تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ مۇھىم سۆز قىلدى    لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

كېلەر يىلى دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدىكى ئالاھىدە مۇھىم بىر يىل. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماكرولۇق سىياسەتنى ئىلمىي، دەل جايىدا يولغا قويۇپ، تىرىشىپ ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا ئايلىنىشىنى ساقلاپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ئىستراتېگىيە تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، «14 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك

12 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، 2020 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى خۇلاسىلەپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلدى، 2021 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. لى كېچياڭ سۆزىدە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە قارىتا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى.

يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىل يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى. كەسكىن، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت، مۈشكۈل، ئېغىر دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسى ئالدىدا، بىز ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ۋەزىيەتكە توغرا ھۆكۈم قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىپ، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، خەلق رازى بولغان، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان، تارىخ بېتىگە يېزىشقا بولىدىغان جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇردۇق. دۆلىتىمىز پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئىقتىسادنىڭ مۇسبەت ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان بىردىنبىر ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەت قولغا كەلتۈرۈلدى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا مۇھىم، زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە مۇھىم بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، خەلق تۇرمۇشى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى. بۇ نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن، جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىل «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل. بەش يىل سىجىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا يېڭى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەر پات ئارىدا تاماملىنىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى يەنە يېڭى چوڭ پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسى كۆز ئالدىمىزدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدە ئالغا قاراپ يېڭى چوڭ بىر قەدەم تاشلاندى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئەمەلىيىتىدە، بىز كەسكىن خىرىس ئالدىدا ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى خەتەرلىك، قىيىن پەيتتە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ تايانچى، مۇھىم، زور تارىخىي پەيتتە، مۇھىم، زور سىناق ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى، ھەرىكەت ئىقتىدارى ھەل قىلغۇچ رولغا ئىگە؛ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش توغرا تاللاشنىڭ تۈپ ئالدىنقى شەرتى، خەلقنى باشتىن - ئاخىر كۆڭلىگە پۈكۈپ، خەلق مەنپەئىتىنى باشتىن - ئاخىر ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويغاندىلا، چوقۇم توغرا تەدبىر بەلگىلەپ، ئەڭ ئەۋزەل يولنى بېكىتىپ ھەم خەلققە تايىنىپ بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇنى يەڭگىلى بولىدۇ؛ تۈزۈم ئەۋزەللىكى ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىدىغان تۈزۈم ئەۋزەللىكىدە چىڭ تۇرغاندىلا، چوقۇم پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىش، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك ئېنېرگىيەنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ؛ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ۋە ئىجادىي تاقابىل تۇرۇش كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ تۈپ ئۇسۇلى، ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ماسلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلگەندىلا، چوقۇم زور خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا چوڭ پۇرسەت ياراتقىلى بولىدۇ؛ پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ تىرىكى، ئىلىم - پەن روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولغاندىلا، چوقۇم دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ بىخەتەر، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ئاساس ئۈستىگە قۇرغىلى بولىدۇ.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، جەزمەن سەگەكلىك بىلەن شۇنى ئېنىق كۆرۈشىمىز كېرەككى، يۇقۇمنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تاشقى مۇھىتتا نۇرغۇن ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئاساسى تېخى مۇستەھكەم ئەمەس. كېلەر يىلى دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى يەنىلا مۇرەككەپ ۋە كەسكىن بولىدۇ، قايتا جانلىنىش مۇقىمسىز ۋە تەڭپۇڭسىز بولىدۇ، يۇقۇم زەربىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۈرلۈك ھاسىلىي خەۋپ - خەتەرگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىشى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنى ئالدىن كۆرۈش، ئالدىن ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىستىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىش كېرەك. كۆپ تەرەپچىللىك بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پائال قاتنىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كېلەر يىلى دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدىكى ئالاھىدە مۇھىم بىر يىل. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماكرولۇق سىياسەتنى ئىلمىي، دەل جايىدا يولغا قويۇپ، تىرىشىپ ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا ئايلىنىشىنى ساقلاپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ئىستراتېگىيە تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، «14 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كېلەر يىلى ماكرولۇق سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى، مۇقىملىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ساقلاش كېرەك. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا، ساغلام پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى زۆرۈر قوللاش سالمىقىنى ساقلاپ، سىياسەت مەشغۇلاتىدا تېخىمۇ دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك بولۇپ، جىددىي بۇرۇلۇش قىلماي، سىياسەتنىڭ ۋاقىت، ئۆلچەم، ئۈنۈمىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. قىممەتلىك ۋاقىت كۆزنىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق «14 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش كېرەك. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىپ، مۇۋاپىق چىقىم سىجىللىقىنى ساقلاپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسىنىڭ مالىيە كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېزلىتىش، كىرىم تەقسىماتىنى تەڭشەشتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يوشۇرۇن قەرز خەۋپ - خەتىرىنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ئەمەلىي تۇتۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پۇختا، ساغلام پۇل سىياسىتى جانلىق، دەل جايىدا، مۇۋاپىق، لايىق بولۇش، پۇل بىلەن تەمىنلەش مىقدارى ۋە جەمئىيەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئوخشاش نامدىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ماسلىشىشىنى ساقلاپ، ماكرولۇق پىشاڭ نىسبىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، كۆپ يول ئارقىلىق بانكا كاپىتالىنى تولۇقلاپ، زايوم بازىرى قانۇن - تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يېشىل تەرەققىياتنى پۇل مۇئامىلە بىلەن قوللاشنى زورايتىش، ئۆسۈم نىسبىتى، پېرېۋوت نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق تەڭپۇڭ سەۋىيەدە ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا كېلەر يىلى تۇنجى قەدەمنى ياخشى ئېلىپ، يېڭى كەيپىيات ھاسىل قىلىش كېرەك. دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ تۇتۇپ، ئېھتىياج تەرەپلىك باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىملەش، ئوبوروت، ئىستېمالدىن ئىبارەت ھەرقايسى ھالقىلارنى تۇتاشتۇرۇپ، ئېھتىياج تەمىناتنى يېتەكلەيدىغان، تەمىنات ئېھتىياجنى يارىتىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكى سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىيات ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، بەزى ئاچقۇچلۇق نۇقتىلاردا كۈچەپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، بىرىنى تۇتۇش ئارقىلىق ھەممىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۈنۈم يارىتىش كېرەك.

