تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى تېخىمۇ ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيا

12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئەتىگەندىلا، قاراقاش ناھىيەسى قاراساي بازىرى باغچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى توختىمەمەت غوجابدۇللا ئۆزىنىڭ تاللا بازىرىدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «مەن ئىككى دۇكان ئاچتىم، يىللىق كىرىمىم 60 - 50 مىڭ يۈەن، يەنە 30دىن ئارتۇق قوي باقتىم، يېڭى ئۆي سېلىۋالدىم، ئاپتوموبىل سېتىۋالدىم، تۇرمۇشۇم كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتىدۇ.» توختىمەمەتنىڭ خۇشال چىرايىدىن بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان رازىمەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.

خەلق رايى ئەڭ چوڭ سىياسىي. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، مالىيە خامچوتىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلەندۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ ئاشتى، تۇرمۇش سۈپىتى بارغانسېرى ئۆستى.

مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشى ئاساسىنى پۇختىلىدى

12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى شېنجېن كەسىپلەر باغچىسىدىكى بىر ئېلېكتىرون زاپچاسلىرى زاۋۇتىدا، مەردانجان ئوبۇلقاسىم ئۈسكۈنىلەرنى رېمونت قىلىۋاتاتتى. قۇرۇلۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ باشقا ئۈچ خىزمەتچىنى يېتەكلەپ، ئاساسلىقى شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئاسراشقا مەسئۇل ئىدى. «ھازىر ئايلىق كىرىمىم 4000 يۈەندىن ئاشىدۇ، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ» دېدى مەردانجان.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى بولۇپ، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشى بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان خادىملار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىشكىچە؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشتىن ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمچانلىقىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى.

2017 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىنىڭ شەھەر - يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يىرىك پىلانى بويىچە جەمئىي 135 مىڭ كىشىنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىلدى؛ 2018 - يىلىدىن 2020 - يىلى 6 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۈچ يىللىق يىرىك پىلانى بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى جەمئىي 221 مىڭ نەپەر ئەمگەك كۈچىنىڭ (بىڭتۇەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىلدى؛ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەر 24 سائەت ئىچىدە ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈلدى؛ ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق مۇشۇ قاراردا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ يىل ئاخىرىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %88تىن يۇقىرى بولدى.

بۇ يىل، يۇقۇمنىڭ تەسىرى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۈكنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشنى تەڭ تۇتتى. «بۇ يىل بىز جەمئىي 178 مىڭ يۈەن ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولدۇق، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىدىن 3 مىليون 100 مىڭ يۈەن كېمەيتىلدى، كەچۈرۈم قىلىندى، شىركەت بۇ پۇلنى خىزمەتچىلەرگە تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىپ، خىزمەتچىلەر قوشۇنىنى مۇقىملاشتۇردى» دېدى شىنجاڭ خوجۈ يېقىلغۇ گاز پاي چەكلىك شىركىتى مەمۇرىي باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جۇ ياڭچۇن.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇقىم بولغاچقا كىرىم ئاشتى. 2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، شىنجاڭدا ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 11 مىليون 352 مىڭ 400 ئادەمدىن كۆپىيىپ 13 مىليون 301 مىڭ 200 ئادەمگە يەتتى، شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 23 مىڭ 200 يۈەندىن كۆپىيىپ 34 مىڭ 700 يۈەنگە يەتتى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 8724 يۈەندىن كۆپىيىپ 13 مىڭ 100 يۈەنگە يەتتى. ھەر مىللەت ئامما «تاماق قاچىسى»نى قولىدا چىڭ تۇتتى، تۇرمۇشى بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدى.

كەڭ قاپلاش كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى

«بۇ يىل مېنىڭ كۈتۈنۈش پۇلۇم ھەر ئايدا 200 نەچچە يۈەن ئۆستى، تۇرمۇشىمىز كاپالەتكە ئىگە بولدى، كۆڭلىمىز خاتىرجەم» دېدى 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققان ئىشچى - خىزمەتچى جاڭ چىڭفۇ خۇشال ھالدا.

مائارىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، داۋالىنىش، تۇرالغۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت دىققەتنى خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كەڭ قاپلاشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى.

مائارىپ تېخىمۇ ئادىل بولدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتى يىللىق سېلىنمىسى بىردەك 50 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزىلاردا 4408 يەسلى يېڭىدىن سېلىندى، ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىلدى، قۇرۇشقا تېگىشلىكلىرى تولۇق قۇرۇلۇپ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن 1 مىليون 558 مىڭ بالىنىڭ يەسلىگە كىرىشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كىرگۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ «نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش» قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى كۆرسەتكۈچى پۈتۈنلەي ئۆلچەمگە يەتكۈزۈلدى. يېزا - كەنتلەردە، ئەڭ چىرايلىق ئىمارەت مەكتەپ، ئەڭ يارقىن مەنزىرە مەكتەپ قورۇسى بولۇپ قالدى.

