تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى قانۇنچىل شىنجاڭنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى

شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى قانۇنچىل شىنجاڭنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك

چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى

شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 11-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنى، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۆگىنىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

شىنجاڭ داشۆ قانۇن شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى دېڭ شېمىن مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە دوكلاتى بەردى. دېڭ شېمىن شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئېلان قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدا گەۋدىلەندۈرۈلگەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، ئەمەلىيەت ئالاھىدىلىكى، دەۋر ئالاھىدىلىكى قاتارلىق تۆت جەھەتتىن قانۇن سىستېمىسىنى تونۇشتۇرۇش، ماددىلارنى چۈشەندۈرۈش ۋە دېلو مىسالىنى تەھلىل قىلىش قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر، سىستېمىلىق، ئىلمىي، ئومۇميۈزلۈك چۈشەندۈردى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى «قانۇن دەستۇرى» نامى بىلەن ئاتالغان قانۇن، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك خاراكتېرى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، خەلقنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئارزۇسىغا ماسلاشقان، دەۋر تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشقان ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى، يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم، زور نەتىجە. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى رەسمىي ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 20-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، يولغا قويۇشنى ياخشى تۇتۇشتىكى كونكرېت تەلەپلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ياخشى يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى قانۇنچىل شىنجاڭنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنى، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەتراپلىق ئىگىلەشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش، بىرەر ئىشقا يولۇققاندا قانۇننى ئىزدەش ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈش، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا قانۇنغا تايىنىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك؛ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى، ئاساسىي تەلىپى ۋە بىر قاتار يېڭى بەلگىلىمە، يېڭى ئۇقۇم، يېڭى روھنى ياخشى شەرھلەپ چۈشەندۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىشى، چۈشىنىشى، ئىگىلىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنچىللىق ئارزۇ-تەلىپىگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغداپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇننى ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرىنىڭ ھەق تەلەپ دېلولىرىنى سوت قىلىش سەۋىيەسى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قانۇنچىللىق كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى يولغا قويۇشنى باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىشى، ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشى، كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى تەكشۈرۈش ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنىڭ بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار ياخشى ئۈلگە بولۇپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى قوللىنىپ خەلقنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، زىددىيەت-ماجىرالارنى پەسەيتىش-تۈگىتىش، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.