تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

قانۇنچىللىق يولىدا دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

قانۇنچىللىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئاساسىي شەكلى، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ مۇھىم تايانچى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا چوڭقۇر قىلىپ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلغاندىلا، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ سىستېمىلىقلىقى، قېلىپلىشىشى، ماسلىشىشچانلىقىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلغىلى، جەمئىيەت ئورتاق تونۇشىنى ئەڭ زور چەكتە مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى، قانۇنچىللىق يولىدا دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، بىز ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىش ۋە جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشتەك «ئىككى چوڭ مۆجىزە»نى ياراتتۇق، بۇنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋىتى بار. بۇ قېتىم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا بىز قانۇنچىللىق يولىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، دۆلىتىمىز يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيانقى تۇنجى بولۇپ ئېشىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىقىغا پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى نەزەرىيە نەتىجىلىرى ۋە ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ مۇقىم، ئەڭ ئىشەنچلىك كاپالىتى. قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى يېتەكلەش، قېلىپلاشتۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كۈچەپ ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىقنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەندىلا، چوقۇم ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈملەرنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ تۈزۈملىشىشى، تەرتىپلىشىشى، قېلىپلىشىشى، قانۇنچىللىشىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

«قانۇنچىللىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ باشلىنىشى». دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىقنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىدىكى ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، مۇكەممەل بولغان قانۇن - قائىدە سىستېمىسى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان قانۇنچىللىقنى يولغا قويۇش سىستېمىسى، پۇختا بولغان قانۇنچىللىق نازارەت سىستېمىسى، كۈچلۈك بولغان قانۇنچىللىق كاپالەت سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈش، مۇكەممەل بولغان پارتىيە ئىچىدىكى نىزام سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇش، سىستېمىلىقلىق، بىر پۈتۈنلۈك، ماسلىشىشچانلىققا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ھەربىر ئەدلىيە دېلوسىدىن ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

قانۇنچىللىق دۆلەتنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە. تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يەنىلا دەۋرنىڭ باش تېمىسى، لېكىن خەلقئارا مۇھىتنىڭ مۇقىمسىزلىقى، ئېنىقسىزلىقى روشەن ئاشتى. دۆلىتىمىز ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە كۈنسېرى يېقىنلاشتى. قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك نىشانىدا جەزمەن خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى مۇساپىسى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنچىللىق ئېھتىياجىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئويلىشىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش تەلىپى بىلەن ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش كېرەك. دۆلەت ئىچىدىكى قانۇنچىللىق بىلەن چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇنچىللىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇنچىللىق خىزمىتى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىدارە قىلىش بىلەن خەلقئارا ئىدارە قىلىشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش كېرەك. قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق شەكلىدىن پايدىلىنىپ، ئۈنۈملۈك ھالدا خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ كۈرەشنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە يادرولۇق مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

قانۇنچىللىق گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، قانۇنچىللىق كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ئەمەلىيىتىدە، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، قانۇنچىللىققا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇنچىللىقنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى مۇستەھكەملەش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۇزاق كەلگۈسىگە پايدىلىق بولۇشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن بويىچە ئېغىر، زور خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرلەرگە تاقابىل تۇرۇش، ئېغىر، زور توسالغۇلارنى يېڭىش، ئېغىر، زور زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرساقلا، بىز چوقۇم سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.