تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

چېن چۈەنگو دوكلات بەردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو لېكسىيە دوكلاتى بەردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر دوكلات بېرىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

چېن چۈەنگو لېكسىيە دوكلاتىدا دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، پايدىلىق شارائىت ۋە مۇھىم ئالاھىدىلىكنى چوڭقۇر تونۇش، 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان ۋە «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى فاڭجېنى، مۇھىم نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرى ۋە نۇقتىلىق كۈچەش نۇقتىسىنى مەھكەم ئىگىلەش، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش قاتارلىق تەرەپلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىلمىي، سىستېمىلىق، چوڭقۇر، چۈشىنىشلىك شەرھلىدى، چۈشەندۈردى.

چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتقاندا ئېچىلغان بىر قېتىملىق پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىن. ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىل ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىلدىكى دۆلىتىمىز ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىدە بىريۈرۈش يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، نۇرغۇن يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى تەلەپلەرنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلمىي كۆرسەتمە ۋە تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «14 - بەش يىل» مەزگىلى دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىدىغان تۇنجى بەش يىل، دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. تارىخ ۋە رېئاللىق، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت نۇقتىسىدىن يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، مەسىلىلەرگە ئەتراپلىق، دىيالېكتىكىلىق، يىراق كەلگۈسىنى كۆرىدىغان نەزەر بىلەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇرسەت ئېڭى، خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، شامالغا قارشى كېمە ھەيدەشكە جۈرئەت قىلىپ، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: «تەكلىپ»تە «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇش، داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش كۆزلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش نىشان - تەلىپى ئىگىلىنىپ، 2035 - يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش كەلگۈسى نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇش پىرىنسىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يېڭى قەدەم تاشلاش، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى يېڭى يۈكسىلىشكە ئىگە قىلىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى يېڭى يۈكسىلىشكە ئىگە قىلىشتەك ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان بېكىتىلدى، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر 12 تەرەپتىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بىريۈرۈش مۇھىم، زور تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ئۇنى مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى، مۇھىتى، شارائىت ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، بولۇپمۇ دۆلىتىمىزنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىك ئۆزگىرىشى ئاساسىدا، ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر، پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك سىستېما خاراكتېرلىك، چوڭقۇر قاتلاملىق ئۆزگىرىش، مەۋقە ھازىرغا قويۇلغان، يىراق كەلگۈسى كۆزلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك پىلان. پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدىن يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنى توغرا ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەم ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، ھەم خىزمەتنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئىگىلەپ، مۇكەممەل ئىچكى ئېھتىياج سىستېمىسىنى تېزدىن يېتىشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تېزلىتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەر تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ تۆۋەن چەكنى چىڭ ساقلاش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى تولۇق قوزغاپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى كەڭ كۆلەمدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تۈپ كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا زور كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

لېكسىيە دوكلاتى يىغىنىدىن كېيىن، چېن چۈەنگو دوكلات يىغىنىغا قاتناشقان مۇتەخەسسىس، ئالىملار، ياش ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن نەق مەيداندا ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئورتاق ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش تەسىراتىنى ئورتاقلاشتى. چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

دوكلات بېرىش يىغىنى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە(شەھەر، رايون)لەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوندىكى مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دەم ئېلىشقا چىققان، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋەكىللىرى، ياش ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.