تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈش يېڭى مۇساپىنى باشلاش

− پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىش پەيتىدە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ئەن بېي، چېن ۋېيۋېي، گاۋ جىڭ، شېن چېڭ

ئالتۇن كۈزدىكى بېيجىڭ يەنە بىر قېتىم پۈتۈن يەر شارىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

10 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ.

بۇ، ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك ئەڭ ئېسىل پەيت −

مۇھىم قارالما بولۇش سۈپىتىدە، يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان يىراق كەلگۈسى نىشانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى قاراپ چىقىلىپ، كەلگۈسى بەش يىلدىكى، ھەتتا 15 يىلدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ چىقىلىدۇ.

بۇ، كەلگۈسىگە ئىنتىلىشتىكى مۇھىم ئابىدە −

«13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەر غەلىبىلىك تاماملىنىش ئالدىدا تۇرغان پەيتتە، جۇڭگو «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلايدۇ، قەدەمنى ياخشى ئالىدۇ.

100 يىللىق كېسىشىش، پىلان تۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلىشى ۋە قويۇپ بېرىلىدىغان سىگنال جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىشەنچ بېغىشلايدۇ.

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش

جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرىنىڭ شىنجيەن رايونى ليەنشۈ بازىرى شياشاتوۋ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ۋۇ خۇاشەن پوياڭخۇ كۆلىدە 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بېلىق تۇتقاندىن كېيىن، «قىرغاققا چىقىپ» كەسىپ ئالماشتۇردى. بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، چاڭجياڭ دەرياسىدا بېلىق تۇتۇش چەكلەندى. ۋۇ خۇاشەنگە ئوخشاش كەسىپ ئالماشتۇرغان بېلىقچىلار 200 مىڭدىن ئاشىدۇ.

پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك پىلان تۈزۈش، ئەۋلادلارغا نەپ يەتكۈزۈشنى كۆزلەش.

2016 - يىلى 1 - ئايدا، «13 - بەش يىل» ئەمدىلا باشلىنىشى بىلەن، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنى چۇڭچىڭدا ئېچىلدى. كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش بىلەن شۇغۇلانماسلىق، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىياتىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى.

«خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار پىلان قىلىش كېرەك»، 2020 - يىلى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ، «خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى پىروگراممىسى»غا قاراپ چىقتى، بۇ مۇھىم، زور دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تېزلىتىلدى.

ئىدىيە ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق سەھىپە پۈتۈش.

بەش يىلدىن بۇيان، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، تەرەققىيات ئەۋزەللىكى ئاشۇرۇلدى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئومۇميۈزلۈك باشلاندى −

ئىجادىي بولۇش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى، ماس بولۇش ئىچكى ئالاھىدىلىككە ئايلاندى، يېشىل بولۇش ئومۇمىي ھالەتكە ئايلاندى، ئوچۇق بولۇش مۇقەررەر يولغا ئايلاندى، ھەمبەھرە بولۇش تۈپ مەقسەتكە ئايلاندى.

بەش يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، تەرەققىيات ئىستىقبالى تېخىمۇ كېڭەيتىلدى −

ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 100 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلگە يېقىنلاشتى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP ئون مىڭ دوللارلىق پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتا ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؛ «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر ئومۇمىي جەھەتتىن قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەر ۋە 165 تۈرلۈك مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم كۆرۈلدى، جۇڭگو ئىجادىيىتى، جۇڭگو ياسىمىچىلىقى، جۇڭگو قۇرۇلۇشى دۇنيانى ھەيران قالدۇردى؛ دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپى ۋە 100 مىليونلىغان بازار سۇبيېكتىغا ئىگە بولۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى...

جۇڭگو تارىخنىڭ مۇھىم ئۆتكىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، پۇرسەت مىسلىسىز، خىرىسمۇ مىسلىسىز.

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى قارشى ئېقىمغا ئۇچرىدى، دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى؛

جۇڭگو جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى تەلەپلەرنى ئېلىپ كەلدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات «ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈش»نى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە.

ھەرقانداق ئىشتا تەييارلىق پۇختا بولسا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ، تەييارلىق پۇختا بولمىسا مەغلۇپ بولىدۇ.

خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى مۇھىم شەكىل، جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشىدىكى مۇھىم «مەخپىي نومۇر».

«13 - بەش يىل»دىكى تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى دەل جايىدا كۆزىتىپ، تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى «14 - بەش يىل»دىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىش بەلگىلەيدۇ.

