تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئۇلۇغۋار پىلان كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، نىشان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ

− ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىدا، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ سىستېمىلىق پىلانلاندى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى ھەم «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان بىلەن 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان بىرتۇتاش پىلانلىنىپ ئويلىشىلىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانى سۈرەتلەپ بېرىلدى، بۇ، جەزمەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

«14 - بەش يىل» مەزگىلى دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققان، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىدىغان بىرىنچى بەش يىل، شۇنداقلا شىنجاڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان، ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئاتلىنىدىغان ئاچقۇچلۇق بەش يىل، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى مۇھىم پۇرسەتكە دۇچ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسمۇ مەۋجۇت. «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىنى ياخشى تۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى بەش يىلدىكى تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ياخشى سۈرەتلەش يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەھمىيىتى مۇھىم، زور.

ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى چىڭ كۆزلىنىپ، مەسىلە يۆنىلىشى بىلەن نىشان يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇلدى، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك نىشان بىلەن قىسقا مۇددەتلىك نىشاننى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلدى، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش بىلەن مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلدى، دىققەت گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە روشەن كەمتۈكلۈكلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلدى، ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپى ۋە ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇلدى، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي پىرىنسىپى، نىشان - ۋەزىپىسى، مۇھىم تەدبىرلىرى ناھايىتى كۈچلۈك يېتەكچىلىككە، قاراتمىلىققا ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بولۇپ، ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى.

ئومۇمىي يىغىندا «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلىدۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يېڭى قەدەم تاشلىنىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا يېڭى كۈچەيتىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسى يېڭى يۈكسەكلىككە ئېرىشىدۇ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈلىدۇ، جەمئىيەت مۇقىملىقىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلىدۇ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارى يېڭى يۈكسىلىشكە ئېرىشىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان بۇ سەككىز «يېڭى» دېگەن سۆزدە شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى قىياپىتى، يېڭى ئەندىزىسى، يېڭى كەيپىياتى سۈرەتلەپ بېرىلگەن، گۈزەل ئىستىقبال كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ.

يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، يېڭى مۇساپە باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلاننى جانلىق رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىر مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يىغىندا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلار ۋە خىزمەت تەلىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكى، يېڭى ۋەزىپىسى، يېڭى تەلىپىگە قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «14 - بەش يىل»دىكى خىزمەتلەرنى پىلانلاش كېرەك. دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، پۇرسەت ئېڭى ۋە كۈلپەت ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، پائال نەتىجە يارىتىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەتلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىڭىشىپ، رايون ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشقا پائال سىڭىشىش كېرەك.

«سوتسىيالىزم ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن، يېڭى دەۋر كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن»، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «14 - بەش يىل»دا ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.