تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېزدىن سىڭىپ كىرىشنى كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېزدىن سىڭىپ كىرىشنى كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

شەۋكەت ئىمىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى 16-قېتىملىق يىغىنىنىڭ روھى بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى دەۋردە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى (2021-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە)» «ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2020-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە)» «ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «يېڭى دەۋردىكى مائارىپ نازارەتچىلىكى-يېتەكچىلىكى تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» «ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» «ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە كاپىتالى چىقارغۇچىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى توغرىسىدىكى يولغا قويۇش بەلگىلىمىسى (ۋاقىتلىق يولغا قويۇلىدۇ)» «ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاراپ چىقىلدى.

چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىسلاھات بىلەن تەرەققىياتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇشقا كۈچەپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىڭىشىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزگىرىشكە يۈزلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەت ئېچىش كېرەك. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى خۇلاسىلەش، باھالاشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، نەتىجىلەرنى سىستېمىلىق رەتلەپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، تاۋلاپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ياخشىلاش، مۇكەممەللەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. كېلەر يىلى ۋە «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىسلاھات خىزمىتى پىكىر يولىنى سىستېمىلىق ياخشى پىلانلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى كۆزلەپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىسلاھات يوشۇرۇن ئېنېرگىيەسىنى تولۇق قويۇپ بېرىش كېرەك. تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، ۋەزىپە تىزىملىكى تۈزۈپ، تۈرمۇتۈر تىزىملىككە توغرىلاپ ئېنىقلاپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى تەكشۈرۈپ، پەرقلەرنى تېپىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، پۈتۈن يىللىق تۈرلۈك ئىسلاھات نىشان-ۋەزىپىلىرىنىڭ تولۇق تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.