مەۋقە ھازىرغا قويۇلۇپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىنىپ، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملىنىپ، دۆلەت جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەندى −

باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈرۈشلۈك سۆھبەت يىغىنلىرىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بولغان پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى بىۋاسىتە ئاڭلىدى؛ «14 - بەش يىل»دىكى تەرەققىياتنى پىلانلاش ئۈچۈن، ئۇ كۆپ قېتىم جايلارغا بېرىپ تەكشۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. مەركەز يەنە تۇنجى قېتىم ئالاقە تورى ئارقىلىق «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش توغرىسىدا پۈتۈن جەمئىيەتتىن پىكىر ۋە تەكلىپ ئالدى.

«يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىش بىلەن خەلقتىن ئەقىل سوراشتا چىڭ تۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنى تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن ئەقىل - چارە كۆرسىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، <14 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلان تۈزۈشنىڭ خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىشىگە، خەلقنىڭ ئويلىغانلىرىغا ۋە ئۈمىدىگە ماس كېلىشىگە تۈرتكە بولۇش زۆرۈر.» دەپ سەمىمىي تاپىلىدى باش شۇجى.

يىراق كەلگۈسىگە نەزەر سالغاندا، كەلگۈسىدىكى جۇڭگونىڭ ئالدىن كۆرەرلىك، ئىستراتېگىيەلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك تەپەككۇرى تەدرىجىي ئايدىڭلاشتى، يۆنىلىشى تېخىمۇ ئېنىق بولدى −

جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش شەرت؛

جەزمەن خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش شەرت؛

جەزمەن يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات شەكلىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش شەرت؛

جەزمەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولغان، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشقا پايدىلىق بولغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇھىم، زور تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش شەرت؛

جەزمەن سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچەپ ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش شەرت...

«ئىككى 100 يىل»لىق تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا، «14 - بەش يىل»لىق يۆگىمە رەسىم پات ئارىدا يېيىلىدۇ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ھارارەتكە ئىگە بولغان، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان تەرەققىيات مەنزىرىسى ناھايىتى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ.

شامالنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش

0.7%!

ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدىكى ئېشىش سۈرئىتىدە مۇسبەتكە ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە ئالدى بىلەن قايتا جانلانغان.

خەۋپ - خەتەر، خىرىس ئالدىدا، جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە بىردەك دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭدى، جۇڭگو ئىقتىسادى قۇدرەتلىك ئېلاستىكلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بۇ يىل يەر شارىۋى ئىقتىسادنىڭ %4.4 چېكىنىدىغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ يەر شارىدىكى مۇسبەت ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان بىردىنبىر ئاساسىي ئىقتىسادىي گەۋدە بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.

جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، شامالنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەش.

10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنى خۇلاسىلەش، باھالاش دوكلاتىنى ئاڭلاپ، «14 - بەش يىل»دىكى تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە ۋەزىيىتىگە ئىلمىي ھۆكۈم قىلدى.

«دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى تەلەپنى چوڭقۇر تونۇش»؛

«چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ئېلىپ كەلگەن يېڭى زىددىيەت، يېڭى خىرىسلارنى چوڭقۇر تونۇش»؛

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىدىغانلىقىدەك مۇھىم، زور ھۆكۈمنى چوڭقۇر تونۇش»؛

......

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىشتا، جۇڭگونىڭ يۆنىلىشى ئېنىق، قەدىمى مەزمۇت بولدى.

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بارلىققا كەلتۈرۈلۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا تايىنىدىغان ماھىيەتلىك ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى −

بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقالدى، ئېكراندىكى «باشلاش» كۇنۇپكىسى بېسىلدى، ئاپتوموبىل ئاستا - ئاستا قوزغىلىپ، پىيادىلەر ياكى توسالغۇلارغا ئاپتوماتىك يول بەردى... يېقىندا، بەيدۇ بېيجىڭدا ئاپتوماتىك تاكسى ھەيدەشنى ھېس قىلىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى. 5G دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، شوپۇرسىز ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىل «بارغانسېرى يېقىنلاپ كەلمەكتە».

بۈگۈنكى دۇنيادا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىدە تېز ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ پەن - تېخنىكىغا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولماقتا، يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەيتىشكە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولماقتا.

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى ياخشىلاپ، مۇھىم ساھەلەردىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىشتە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش... تىپى ئۆزگەرتىلىپ، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن جۇڭگو ئىقتىسادى خۇددى تاشنى دومىلىتىپ تاغقا چىقىرىشقا، داۋان ئېشىپ ئۆتكەللەردىن ئۆتۈشكە ئوخشايدۇ. يېڭىلىق يارىتىش ئۆتكەلدىن ھالقىپ ئۆتۈشتىكى كۈچلۈك موتور.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىيە باشلىقى بەي چۇنلى مۇنداق دېدى: «14 - بەش يىل»دا ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق بىر مەزگىللىك تىرىشىش ئارقىلىق، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ باشلامچىلىق بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تىرەك قىلىش ئارقىلىق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى قوزغىتىلىپ، تېخىمۇ زور جاسارەت، تېخىمۇ كۆپ تەدبىر ئارقىلىق چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرى تۈگىتىلدى −

نەنخەي دېڭىزى ساھىلىدا باھار دولقۇنى مەۋج ئۇردى.

ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى پەيتىدە، مەركەز شېنجېننىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، تىزىملىك بويىچە تۈركۈملەپ ھوقۇق بېرىش شەكلى ئارقىلىق شېنجېنغا مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا تېخىمۇ كۆپ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقى بەردى، 27 ئىسلاھات تەدبىرى ۋە تۇنجى تۈركۈمدە ھوقۇق بېرىلگەن 40 ئىش تۈرىنى بىراقلا ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ ئىسلاھات «ۋەزىپەنامىسى» يېڭى دەۋردە شېنجېننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشقا قايتا ئاتلىنىشىنىڭ بۇرغىسىنى ياڭراتتى.

سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇزاققىچە مۇقىم، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان تۈزۈم مۇھىتى يارىتىش؛ يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى ئورنىتىپ، ئادىل رىقابەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش...

ئىسلاھات يەنە يېڭى تارىخىي پەيتكە كەلدى. ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان نۇرغۇن يېڭى مەسىلە ئالدىدا، جەزمەن تېخىمۇ زور سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل - پاراسەت بىلەن، بوران - چاپقۇنمۇ توسىيالمايدىغان باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك.

يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكى بەرپا قىلىنىپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھات ئىلگىرى سۈرۈلدى، تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈلدى −

چوڭ تىپتىكى رەقەملىك كونترول قىلىنىدىغان ئىستانوك، ئۆي جاھازلىرى، بېزەك بۇيۇملار، نەپىس خىرۇستال قاچا - قۇچىلار... تۈركۈم - تۈركۈم كۆرگەزمە بۇيۇملىرى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، شاڭخەي خۇڭچياۋدىكى دۆلەت يىغىن، كۆرگەزمە مەركىزىگە قاراپ «ئاتلاندى». 11 - ئاينىڭ بېشىدا، 3 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى بۇ يەردە ئېچىلىدۇ.

2020 - يىللىق مۇلازىمەت - سودا يەرمەنكىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، ئىككى نۆۋەتلىك گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى «بۇلۇت تېرمىنالى»غا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىرىلدى، 3 - نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسى قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ... ئۈچ چوڭ خەلقئارا كۆرگەزمە، يەرمەنكىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن ئېچىلىشى جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈردى.

«بىز ھەرگىز ئىشىكنى تاقىۋېلىپ قۇرۇلۇش قىلمايمىز، بەلكى تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىۋېتىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىمىز» دېدى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ يىمىڭ.

ئېچىۋېتىش داۋامىدا دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان ئالاقە قويۇقلاشتى، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش داۋامىدا تېخىمۇ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى يەنە دۇنيا ئىقتىسادىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، داۋاملىق يېڭى تەرەققىيات مۆجىزىسى يارىتىش

6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، «سىچۇەن يېزا - كەنت يولۇچىلار تىرانسپورتى» دېگەن بەلگە قويۇلغان بىر مىنىبۇس تونېلدىن ئۆتۈپ، پولات كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ، سىچۇەن لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بۇتو ناھىيەسىنىڭ ئابۇلوخا كەنتىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان ئەمىن ئولتۇراق رايونىغا كىردى.

جۇڭگودىكى ئەڭ ئاخىرقى قاتتىقلاشتۇرۇلغان يولنى تۇتاشتۇرۇش شارائىتىنى ھازىرلىغان ئىشتاتلىق كەنتكە رەسمىي ئاپتوموبىل قاتنىدى!

ئابۇلوخا كەنتى جىنشاجياڭ چوڭ جىلغىسىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، يىزۇ تىلىدا «ئېگىز تاغ ئىچىدىكى چوڭقۇر جىلغا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئىلگىرى، كەنت ئاھالىلىرى كەنتتىن چىقىش ئۈچۈن ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق مېڭىشقا توغرا كېلەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ئون نەچچە مىنۇتتا كەنتتىن چىقالايدۇ، ئىككى سائەتتە ناھىيە بازىرىغا يېتىپ بارالايدۇ.

بىر تاشيول كىچىك كەنت بىلەن شەھەرنى تۇتاشتۇرۇپ، نامراتلىق بىلەن باياشاتلىقنى، موھتاجلىق بىلەن ئۈمىدنى تۇتاشتۇردى.