يىغىندا كېلەر يىلى تۆۋەندىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى تۇتۇش بېكىتىلدى.

بىرىنچى، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى تەشكىللىگۈچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياج يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۆنىلىشى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى بېكىتىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەۋپسىزلىكىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئېغىر، زور قىيىن مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم تەتقىقات يۇرتى - ئورنى، ئالىي مەكتەپ دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پەن تەتقىقات كۈچىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش ۋە بايلىق مەنبەلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاساسىي تەتقىقاتنىڭ ئون يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىنى تۈزۈش، يولغا قويۇشنى چىڭ تۇتۇپ، بىر تۈركۈم ئاساسىي پەنلەر تەتقىقات مەركىزىنى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، شارائىتى بار جايلارنىڭ خەلقئارا ۋە رايون پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش بىرلەشمە گەۋدىسى تەشكىللەپ قۇرۇشىنى قوللاپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلقئارا پەن - تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەت ئىچىدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ياش مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىش كېرەك. رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ۋە پەن - تېخنىكا باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى بويىچە «باشلامچى تاللاش» قاتارلىق مېخانىزملارنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پەن - تېخنىكا ئېتىكىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ياخشى ئۆگىنىش كەيپىياتى ۋە ئىستىلى تۇرغۇزۇپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنى پۈتۈن زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈش، پۇختا ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەش كېرەك.

ئىككىنچى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسى. كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش ۋە ئارتۇقچىلىقلارنى تاۋلاشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپتىكى ئاجىز ھالقىلارغا قارىتا، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم «گالنى بوغىدىغان» مەسىلىلەرنى تېزدىن ھەل قىلىپ، كەسىپتىكى ئەۋزەل ساھەلەردە تۈجۈپىلەپ ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ خاس ئالاھىدە ماھارەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. كەسىپ ئاساسىنى قايتا يارىتىش قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئاساسىي زاپچاس، ئاساسىي ھۈنەر - سەنئەت، ئاچقۇچلۇق ئاساسىي ماتېرىيال قاتارلىق ئاساسلارنى پۇختىلاش كېرەك. يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش، قوللىنىش يېتەكچىلىكى، پۈتۈن ماشىنا تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئورتاقلىققا ئىگە تېخنىكا تەمىناتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك.

