شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى
جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك
لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتناشتى ۋاڭ خۇنىڭ سۆز قىلدى
11 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە، مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى ئورنىتىش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇش باش نىشانىنى چۆرىدەپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، قانۇنچىللىق يولىدا دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، بايانى چوڭقۇر، لوگىكىسى پۇختا، سىستېمىسى مۇكەممەل بولۇپ، ئۇنىڭدا تارىخ بىلەن رېئاللىقنى تۇتاشتۇرۇش، خەلقئارا بىلەن دۆلەت ئىچىنى باغلاش، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش جەھەتتىن يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى نېمە ئۈچۈن يولغا قويۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى قانداق يولغا قويۇش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلدى. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش دەۋر تەلىپىگە ماسلىشىپ ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلگەن مۇھىم، زور نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى، ماركسىزملىق قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ مىزانى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي روھىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، خىزمەت تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى. ۋاڭ خۇنىڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى.
شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىز ئەزەلدىن قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئۇنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ كۈچلۈك ئالغا سىلجىتتى. پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا مەخسۇس تەتقىق قىلىنىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدا قارار چىقىرىلدى. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدا يەنە بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشىغا، تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىدە مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.
شى جىنپىڭ ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر توغرىسىدا 11 جەھەتتىكى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى. خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى مۇھىتى قانچىكى مۇرەككەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى قانچىكى ئېغىر بولغانسېرى، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ۋاسىتىسىدىن شۇنچە پايدىلىنىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ كەڭ، ئەڭ چوڭقۇر ئاساسى خەلق، جەزمەن خەلقنى كۆزلەش، خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. خەلق مەنپەئىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ مەقسىتى خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش. خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى تەلىپى، يېڭى ئارزۇسىغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ پىلانلاپ ۋە ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خۇرام ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولى ماھىيەتتە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى كونكرېت ئىپادىسى. ھەم مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىدىن پايدىلىنىپ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا دۇچ كەلگەن چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك؛ ھەم ئۇزاق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، قانۇنچىللىق ئاساسىنى پۇختىلاپ، قانۇنچىللىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، قانۇنچىللىق كۈچىنى توپلاپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈملەرنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۇزاق مۇددەتلىك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى قانۇن مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئۆزىگە ماس كېلىدىغان قانۇنچىللىق يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، چەت ئەل قانۇنچىللىقىدىكى پايدىلىق نەتىجىلەرنى ئۆرنەك ئېلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قانۇنچىللىق ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى تۈزىدۇ، خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى يولغا قويىدۇ، پارتىيە ئۆزى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار دائىرىسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى كېرەك. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق، بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە قوراللىق كۈچلەر، ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەر ۋە ھەرقايسى جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، ھەرقايسى كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى جەزمەن ئاساسىي قانۇننى تۈپ پائالىيەت مىزانى قىلىشى، ھەممىسى ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداش، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىدا تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇشنى، ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىلىقىدىكى دۆلەت تۈزۈلمىسى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدىكى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدە تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قانۇنچىللىق يولىدا دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. قانۇنچىللىق دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ مۇھىم تايانچى. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلغاندىلا، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ سىستېمىلىقلىقى، قېلىپلىشىشى، ماسلىشىشچانلىقىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلغىلى، جەمئىيەت ئورتاق تونۇشىنى ئەڭ زور چەكتە مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ. ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ئەمەلىيىتىدە، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، بىز قانۇنچىللىققا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇنچىللىقنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى مۇستەھكەملەش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۇزاق كەلگۈسىگە پايدىلىق بولۇشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن بويىچە ئېغىر، زور خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرلەرگە تاقابىل تۇرۇش، ئېغىر، زور توسالغۇلارنى يېڭىش، ئېغىر، زور زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى باش تۇتقا. مۇكەممەل بولغان قانۇن - قائىدە سىستېمىسى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان قانۇنچىللىقنى يولغا قويۇش سىستېمىسى، پۇختا بولغان قانۇنچىللىق نازارەت سىستېمىسى، كۈچلۈك بولغان قانۇنچىللىق كاپالەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، مۇكەممەل بولغان پارتىيە ئىچىدىكى نىزام سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ بىر - بىرىنى تولۇقلىشى، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ياخشى ماسلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئاممىۋى سەھىيە، بىيو بىخەتەرلىك، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇنچىللىق قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردە قانۇن چىقىرىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىشتا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان قانۇن - تۈزۈملەرنى، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا ھازىرلاشقا تېگىشلىك قانۇن - تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ياخشى قانۇن ئارقىلىق ياخشى ئىدارە قىلىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشتا، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىر سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، پۈتۈن گەۋدە بويىچە پىلانلاپ، سىستېمىلىقلىق، بىر پۈتۈنلۈك، ماسلىشىشچانلىققا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق ۋەزىپە ۋە ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق مەمۇرىي ھوقۇققا قائىدە بەلگىلەپ، چەك - چېگرا بەلگىلەپ، مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئادىل، مەدەنىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدە قاراتمىلىق ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىققا كۈچ سەرپ قىلىش، بولۇپمۇ ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇنچىللىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، بارلىق پۇقرالارنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭى ۋە قانۇنچىللىق ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك قانۇن - تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. ئادىللىق، ھەققانىيلىق قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ روھى ۋە جېنى. قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈشكە چەك قويۇش - نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنىڭ قانۇنچىللىق كاپالەت تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدىن ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. قېلىپلاشقان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان چەك قويۇش - نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەر ۋە ئۇلارنىڭ «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»گە قەتئىي زەربە بېرىپ، شەھەر - يېزىلارنى تېخىمۇ تىنچ، ئاممىنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەت ئىچىدىكى قانۇنچىللىق بىلەن چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇنچىللىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇنچىللىق خىزمىتى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىدارە قىلىش بىلەن خەلقئارا ئىدارە قىلىشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش كېرەك. قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق شەكلىدىن پايدىلىنىپ، ئۈنۈملۈك ھالدا خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ كۈرەشنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە يادرولۇق مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولغان يۇقىرى ساپالىق قانۇنچىللىق خىزمىتى قوشۇنى قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق ئىدىيەسى تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قانۇنچىللىق مەخسۇس قوشۇنىنىڭ ئىنقىلابىيلىشىشى، مۇنتىزىملىشىشى، كەسىپلىشىشى، كەسپىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، دۆلەتكە سادىق بولۇش، خەلققە سادىق بولۇش، قانۇنغا سادىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قانۇن مۇلازىمىتى خىزمەتچىلىرىنى توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە سەمىمىي ھالدا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ، جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىق»لارنى چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن قانۇنچىللىققا ھۆرمەت قىلىپ، قانۇندىن ئەيمىنىپ، قانۇننى چۈشىنىپ، قانۇننى ئىگىلەپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىدىن پايدىلىنىپ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش ۋە تۈگىتىش، مۇقىملىقنى قوغداش، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ھەقىقىي تۈردە جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇپ، جەزمەن ئىلمىي نەزەرىيەنى يېتەكچى قىلىپ، نەزەرىيەۋى تەپەككۇرنى كۈچەيتىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش جەھەتتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئىدىيەۋى نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى ياخشى يەكۈنلەپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.
لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق ئىدىيەسى سىستېمىلىق شەرھلىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدىكى بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بېرىلىپ، ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىگە قارىتا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، نەزەرىيەۋىلىككە ئىگە بولۇپ، يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يىغىن روھىنى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ پىكىر يولى، تەدبىرىگە ئايلاندۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك.
ۋاڭ خۇنىڭ خۇلاسە سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، نەزەر دائىرىسى چوڭ ۋە كەڭ، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، روشەن سىياسىي يۆنىلىش، كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق، سەمىمىي خەلقچىل ھېسسىيات نامايان قىلىنغان، ئۇ يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك دەل جايىدا ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ سىياسىي يۆنىلىشى، مۇھىم ئورنى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى، مۇھىم، زور مۇناسىۋىتى، مۇھىم كاپالىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىدىكى مەسئۇل يولداشلار، بېيجىڭ، شاڭخەي، جېجياڭ، گۇاڭدۇڭدىن ئىبارەت تۆت ئۆلكە، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ئۆلكە(شەھەر)نى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرلىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، شەھەرلىك ۋە پىلانى ئايرىم شەھەرلىك، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، شەھەر، بىڭتۇەن)نى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.