تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇھىم ماقالىسى سىزنى شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەيدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

تارىخنىڭ چاقى 2020 - يىلىغا كەلگەندە، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق مۇساپىسىگە قەدەم قويغان جۇڭگودا، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقى مىسلىسىز بولدى، زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسنىڭ كۆپلۈكى مىسلىسىز بولدى، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنچىللىققا بولغان ئارزۇسى ۋە تەلىپىنىڭ يۇقىرىلىقى مىسلىسىز بولدى.

دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش، جەزمەن ئىلمىي نەزەرىيەنى يېتەكچى قىلىپ، نېمە ئۈچۈن دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانداق قىلىپ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور دەۋر تېمىسىغا نەزەرىيە جەھەتتىن جاۋاب بېرىش كېرەك.

11 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە، پارتىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئېچىلغان مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى «ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار ئىشنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش ئۈچۈن − شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش خاتىرىسى» دېگەن ماۋزۇدا مۇھىم ماقالە ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىدە ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كېلىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلغانلىقى ھەم كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىپ مۇكەممەللەشكەنلىكىنى، يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇنچىللىق گۈزەل ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشقانلىقىنى، بۇنىڭ، مۇقەررەر ھالدا قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىشقا يېتەكلەيدىغانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلىدى.

شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى قانداق قىلىپ ماركسىزملىق قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇردى؟ ئىلمىيلىكى، ئەمەلىيەتچانلىقى، خەلقچىللىقى قانداق باشتىن - ئاخىر تومۇرداش؟ قانداق ئەڭ يېڭى نەتىجىلەر بار؟

− دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش باش نىشانىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى.

− جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشنى تۇنجى قېتىم جاكارلىدى.

− دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا دائىر بىر قاتار مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە تۇنجى قېتىم چوڭقۇر جاۋاب بەردى.

− جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسىنىڭ ئىلمىي ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى تۇنجى قېتىم شەرھلىدى.

− دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي رامكىسى ۋە ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تۇنجى قېتىم ئايدىڭلاشتۇردى.

مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا مەركەزلىك ئىخچاملانغان «11دە چىڭ تۇرۇش» شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ مول ۋە چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى نامايان قىلدى.

قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق ئەمەلىيىتى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ياخشى قانۇن ئارقىلىق ياخشى ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولۇش دەۋر مۇساپىسىدە ئەمەلىيەت خىسلىتىنى نامايان قىلدى، ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى نامايان قىلدى.

ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەممىسى قانۇنچىللىقنى ئاساس قىلىدۇ، قانۇنچىللىقنى كاپالەت قىلىدۇ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ نۇرىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بىناسى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈردى.

ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، بۇ، قانۇنچىل جۇڭگونىڭ نىشان يېتەكچىسى. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىدە خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى قىممەت ئىنتىلىشىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان ئىدىيە شانلىق نۇرىنى چاقنىتىش؛ خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەت بىلەن، قانۇنچىل جۇڭگونىڭ باشتىن - ئاخىر بىردەك بولۇش ئاساسىنى پۇختىلاش؛ خەلق قەلبىدە يىلتىز تارتىپ، خەلققە تايىنىپ قانۇنچىللىقنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان جاھاندىكى توغرا يولنى تېپىپ چىقىش.

قانۇنچىللىق ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇش، ئاساسنى پۇختىلاشنىڭ ئۇل تېشى. قىيىنچىلىق قانچە مۈشكۈل، مۇرەككەپ بولغانسېرى، قانۇنچىللىقنىڭ رولىنى شۇنچە تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق «ئاساسنى پۇختىلاش» «كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئۇزاق كەلگۈسىگە پايدىلىق بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

قانۇننى پىروگرامما قىلىپ، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىپ، ياخشى ئىدارە قىلىش.

«ئومۇمەن مۇھىم، زور ئىسلاھاتلارنىڭ ھەممىسىدە قانۇن ئاساسى بولۇشى كېرەك.»

«سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ماھىيەتتە قانۇنچىللىق ئىگىلىكى.»

«قانۇنچىللىق ئەڭ ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى».

توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاش داۋامىدا يېڭى مەنزىل ئېچىش، خەۋپ - خەتەر خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى دۇنيا قانۇنچىللىق مەدەنىيلىكى ئۈچۈن جۇڭگو تەجرىبىسى ۋە جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىنى تەقدىم قىلدى.

يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ قانۇنچىللىق ئېتىقادى كۈنسېرى مۇستەھكەملىنىپ، ھەيۋەتلىك، كۈچلۈك قانۇنچىللىق كۈچى مۇجەسسەملەنمەكتە. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار ئىشنىڭ ئاساسىنى پۇختىلىدى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.