كۆپ قاتلاملىق، تېخىمۇ ئادىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كۈتۈنۈش، ئىشتا يارىلىنىش، ئىشسىزلىقتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار 18 مىليون 905 مىڭ 200 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 1 مىليون 2800 ئادەم قېتىم كۆپەيدى؛ كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىدا «16 يىل ئۇدا ئۆسۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى 2016 - يىلىدىكى 18 مىليون 133 مىڭ ئادەمدىن 2019 - يىلىدىكى 20 مىليون 380 مىڭ 900 ئادەمگە كۆپىيىپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

خەلقنىڭ ساغلاملىقى تولۇق دەۋرىيلىك كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى ھەربىر شىنجاڭلىق شەھەر - يېزا ئاھالىسىگە نەپ يەتكۈزدى، ئائىلە دوختۇرلىرىنىڭ كېلىشىم ئىمزالاپ مۇلازىمەت قىلىشى بىلەن پۇقرالارنىڭ ئۆزىنىڭ ئائىلە دوختۇرى بار بولدى؛ 2019 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا - كەنت ئىككى دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانىلاردا يىراقتىن داۋالاش ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىشى قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتتى.

تېخىمۇ كۆپ ئائىلىلەرنىڭ «ئەمىن ئۆي ئارزۇسى» ئىشقا ئاشتى. ئاپتونوم رايونىمىز كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە شەھەر - بازارلاردا 1 مىليون 273 مىڭ 200 يۈرۈش كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ يىل 9 - ئايغىچە 1 مىليون 281 مىڭ يۈرۈش ئۆي پۈتتى؛ يېزىلاردا 1 مىليون 187 مىڭ 700 ئائىلىلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ خەتەرلىك ئۆيدە ئولتۇرۇش تارىخىغا تەلتۆكۈس خاتىمە بەردى، 5 مىليونغا يېقىن دېھقان - چارۋىچى ئاممىنىڭ ئەمىن ئۆيدە ئولتۇرۇشى، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان يەردە ئولتۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

كىشىلەر خاتىرجەم بولسا، بىرىكمە كۈچ يېتەرلىك بولىدۇ. «ھەممە ئائىلە ئەمىن ئۆيدە ئولتۇرىدۇ، داۋالانساق ئاتچوت قىلدۇرالايمىز، ياشانغانلارنىڭ ھەر ئايدا كۈتۈنۈش پۇلى بار، بالىلار كەنتتىلا يەسلىگە كىرەلەيدۇ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى تۇرمۇشىمىزنى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىدى.» بۇ يىل 85 ياشقا كىرگەن جامال مەمەت كۇچا شەھىرىنىڭ ئالاقاغا بازىرى باغۋەن كەنتىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، ئۇ ئۇچرىغانلا كىشىگە پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش كېرەك، دەيدۇ.

كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، تەرەققىيات پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلەندى

12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، قەشقەر داشۆنىڭ 3 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى گۈلمىرە ئابلاجان مۇنداق دېدى: «دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى مېنى خاتىرجەم ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.» داشۆدە ئوقۇشتىن بۇرۇن، ئۇ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىدىن ئەنسىرىگەنىدى، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتى ئۇنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگەتتى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ، ئەخلاق - پەزىلەتتىمۇ، ئۆگىنىشتىمۇ ئەلا بولۇپ، گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋېتىپتۇ.

خەلق تۇرمۇشىدا كىچىك ئىش يوق، ھەربىر شاخ، ھەربىر يوپۇرماققىمۇ كۆيۈنۈشىمىز كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش جەريانىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت تۇرمۇشتا يەنە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ غېمىنى يەپ، ئۇلارنىڭ غەم - ئەندىشىسى، ھال - ئەھۋالىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئۇلارنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

− ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىدىن ئاسپىرانتلار مائارىپىغىچە بولغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتى سىستېمىسى ئورنىتىلدى، تاكامۇللاشتۇرۇلدى، ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش مەبلىغى 2016 - يىلىدىكى 2 مىليارد 790 مىليون يۈەندىن 2019 - يىلىدىكى 7 مىليارد 620 مىليون يۈەنگە كۆپەيتىلدى، 2019 - يىلىلا 4 مىليون 800 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا نەپ يەتكۈزۈلۈپ، «بىرمۇ ئوقۇغۇچىنى ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئوقۇشسىز قويماسلىق» دېگەن ۋەدە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى؛

− ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى. 60 ياشتىن ئاشقان نامراتلارغا تارقىتىشقا تېگىشلىك كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلى تولۇق تارقىتىلدى، نامراتلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %100كە يەتكۈزۈلۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىش، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىش قاتارلىق مەسىلىلىرى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى؛

− تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى يىلدىن - يىلغا ئۆستۈرۈلدى، 2020 - يىلى شەھەرلەرنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى 2016 - يىلىدىكىدىن %33 ئۆستۈرۈلدى، يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى 2016 - يىلىدىكىدىن %44 ئۆستۈرۈلدى. بۇ يىلقى يۇقۇم ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىز قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا 8 مىليارد 880 مىليون يۈەن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش مەبلىغى ئاجرىتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلەندۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا بولغان غەمخورلۇقىنى كەم - كوتسىز پۇختا ئەمەلىيلەشتۈردى، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈردى؛

− 60 كۈندە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ناھىيەدە يېزا بەخت چوڭ قورۇسىدىن 207سى سېلىنىپ، يېزىلاردىكى تەنھا، قارىغۇچىسى يوق، ئۆيدە قالغان، يېشى چوڭىيىپ قالغان قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى؛

...

خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، پۇقرالارغا ئامالنىڭ بارىچە نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولسىمۇ ۋۇجۇدقا چىقمىغان نۇرغۇن چوڭ ئىشلار ۋۇجۇدقا چىقىرىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، خەلقنىڭ بەختى، خاتىرجەملىكىنىڭ ئۇل تېشى سېلىندى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان بولدى، كۈلكىسى تېخىمۇ تاتلىق، كۈنلىرى تېخىمۇ گۈزەل بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.