تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ 2020- يىللىق «جۇڭگونى چۈشىنىش» خەلقئارا يىغىنى (گۇاڭجوۋ)غا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى 2020 - يىللىق «جۇڭگونى چۈشىنىش» خەلقئارا يىغىنى (گۇاڭجوۋ) 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى گۇاڭجوۋدا باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. تۈرلۈك مۇرەككەپ، كەسكىن خىرىس ئالدىدا، ئىنسانلار ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىشكە، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك موھتاج.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەمدىلا يېپىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگونىڭ «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىياتى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاندى. جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش نىشانى پات ئارىدا ئىشقا ئاشىدۇ، كېلەر يىلى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسى باشلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويۇلىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ چوڭقۇر ئويلىنىپ، پائال مۇھاكىمە قىلىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ئالاقىلىشىشى، ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

«جۇڭگونى چۈشىنىش» خەلقئارا يىغىنى ھازىرغىچە تۆت نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك يىغىن «چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى، چوڭ سىناق، چوڭ ھەمكارلىق − جۇڭگونىڭ زامانىۋىلىشىش يېڭى مۇساپىسى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى 600دىن ئارتۇق داڭلىق سىياسىيون، ئىستراتېگىيەچى، ئالىم، كارخانىچى تور ۋە تور سىرتى شەكلىدە يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.