارتىيە رەھبەرلىكىنى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدۇ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدى، چىن قەلبىدىن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدىن تېخىمۇ پەخىرلەندى، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز ئۆزگىرىۋاتىدۇ، يۇقۇمنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تاشقى مۇھىتتا نۇرغۇن ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت. كېلەر يىلى دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدىكى ئالاھىدە مۇھىم بىر يىل، «14 - بەش يىل» باشلىنىدىغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلىنىدىغان يىل بولۇپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق «14 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش كېرەك. كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىشى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنى ئالدىن كۆرۈش، ئالدىن ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىستىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىش كېرەك.

«تايىنىشقا تېگىشلىكى ۋەزىيەتتۇر، چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىكى پۇرسەتتۇر». «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرغاندا، بىز قىلچىلىكمۇ ئۆز - ئۆزىمىزدىن قانائەتلىنىپ قالساق بولمايدۇ، لېكىن چەكسىز ئىشەنچنى قەلبىمىزگە پۈكۈشىمىز كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.