تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شى جىنپىڭ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

خەن جېڭ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

11- ئاينىڭ 14 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرىدە چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنجىڭ، 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرىدە چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ، رايونلار ماس تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئۈلگىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىپ، تاغ، سۇ، ئادەم، شەھەر ئىناق ئۆتۈش، ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى دۆلىتىمىزدىكى ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرىدىغان ئاساسىي تومۇرغا، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئاساسىي قوشۇنغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ جياڭسۇدىكى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن مەخسۇس بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتى. سۆھبەت يىغىنىدا، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خۇاڭ رۈنچيۇ، سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئې جىڭپىڭ، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خەن چاڭفۇ، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لوۋ چىنجيەن، جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ چى، سىچۇەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى پېڭ چىڭخۇا قاتارلىق يەتتە يولداش ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، خىزمەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان باشقا ئۆلكە، شەھەرلەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يازما سۆز تاپشۇردى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دەريا بويىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەر ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈردى، سالمىقىنىڭ زورلۇقى، كۆلىمىنىڭ كەڭلىكى، تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى مىسلىسىز بولدى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشتا بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش يۈزبەردى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولدى، قۇرۇلمىسى ئەلالاشتى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، تەرەققىيات داۋامىدا قوغداش، قوغداش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشقا ئاشتى. بولۇپمۇ بۇ يىلدىن بۇيان، دەريا بويىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەر تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ياخشى ئىشلەپ، ئېغىر، زور كەلكۈن ئاپىتىنىڭ تەسىرى ۋە تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن زەربىنى ئۈنۈملۈك يېڭىپ، دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن يەر شارىدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئارىسىدا ئىقتىسادنىڭ مۇسبەت ئېشىشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيە. بۇ قېتىمقى 5 - ئومۇمىي يىغىننىڭ تەكلىپىدە بۇ ھەقتە ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى دەريا بويىدىكى 11 ئۆلكە، شەھەرنى قاپلايدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ شەرقى، ئوتتۇرا قىسمى، غەربىدىكى ئۈچ چوڭ بۆلەكنى تۇتاشتۇرىدۇ، نوپۇس كۆلىمى ۋە ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ «يېرىمى»نى ئىگىلەيدۇ، ئېكولوگىيەلىك ئورنى گەۋدىلىك، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىستېمىسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ۋە ئېقىن رايونىنىڭ سىستېمىلىقلىقىنى چىقىش قىلىپ، تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاپ مەنبەدىن تەكشۈرۈپ، سىستېمىلىق داۋالاپ، باش ئاغرىسا باشنىلا داۋالاش، پۇت ئاغرىسا پۇتنىلا داۋالاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. مەسىلىنىڭ مەنبەسىنى تېپىپ چىقىپ، مەنبەدىن باشلاپ سىستېمىلىق ھالدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قوغداشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ماسلىشىش، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى كۈچەيتىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق قاتارلىق ھەر خىل ئېكولوگىيە مۇھىم ئامىللىرىنى ماس تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىن رايونلىرىنىڭ ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولۇشى، ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ باغلىنىشچانلىقى ۋە بىرىكىشچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش بىلەن بىللە، ئۇنىۋېرسال تۈزەشنىڭ سىستېمىلىقلىقى ۋە بىر پۈتۈنلۈكلۈكىنى كۈچەيتىپ، يا يېنىك، يا ئېغىر بولۇپ كېتىش، يەككە بۆسۈپ كىرىش، ئۇنى دەپ بۇنىڭدىن قۇرۇق قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قاتتىق قوغداش ئالدىنقى شەرتىدە، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تېز تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان يېشىل تەرەققىيات ئۈلگە بەلبېغى قۇرۇش كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، ئۇنىۋېرسال تۈزەش يېڭى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سۇ مۇھىتى، سۇ ئېكولوگىيەسى، سۇ بايلىقى، سۇ بىخەتەرلىكى، سۇ مەدەنىيىتى ۋە قىرغاق لىنىيەسى قاتارلىق كۆپ تەرەپنىڭ ئورگانىك ئالاقىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئويلىشىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنى، دەريا، كۆل، سۇ ئامبىرى، ئوڭ - سول قىرغاق، غول، تارماق ئېقىننى ماس تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە سۇ رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەسىنى ياخشىلاپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە تۇراقلىقلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ۋە پاسسىپ تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مۇھىت بۇلغىنىشىنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، چاڭجياڭ دەرياسى ئېكولوگىيەسىنىڭ ئەسلىي چىنلىقى ۋە مۇكەممەللىكىنى ساقلاش كېرەك. ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى تېزدىن ئورنىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مۇۋاپىق نەتىجىگە ئېرىشتۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا مۇناسىپ بەدەل تۆلەتكۈزۈش كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زىيىنىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش، ئاپەت زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش، جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دەريا يوللىرىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ۋە توسمىلارنى مۇستەھكەملەشنى ئالغا سىلجىتىپ، تىنچ چاڭجياڭ دەرياسى قۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەت ئىچى چوڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە ئۆز - ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى چوڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا پايدىلىق ئۈنۈملۈك يول ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ئېھتىياج ئارقىلىق يېتەكلەش بىلەن تەمىنلەش، ئىجاد قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىننىڭ ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، ئۇل ئەسلىھە، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۆۋەن ئېقىن رايونىنىڭ مەبلەغ، تېخنىكا، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلىرىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى ئېقىن رايونلىرىغا تەرتىپلىك يۆتكىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، كەسىپ زەنجىرىدىكى ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى ساقلاپ قېلىش كېرەك. ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەركىزىي شەھەر بىلەن رايون تەرەققىياتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شەھەرلەرنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، زەي چىقىرىۋېتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئۆستۈرۈپ، ئۇنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. خەلقنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش سېلىنمىسىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قولايلىق بولۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق بېيىشقا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىرلىككە كەلگەن، ئېچىۋېتىلگەن، تەرتىپلىك تىرانسپورت بازىرى بەرپا قىلىپ، تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەڭشەپ، تىرانسپورتنى تەشكىللەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك. دېڭىز بويى، دەريا بويى، چېگرا بويى ۋە ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىشنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئېگىزلىكىنى تېزدىن يېتىلدۈرۈپ، چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك كىرگۈزۈش بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك چىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سودىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تاشقى مەبلەغدىن تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتتە پايدىلىنىش كېرەك. قائىدە، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىش كېرەك. ئېچىۋېتىش بىلەن بىخەتەرلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئېچىۋېتىش بىخەتەرلىك تورىنى زىچ، پۇختا توقۇش كېرەك. دەريا بويىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەر دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدە ئۆز ئورنىنى دەل جايىدا تېپىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پۈتۈن يەر شارىغا بازارنى ئېچىۋېتىشى كېرەك. چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىدىكى «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مەبلەغ سېلىش ۋە سودىنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەسىپ ئاساسىنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش، كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ ئاساسىنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش، كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنىڭ ئومۇمىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئومۇميۈزلۈك يارىتىش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، رايون ھالقىپ بىرلىكتە ھەمكارلىشىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزم ئورنىتىپ، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى چىڭ تۇتۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا تېزدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئاچقۇچلۇق ھالقا، ئاچقۇچلۇق ساھە، ئاچقۇچلۇق مەھسۇلاتلارغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى ۋە ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك دۆلەت تەجرىبىخانىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىلغار ياسىمىچىلىق توپىنى بەرپا قىلىپ، ئۆز ئالدىغا تىزگىنلىگىلى بولىدىغان، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەم پۈتۈن مەملىكەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى بەرپا قىلىش كېرەك. تۈرلۈك سۇبيېكتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، مۇھىم ئامىللارنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشىنى چەكلەيدىغان تۈزۈم توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: چاڭجياڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسى باشۇدىكى تاغ - دەريالاردىن جياڭنەندىكى سۇ يۇرتىغىچە بولغان 1000 يىللىق مەدەنىيەت تومۇرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن، ئۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك بەلگىسى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك سىمۋولى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىم مەنبەسى. چاڭجياڭ مەدەنىيىتىنى ياخشى قوغداپ، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك. چاڭجياڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى قوغداپ، چاڭجياڭ مەدەنىيىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئىجادىي ئايلىنىشى، ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. چاڭجياڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، تاغ - دەريا مەدەنىيىتىنى شەھەر - يېزا تەرەققىياتى بىلەن يۇغۇرۇپ، يەرلىك خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «مىكرو ئۆزگەرتىش»تىن ئىبارەت «كەشتە تىكىش» ماھارىتىنى تېخىمۇ كۆپ قوللىنىپ، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتتىكى رەھبىرىي يولداشلار، بولۇپمۇ پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، تاش - تۆمۈردە ئىز قالدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇشى، ياخشى تۇتۇشى، نەتىجە - ئۈنۈم يارىتىشى كېرەك. ھازىر چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا، ئاغرىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى توغرا تېپىپ، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. مەركەز كارخانىلىرى، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال قاتنىشىپ، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچى قاتارلىق جەھەتلەردىكى سېلىنمىنى زورايتىپ، پۈتۈن جەمئىيەت چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. تارىخىي سەۋرچانلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە تۈزۈپ چىقىپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ ئىشلەپ، سۈزۈك دەريا سۈيىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئېقىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

خەن جېڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەرەققىياتنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭدۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا ياخشى ئۈلگە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەيتىپ، بولۇپمۇ چاڭجياڭ دەرياسىدا «بېلىق تۇتۇشنى ئون يىل چەكلەش»نى ياخشى تۇتۇپ، چاڭجياڭ دەرياسى سۇ جانلىقلىرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. رايونلارنىڭ ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى كۈچەيتىپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئەلالاشتۇرۇپ، بۇلغاش تىپىدىكى كەسىپلەر، كارخانىلارنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا ئېقىن رايونلىرىغا يۆتكىلىشىنى قاتتىق چەكلەش كېرەك. ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، غول لىنىيە سۇ يولىنىڭ قاتناش ئىقتىدارىنى سىستېمىلىق ئۆستۈرۈپ، تۆمۈريول، تاشيول، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت تورىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ھەر تەرەپلىمە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر سىڭىشىپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنىڭ بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، چېن شى، شياۋ جيې سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار ئۆلكە، شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.