تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسىنى بېسىپ تارقاتتى (2020 − 2025 - يىل)

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى

قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسىنى بېسىپ تارقاتتى (2020 − 2025-يىل)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 7-كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسى(2020-2025-يىل)»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«پىروگرامما»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: قانۇنچىل جەمئىيەت قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاساسى، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشى دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. قانۇنچىللىققا ئېتىقاد قىلىدىغان، ئادىل، ھەققانىي بولغان، ھوقۇق-مەنپەئەتكە كاپالەتلىك قىلىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان-سەمىمىي بولغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئىناق، تەرتىپلىك بولغان سوتسىيالىستىك قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا قانۇنچىل جەمئىيەتنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىش 2035-يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم نىشانلارنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىلدى، بۇنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، تەسىرى چوڭقۇر، ۋەزىپە مۈشكۈل.

«پىروگرامما»نىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قانۇنچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇش ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ پۇختا قانۇنچىللىق ئاساسىنى مۇستەھكەم قۇرۇش.

«پىروگرامما»نىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى: پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ نوپۇزىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇش؛ قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ ھوقۇق-مەنپەئەت بىلەن مەجبۇرىيەتنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش؛ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش؛ جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتىكى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇش.

«پىروگرامما»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئومۇمىي نىشان: 2025-يىلىغا بارغاندا، «8-بەش يىل»لىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇپ تاماملاپ، قانۇنچىللىق قارىشىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، ئىجتىمائىي ساھەدىكى تۈزۈم-قائىدىلەرنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەلىپىنى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ۋە جەمئىيەت ئىدارە قىلىشقا سىڭدۈرۈشنىڭ نەتىجە ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك قىلىپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، دەۋر ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ جانلىق ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، 2035-يىلى قانۇنچىل جەمئىيەتنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىشقا پۇختا ئاساس سېلىش.

«پىروگرامما»دا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قانۇنچىللىق قارىشىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇنچىللىق قارىشىنى كۈچەيتىپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل مەدەنىيەت بەرپا قىلىش كېرەك.

پۈتكۈل جەمئىيەت ساھەسىدىكى تۈزۈم-قائىدىلەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى مۇھىم ساھەلەرگە دائىر قانۇن چىقىرىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت قائىدە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەخلاق ئۆلچىمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ھوقۇق-مەنپەئەتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ مۇھىم، زور ئاممىۋى تەدبىر بەلگىلەشكە قاتنىشىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش داۋامىدا ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇق قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، جەمئىيەت سۇبيېكتلىرىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ قاتلام، كۆپ ساھەدىكى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەت بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتتىكى زىددىيەت، ماجىرالارنى قانۇن بويىچە ئۈنۈملۈك پەسەيتىش-ھەل قىلىش كېرەك.

تور بوشلۇقىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، تورغا دائىر قانۇن-تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى بولغان تور قانۇنچىللىق ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ تورنى قانۇن بويىچە بىخەتەر ئىشلىتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

«پىروگرامما»دا يەنە تەشكىلىي كاپالەتنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.