تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن سۆھبەتلەشتى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى يۈ شۆجۈن، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايون دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن قەشقەردە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ شۆجۈن يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ مىڭشەن، مەڭلىك سىيىت، ليۇ سۇشې، ياڭ يۇڭ، ما گوۋېي، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

يۈ شۆجۈن سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭدا بۇ قېتىم قىسمەن دائىرىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىلىي رەھبەرلىكى كۈچلۈك، بىر تەرەپ قىلىپ ئىنكاس قايتۇرۇشى تېز، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى دەل جايىدا، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى تەشەببۇسكار بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا پۇختا ئاساس سالدى. دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما، كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر بىلەن بىر نىيەت، بىر يۆنىلىشتە بولۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك، پۇختا ئالغا سىلجىتتى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇش، يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، سىگنال بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ كەنت - بازار(مەھەللە) ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش قاتارلىق ھالقىلارنىڭ ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى قەتئىي ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك؛ قاتتىق، ئەتراپلىق تەدبىر قوللىنىپ، دوختۇرخانا ئىچىدە گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش يۈزبېرىشنى قەتئىي توسۇش كېرەك؛ مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىدا قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ۋە ساغلاملىقنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى پۇختا ياخشى قىلىپ، ئاچقۇچلۇق ئورۇن، نۇقتىلىق سورۇن ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىدا دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك؛ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققان خادىملارنى پۈتۈن جەريانلىق، پۈتۈن زەنجىرلىك يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆستۈرۈپ، دائىملاشقان كۆزىتىپ ئۆلچەشنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋاقتىدا بايقاش، تېز بىر تەرەپ قىلىش، دەل جايىدا باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش ئومۇمىي تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى ۋە قوللىشى، ياردىمىدە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، «تۆت بالدۇر» تەدبىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت تەرەپ مەسئۇلىيىتى»نى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، خىزمەتنىڭ قاراتمىلىقى، دەل جايىدىلىقى، ئۈنۈملۈكلۈكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتىش كېرەك. نۇقتىلىق ئورۇن، نۇقتىلىق كىشىلەر توپى ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر، ئىنچىكە قانات يايدۇرۇپ، مەۋجۇت بولۇش ئېھتىمالى بولغان تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك؛ تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ۋە ساغلاملىقنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ ئاغرىقلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى ۋە زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، ئويلاۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىش كېرەك؛ ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.