ئۈچىنچى، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. كۈچلۈك ئىچكى بازار شەكىللەندۈرۈش يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم تىرىكى، جەزمەن ئىستېمال، پۇل ئامانىتى، مەبلەغ سېلىشقا مۇۋاپىق يېتەكلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈنۈملۈك تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى قىلىش كېرەك. ئىستېمالنى كېڭەيتىشتە ئەڭ نېگىزلىك بولغىنى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي كاپالەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كىرىم تەقسىماتى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئوتتۇراھال كىرىملىك كىشىلەر توپىنى كېڭەيتىش، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش. ئىستېمالنى كېڭەيتىشنى خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ئىستېمالنى، سېتىۋېلىشنى چەكلەيدىغان بەزى مەمۇرىي خاراكتېرلىك بەلگىلىمىلەرنى تەرتىپلىك ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ناھىيە، يېزىلارنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىش كېرەك. كەسپىي تېخنىكا مائارىپى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئاممىۋى ئىستېمالنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇپ، مائارىپ، داۋالىنىش، ياشانغانلارنى كۈتۈش، بالىلارنى بېقىش قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت چىقىمىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سېلىنمىنى ئاشۇرۇش زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنمىنىڭ تاشقى ئۈنۈم خاراكتېرى كۈچلۈك، جەمئىيەت ئۈنۈمى يۇقىرى ساھەلەردىكى يېتەكلەش ۋە قوزغىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەبلەغ سېلىش ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش كېرەك. رەقەملىك ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە سېلىنما سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ياسىمىچىلىق جابدۇقلىرىنى يېڭىلاش ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىش سېلىنمىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. شەھەرلەرنى يېڭىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، شەھەر - بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىش، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە ماكرولۇق يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ تەكرار قۇرۇلۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

تۆتىنچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا، جەزمەن يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، ئىسلاھات بىلەن ئېچىۋېتىشنىڭ بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ماكرولۇق ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارا ماكرولۇق سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شىركەتنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش كېرەك. بازار ئىجازىتىنى كەڭ قويۇۋېتىپ، ئادىل رىقابەتنى ئالغا سىلجىتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداپ، بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئىدارە قىلىشنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كاپىتال بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك قەرز تۆلەشتىن قېچىش ۋە ئۇنى يوققا چىقىرىش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش كېرەك. 3 - تۈۋرۈك ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ۋە ئىلغار بولغان تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىگە قاتنىشىشنى پائال ئويلىشىش كېرەك. دۆلەت ئىچى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتقان قائىدىلەردىن پايدىلىنىپ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

بەشىنچى، ئۇرۇقلۇق ۋە تېرىلغۇ يەر مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. ئۇرۇقلۇق پىلازمىسى بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش، ئۇرۇقلۇق ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىلىم - پەنگە ھۆرمەت قىلىپ، قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، جانلىقلار نەسلىنى يېتىشتۈرۈشنى كەسىپلەشتۈرۈپ قوللىنىشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئۇرۇقلۇق مەنبەسىدىكى «گالنى بوغىدىغان» تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، بىر مەيدان ئۇرۇقچىلىقتا قەد كۆتۈرۈش جېڭى قىلىشقا ئىرادە باغلاش كېرەك. 1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، تېرىلغۇ يەرنى «يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش»نى قەتئىي توسۇپ، «ئاشلىقتىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش»نىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكى كەسىپ بەلبېغى قۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېتىز - ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ قارا تۇپراقنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك، مەنبەلىك بۇلغىنىشىنى تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك.

ئالتىنچى، مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇشنى ۋە كاپىتالنىڭ تەرتىپسىز كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش، ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى. دۆلەت سۇپا كارخانىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى، خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى بىلەن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى قوللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە تەرەققىياتنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ، رەقەملىك قائىدىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. سۇپا كارخانىلىرىنىڭ مونوپوللۇقىنى بېكىتىش، سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش، ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇن - قائىدىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. قائىدە - تۈزۈمنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مونوپوللۇق ۋە ناتوغرا رىقابەت قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىش جەزمەن ئېھتىياتچانلىق بىلەن نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.

