تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، «14- بەش يىل» ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلايلى

خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

ئەمدىلا يېپىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن مەركەز ئاچقان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. يىغىندا بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئەستايىدىل خۇلاسىلىنىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، بىزنىڭ ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، «14 - بەش يىل» ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلىشىمىزدا مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە.

بۇ يىل يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى. كەسكىن، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت، مۈشكۈل، ئېغىر دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسى ئالدىدا، بىز ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ۋەزىيەتكە توغرا ھۆكۈم قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىپ، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، خەلق رازى بولغان، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان، تارىخ بېتىگە يېزىشقا بولىدىغان جاۋاب قەغىزى تاپشۇردۇق. دۆلىتىمىز پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئىقتىسادنىڭ مۇسبەت ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان بىردىنبىر ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا مۇھىم، زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە مۇھىم بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، خەلق تۇرمۇشى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەر پات ئارىدا تاماملىنىدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسى كۆز ئالدىمىزدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدە ئالغا قاراپ يېڭى چوڭ بىر قەدەم تاشلاندى.

دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئەمەلىيىتىدە، بىز كەسكىن خىرىس ئالدىدا ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى خەتەرلىك پەيتتە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ تايانچى، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش توغرا تاللاشنىڭ تۈپ ئالدىنقى شەرتى، تۈزۈم ئەۋزەللىكى ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىپ قۇدرەتلىك كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ۋە ئىجادىي تاقابىل تۇرۇش كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ تۈپ ئۇسۇلى، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ تىرىكى.

كېلەر يىلى دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدىكى ئالاھىدە مۇھىم بىر يىل، «14 - بەش يىل» باشلىنىدىغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلىنىدىغان يىل بولۇپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماكرولۇق سىياسەتنى ئىلمىي، دەل جايىدا يولغا قويۇپ، تىرىشىپ ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا ئايلىنىشىنى ساقلاپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ئىستراتېگىيە تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، «14 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسىدە، بۇ يىل دۇنيا ئىقتىسادى ئېغىر چېكىنىشكە پېتىپ قالدى. مۇرەككەپ، كەسكىن تاشقى مۇھىت ئالدىدا، ئاچقۇچ ئۆزىنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشتا. ماكرولۇق سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى، مۇقىملىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى زۆرۈر قوللاش سالمىقىنى ساقلاش كېرەك، سىياسەت قوللىنىشتا تېخىمۇ دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك بولۇش كېرەك، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش كېرەك، پۇختا، ساغلام پۇل سىياسىتى جانلىق، دەل جايىدا، مۇۋاپىق، لايىقىدا بولۇش كېرەك. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېھتىياج تەرەپلىك باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىملەش، ئوبوروت، ئىستېمالنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئېھتىياج تەمىناتنى يېتەكلەيدىغان، تەمىنات ئېھتىياجنى يارىتىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكى سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، مۇھىم ھالقىنى ئىگىلەشكە، مۇھىم نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا ماھىر بولۇش كېرەك. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى تەشكىللىگۈچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياج يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يۆنىلىشى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى بېكىتىش كېرەك. كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسى، جەزمەن دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشى بىلەن دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرىغا مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلىق كەسىپلەر ساھەسىدە مۇكەممەل ھەم ئېلاستىكىلىققا ئىگە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك، قۇدرەتلىك ئىچكى بازار شەكىللەندۈرۈش يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم تىرىكى، ئىستېمال، پۇل ئامانىتى، مەبلەغ سېلىشقا مۇۋاپىق يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈنۈملۈك تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەمىنات ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال ئىقتىدارى ۋە ئارزۇسىنى ئۆستۈرۈپ، سېلىنمىنى ئاشۇرۇش زاپاس كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا، جەزمەن يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، ئىسلاھات بىلەن ئېچىۋېتىشنىڭ بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۇرۇقلۇق ۋە تېرىلغۇ يەر مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇشنى ۋە كاپىتالنىڭ تەرتىپسىز كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇپا كارخانىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللاپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رەقەملىك قائىدىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. چوڭ شەھەرلەرنىڭ تۇرالغۇ جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئۇزاق مۇددەت ئۆي ئىجارە ئېلىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئۆينى پۇل تېپىش ۋاسىتىسى قىلىۋالماي، تۇرالغۇ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ تەكشى، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەتئىي بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئەلالاشتۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى سىستېمىلىق باھالاپ ۋە خۇلاسىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۇيغۇنلىشىش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش يۈكسەكلىكىدىن ئىقتىساد خىزمىتىنى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، كەسىپلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىدىغان كەسىپ ئەھلىلىرىگە ئايلىنىشى كېرەك.

ئورۇنلاشتۇرۇش بىر ئۈلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش بولىدۇ. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ۋەزىپىسى ئىنتايىن ئېغىر، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.