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، 100 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈش ئالدىدا تۇرغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە باشلامچىلىق قىلىپ يەنە شانلىق نەتىجە يارىتىدۇ − 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسى بار تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت مۇتلەق نامراتلىق بىلەن تارىخىي خاراكتېرلىك خوشلىشىپ، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلىققا قارشى تۇرۇش تارىخىدىكى ئۇلۇغ مۆجىزىنى يارىتىدۇ.

«ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، كۆپ تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. نامرات رايونلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، ئەمگەك ئىقتىدارى بار تۆۋەن كىرىملىك نوپۇسنى تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىشنى پەيدىنپەي ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا قاراپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك».

باش شۇجى شى جىنپىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەر ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىش. بۇ يىلدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە يىلدا «خەلق» دېگەن سۆزنىڭ ۋەزنى تېخىمۇ نامايان قىلىندى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يامرىغان مەزگىلدە، تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا 30 نەچچە سائەت بولغان بوۋاقتىن 100 نەچچە ياشلىق ياشانغان كىشىگىچە، ھەربىر ئادەمنىڭ ھاياتى، قىممىتى ۋە ئىززەت - ھۆرمىتى كۆڭۈل قويۇپ قوغدالدى.

مەھەللىدە نۆۋەتچىلىك قىلىشتىن تارتىپ ئائىلىدە ئايرىۋېتىلىشكىچە؛ 40 مىڭدىن ئارتۇق دوختۇر - سېسترا خۇبېيغا تېز بېرىپ ياردەم بېرىشتىن تارتىپ يۇقۇمدىن ئىبارەت چوڭ سىناق ئالدىدا ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىش، نۇقتىلىق ساھەلەرنى تەرتىپلىك يۈرۈشتۈرۈشكىچە، خەلقنىڭ كۈچى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىندى.

ئوخشاش بولمىغان تارىخىي يۆنىلىشتە، تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئوخشاش بولمايدۇ.

جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى يېڭى دەۋر تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى بەلگىلىدى −

قانداق قىلغاندا ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەربىر ئادەمنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سەھىيە - ساغلاملىق مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلغىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تاغلىرى يېشىللىققا پۈركەنگەن، سۈزۈك سۇلىرى ئېقىپ تۇرىدىغان، ھاۋاسى دائىم ساپ بولغان گۈزەل جۇڭگونى بالدۇرراق رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا زور ياشانغانلار توپىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇشى، ياشانغاندا يۆلەنچۈكى بولۇشى، ياشانغاندا خۇشاللىقى بولۇشى، ياشانغاندا خاتىرجەملىكى بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپتىكى تەڭپۇڭ بولماسلىق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ھەربىر بالىنى ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلغىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا خەلقنىڭ دېموكراتىيە، قانۇنچىللىق، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، بىخەتەرلىككە بولغان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرغىلى بولىدۇ؟

......

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى.

9 - ئايدا توسما ئۈستىدە كۆك ئاسمان، ئوتلاق، ئايلىنىۋاتقان غايەت زور «چاقپەلەك» بىر - بىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ تۇراتتى. بۇ جاي دۆلەت پىلانلىغان 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك توققۇز شامال ئېلېكتىر بازىسىنىڭ بىرى بولۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ «يېشىل قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى»گە ئايلىنىشىغا كۈچ قوشىدۇ.

«جۇڭگو دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسەت ۋە تەدبىر قوللىنىپ، كاربون تۆت ئوكسىدى قويۇپ بېرىشنى 2030 - يىلىدىن بۇرۇن چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشكە تىرىشىپ، 2060 - يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدۇ».

رەئىس شى جىنپىڭ 75 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە مۇھىم سۆز قىلىپ، پۈتۈن دۇنياغا جۇڭگونىڭ يېشىل تەرەققىيات يولىدا ماڭىدىغانلىقىدىن ئىبارەت كۈچلۈك سىگنال قويۇپ بەردى.

زامانىۋىلاشتۇرۇپ تىپنى ئۆزگەرتىش يولىدا، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىشى يەر شارىۋى تەرەققىيات ئۈچۈن «جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى»نى قوشتى.

60 نەچچە يىل، بىر 60 يىللىق دەۋرىيلىكتىن ئېشىپ كەتتى. 1 - بەش يىللىق پىلاندىن 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلانغىچە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

«14 - بەش يىل» مۇساپىسىگە ئاتلىنىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، «جۇڭگو ناملىق» غايەت زور پاراخوت داۋاملىق يېڭى تەرەققىيات مۆجىزىسىنى ياراتقۇسى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.