يەتتىنچى، چوڭ شەھەرلەرنىڭ تۇرالغۇ جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. تۇرالغۇ مەسىلىسى خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك. ئۆينى پۇل تېپىش ۋاسىتىسى قىلىۋالماي، تۇرالغۇ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇزاق مۇددەت ئىجارە ئېلىش سىياسىتىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجارە ئۆي بىلەن سېتىۋالغان ئۆينى ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇش جەھەتتە تەدرىجىي ئوخشاش ھوقۇق - مەنپەئەتكە ئىگە قىلىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىجارە ئۆي بازىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. يەر بىلەن تەمىنلەشتە ئىجارە ئۆي قۇرۇلۇشىغا مايىللىشىپ، ئىجارە ئۆيگە يەر ئىشلىتىش پىلانىنى ئايرىم تۈزۈپ، كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يېرى ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئۆزىدىكى بىكار يەرلەردىن پايدىلىنىپ ئىجارە ئۆي سېلىشى ئۈستىدە ئىزدىنىش، دۆلەت كارخانىلىرى ۋە پۇقراۋى كارخانىلارمۇ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئىجارە ئۆينىڭ باج يۈكىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىجارە بازىرىنىڭ تەرتىپىنى رەتكە سېلىپ، بازار ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىجارە ھەققى سەۋىيەسىنى مۇۋاپىق تەڭشەش، تىزگىنلەش كېرەك.

سەككىزىنچى، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. دۆلىتىمىز كاربون(Ⅳ) ئوكسىدى قويۇپ بېرىشنى تىرىشىپ 2030 - يىلىدىن ئىلگىرى چوققا قىممەتكە يەتكۈزىدۇ، تىرىشىپ 2060 - يىلىدىن ئىلگىرى كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. 2030 - يىلىدىن ئىلگىرى كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ھەرىكەت لايىھەسىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ، شارائىتى بار جايلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشىنى قوللاش كېرەك. كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئەلالاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، كۆمۈر ئىستېمالىنى بالدۇرراق چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ھوقۇقى، كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقى سودا بازىرى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە ئىستېمالىنى قوش كونترول قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، بۇلغىمىنى ئازايتىش، كاربوننى تۆۋەنلىتىشنىڭ ماسلىشىش ئېففېكتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەت زېمىنىنى كەڭ كۆلەمدە كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كاربون يىغىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: نەچچە ئەۋلاد كىشىنىڭ ئىزچىل ئەمەل قىلىشى، داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق، دۆلىتىمىز پات ئارىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، داۋاملىق جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ھادىسىسى يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ياردەم بېرىش - يۆلەش سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىقىنى ساقلاپ، تۈرگە ئايرىپ تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، سىياسەتنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلىنى يېتەرلىك قالدۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا ئايلىنىشىنى ساقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنىڭ رىتىمى ۋە سالمىقىنى مۇۋاپىق ئىگىلەپ، ماكرولۇق سىياسەتلەرنى دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇش كېرەك. بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى سىجىل قوزغىتىپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بازار سۇبيېكتلىرى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەت ئىچى بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى يۆنىلىش قىلىپ ئىستېمال ۋە ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ قاتنىشىشىنى قوللايدىغان مېخانىزم ۋە سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىسلاھاتى ۋە يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش كېرەك. ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ كۆپ خىل يول ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۇيغۇنلىشىش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى سىياسىي نەزەر بىلەن كۆزىتىش ۋە تەھلىل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ يولغا قويۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار كەسىپلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىدىغان كەسىپ ئەھلىلىرىگە ئايلىنىشى كېرەك. دەرس تولۇقلاش، ئېنېرگىيە تولۇقلاش تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، دەۋر ئېقىمىغا ئاڭلىق يېتىشىۋېلىش كېرەك. تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك ئىقتىساد، جەمئىيەت خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، تۈگىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» خىزمىتىنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇپ، قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈپ، كۆلەملىك سىرتتىن كىرىش ۋە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ يۈزبەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «ئىككى بايرام»لىق بازار تەمىناتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركەز باشقۇرىدىغان قىسمەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانىلار، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.